«قوش ئەرەب مازىرى» ۋە ئۇنىڭ ئاتىلىش تارىخىي سەۋەبلىرى مۇھەممەدتۇرسۇن مەجىددىن
قوشراپ يېزىسى ئەسلى يەكەن خانلىقى دەۋرىدىلا ئاۋات چوڭ يېزىلاردىن بىرى ئىدى. شۇ زامانلاردا بىنام ئېچىپ تېرىلغۇ يەرلەرنى كېڭەيتىپ ئۆز تۇرمۇشىنى باياشاد ئۆتكۈزۈپ كەلگەن بۇ يېزا خەلقى ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرىنى ئادا قىلىشتا مېيىتنى ئۆرپ-ئادەت بويىچە ئۇزىتىپ، تېرىلغۇ يەردىن ئېگىز ھەم يىراق بولغان دۆڭلۈك، قاراقلارغا دەپنە قىلىپ كەلگەن ۋە كەلكۈن، تاغ سۇلىرىنىڭ قەبرىلەرنى سۈرۈپ كېتىشىدىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بۇ ئادەتنى تاكى ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن، شۇنداقلا يەنە بىر تەرەپتىن ئادەم كۆپ، تېرىلغۇ يەرنىڭ ئازلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۆلۈم -يېتىم ئىشلىرىدا مېيىتنى ئامال بار تېرىلغۇ يەردىن سىرتتا قويۇشقا ئادەتلەنگەن. ھازىرمۇ ئۇلۇش تەرەپتىكى يىرما، لەنگەر، تۆلكەن، بازار كەنتىدىكىلەرنىڭ قەبرىستانلىقى قاراق تەرەپتە، كوڭگودىكى جايباغ، شاقلا تەرەپتىكى قاراقلاردا مازارلار كۆپ. بۇنىڭدىن قارىغاندا بازاردىكى يالغۇز گۈمبەز بىلەن كوڭگو تەرەپ قاراقتىكى يەنە بىر يالغۇز مازار ئەينى چاغدىكى يۇرت چوڭلىرىنىڭ ياكى ئۇلۇغ ئۆلىمالارنىڭ ۋە، ياكى خەلق قەھرىمانلىرىنىڭ مازىرى بولۇپ، كىشىلەر ئۇلارغا ئالاھىدە ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مېيىتىنى باشقىلاردىن ئايرىم قويغانلىقى ئەمەلىيەتتىن يىراق ئەمەس. لېكىن ھازىر بۇلارنىڭ تەزكىرە ياكى ياكى تارىخىي ماتېرىيالى تېپىلمىدى. بۇلار كېيىنكى بىر قىسىم كىشىلەر تەرىپىدىن يوقىتىۋېتىلگەن.
ھازىر كىشىلەر كوڭگودىكى مازارنى ئەبۇ مۇسا ئەشئىرى دېگەن كىشىنىڭ، ئولۇشتىكى قەبرىنى مائاز ئىبنى جەبىل دېگەن كىشىنىڭ ياتقان ئورنى، شۇڭا قوشراپ دېگەن يۇرت نامىمۇ ئەسلى قوش ئەرەب دېگەن سۆزنىڭ ئۆزگىرىشىدىن كەلگەن، دەپ قارىماقتا. بۇ ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، كىشىلەر ئېغىزىدا ئېيتىلىپ كەلگەن بۇ ئىككى كىشى ئەرەبلەر تارىخىدا چوڭ ئورۇن تۇتقان ھەم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام زامانىدا مەككىدىن ئايرىلىپ باقمىغان كىشىلەر بولۇپ، ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن ئايرىلمىغان ياكى aچىقىپ باقمىغان بۇ كىشىلەرنىڭ بۇ دىياردا يېتىشى (دەپنە قىلىنىشى) ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.
دىيارىمىزدا نامى ئاتىلىپ كەلگەن بۇ ئىككى ئەرەبزادە ساھابە يەكەنگە ئەسلا كەلمىگەن كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ياتقان جايى ھەم بىزگە مەلۇم ئەمەس. تارىخىي پاكىتلاردىن ھەم ئىسلام تارىخىدىن قارىغاندا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىنى پەتىھ قىلغاندىن كېيىن ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدا بولغان يەمەن ۋىلايىتىگە بۇ ئىككى كىشى (مائاز ئىبنى جەبىل بىلەن ئەبۇ مۇسا ئەشئىرى رەزىياللاھۇ ئەنھۇ)نى ۋالىي قىلىپ تەيىنلىگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بار، بۇ ھەرگىزمۇ يەكەن ئەمەس ئىدى. لېكىن كىشىلەر بۇ ئىككى ئادەمنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا يەكەنگە ئۆزى يولغا سالغان دېگەن ئۇقۇمنى سىڭدۈرۈۋالغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھايات چاغلىرىدا ئەرەبىستاندىن چىقمىغان، كېيىن چاھارىيارلار (خەلىپىلەر) زامانىدا ئەتراپقا ئىسلام دىنىنى كېڭەيتىش خىزمىتىنى ئىشلىگەن. تارىخىي مەلۇماتلاردا مۇنداق يازىدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەمەنگە ئۆز تەرىپىدىن ۋالىيلارنى قويدى. يەمەننىڭ ئەدەن تەرىپىدىكى يۇقۇرى رايونغا مائاز ئىبنى جەبىل، تۆۋەنكى رايونغا ئەبۇ مۇسا ئەشئىرىنى ئەۋەتتى. روسۇلىللا ئۇلارغا مۇنداق تەۋسىيە قىلدى:‹دەپنە ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇڭلاركى، قەتئىي قىيىنلاشتۇرماڭلار، كىشىلەرگە بىشارەت بېرىڭلار، ئۇلارنى ھۈركىتىپ قويماڭلار، مەزلۇملارنىڭ بەد دۇئاسىدىن ساقلانغىن، بۇنداق دۇئا بىلەن ئاللاھنىڭ ئارىسىدا پەردە يوقتۇر›» دەيدۇ ( « مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى» 282-،381-بەتلەر).
يەنە شۇ كىتابتا:« مۇئاز ئىبنى جەبىل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ روسۇلىللا ۋاپات بولغۇچە يەمەندە تۇرىدۇ، ئەبۇ مۇسا ئەشئىرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولسا روسۇلىللا ۋىدالىشىش ھەجىنى قىلىۋاتقاندا مەككىگە قايتىپ كەلدى » دەپ يازغان. بۇ ئىككى ساھابە ئەسلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدىن نېرى بارمىغان كىشىلەر بولۇپ، پەقەت كېيىنكى چاغدا يەمەن ۋىلايىتىگە ۋالىي تەيىنلەنگەندىلا بىزگە ئىسمى مەلۇم بولغان، ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇشنىڭ ئالدى كەينىدە مەككىگە كېلىپ بولغان ۋە شۇ زېمىندا ۋاپات بولغان. شۇڭا بۇ پاكىتتىن بۇ ئىككى ئەرەب ساھابىنىڭ يەكەنگە كەلگەنلىكى مەلۇم بولمايدۇ. ئەمما، يەكەندىكى كىشىلەر قوشراپتىكى بۇ ئىككى چوڭ قەبرىنى شۇ ئىككى كىشىنىڭ دەپ تونۇپ كەلگەن. بۇ ئىككى مازارنىڭ تارىخىي سەۋەبلىرىنى، ئارقا كۆرۈنۈشىنى سۈرۈشتە قىلغاندا، يېقىنقى ئۈچ-تۆت يۈز يىل مابەينىدە شىنجاڭدا، جۈملىدىن يەكەندە يۈز بېرىپ كەلگەن سوپىزم تەلىماتىنىڭ ئىخلاسمەن ئەقىدىچىلىرى تەرىپىدىن مازار ئاشكارىلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەرەب ئەللىرىدىكى «يەمەن»نى شىنجاڭدىكى يەكەنگە ئالماشتۇرۇپ، بۇ قەبرە ئىچىدە ياتقان كىشىلەرنىڭ نام-ئەمەلىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزلىرى ئويدۇرۇپ چىقارغان ئىسلام غازاتچىلىرىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن ئالماشتۇرۇپ، نادان ئىخلاسمەنلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، ئىشەندۈرۈپ ھازىرغىچە ساقلاپ كەلگەن، ئەسلى قەبرىلەرنىڭ ئۆز تارىخىنى يوقاتقان ياكى ئۆزگەرتكەن،يالغاندىن تارىخ ئويدۇرۇپ چىققان، بۇ ئارقىلىق شۇ جايغا ۋەخپە يەر ئاجرىتىپ، خانىقا سېلىپ، مۇرت توپلاپ جارۇپكەش (ساقلىغۇچى سۇچى) ھەم شەيىخلەرنى بىكىتىپ ئۇلارغا ھەر خىل ۋاستىلەر بىلەن جان بېقىش يولىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. بۇ ھەقتە بىر قىسىم پاكىتلار بار ھەم «قەدىمقى كىتابلار تەتقىقاتى» ژۇرنىلىنىڭ 1986-يىللىق 2-سانىنىڭ 130-، 131-، 132-بەتلىرىدە ئېنىق بايانلار بار.
«قەدىمقى كىتابلار تەتقىقاتى» ژۇرنىلىدا: «مازار ئاشكارىلاش ئىشىدا خوجا ئىسھاق ۋەلى ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ» دەپ يېزىلغان بولۇپ، بۇ جايدا بىر پاكىتنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ. مەسىلەن: «بەشئېرىق ئىمام پاشا مازىرىنى خوجا ئىسھاق ۋەلە چۈشۈمگە ئايان بولدى، بۇ مازار ئىمامى پەتتالى غازىنىڭ مازىرى ئىكەن دېيىشى بىلەن ھازىرغىچە كىشىلەر ئىمامى پەتتالى مازىرى دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئىمامى پەتتالى غازى مازىرى تۈركىيە ئىستانبولدا ئىكەنلىكى ھەممە كىشىگە ئايان، بۇ بولسا بىر پاكىت» دەپ يېزىلغان.
بۇنىڭدىن قارىغاندىمۇ بىر قىسىم كىشىلەر ئۆلىما-ئالىم، قەھرىمان، داڭلىق كىشىلەر، شاھلار، تارىخىي شەخسلەرنىڭ نامىنى سۈيئىستىمال قىلىپ، بۇرمىلاپ ئۆز ئەقىدىسى بويىچە ناملارنى بېرىپ، ئۇنىڭغا تارىخ ئويدۇرۇپ چىقىپ، كىشىلەرنى ئالداش بىلەن ھازىرغا قەدەر نۇرغۇن قالايمىقانچىلىقلارنى پەيدا قىلدى. بۇنداق تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قوشراپتىكى ۋە كاچۇڭدىكى بىر قانچە مازارلار ۋە باشقا مازارلارنىڭ ھەقىقىي ياتقان ئىگىسىنى تېپىش ھەقىقەتەن تەس ھالەتكە كېلىپ قالغان. بۇنداق شارائىتتا قوشراپتىكى بۇ ئىككى مازارنى «قوش ئەرەب مازىرى»، قوشراپنى «قوشئەرەب نامىغا باغلىق بولغان يەر نامى» دەپ ئاتاش ئەمەس، بەلكى تارىخىي پاكىتلاردىن كەلگەن «قوشلاپ» سۆزىدىن كەلگەن دەپ قاراش لازىم. لېكىن تېخىمۇ ئىزدىنىپ بۇ ئىككى مازارنىڭ ھەقىقىي ئىگىسى بىلەن تارىخىنى بىلىش بىزنىڭ ھەم كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم ئىشلىرىدىن بىرىدۇر.
(ئاپتور:يەكەن ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىدا)
|