- تىزىملاتقان
- 2015-10-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1237
- نادىر
- 0
- يازما
- 41
ئۆسۈش
23.7%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا eltugh-yarkant تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-22 15:33
مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە: يەكەننىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان ئېلىشقۇ، خاڭدى، دۆڭباغ يېزىلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ سۆزلەش ئادىتى ، شېۋىسى، تەلەپپۇزى مەكىت ۋە مارالبېشى كىشىلىرىنىڭ تىل ئادىتىگە خېلى يېقىن، چۈرۈك، جانلىق سۆزلەيدۇ. بولۇپمۇ «ر» تاۋۇشىنى «ي» لاشتۇرۇشتىن خېلىلا يىراق. «ئۆ» تاۋۇشىنى «ئۈ» تەلەپپۇز قىلىشقا ئامراق. مەسىلەن: «ئۆزۈم، كۆزۈم، سۆزۈم...» لەرنى «ئۈچۈم، كۈزۈم، سۈزۈم» دەپ تەلەپپۇز قىلىدۇ.
يەكەننىڭ جەنۇبىي قىسمىغا، يەنى قاراقۇرۇم تاغلىرىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان دامسى، قوشراپ، كاچۇڭ يېزىسىنىڭ بىر قىسمى قاتارلىق تاغلىق يېزىلارنىڭ شىۋىلىرىدە، سۆزلەش، تىل ئىشلىتىش، تەلەپپۇز، ئىسىم قويۇش (مەسىلەن: بۇ يۇرتلاردا مىسەن، زاۋۇت، قارلىغاچ، قەھرىمان، باتۇر... دېگەندەك ئىسىملار باشقا جايغا قارىغاندا كۆپرەك ئۇچرايدۇ) قاتارلىق تەرەپلىرىدە خوتەن دىيالىكتى بىر قەدەر تىپىك گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ توي-تۆكۈن، نەزىر -چىراق، جەمەت قوغلىشىش قاتارلىق تەرەپلىرى يەكەننىڭ باشقا جايلىرى بىلەن كۆرۈنەرلىك پەرقلىنىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە، بۇ رايونلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ خوتەن تەرەپلەردىن كەلگەنلىكىنىڭ دەلىلى.
يەكەننىڭ غەربىگە جايلاشقان چارەك بازىرى قاتارلىق جايلارنىڭ تىل شىۋىسى قەشقەر، ئاتۇش تەرەپلەرگە يېقىن. بۇ يەردىكى كىشىلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ قەشقەر، ئاتۇشلۇقلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.
يەكەندىكى باشقا جايلارنىڭ تىل ئىشلىتىش ئادىتىگە قىسمەن خوتەن شىۋېىسى ئارىلىشىپ قالغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئاساسىي جەھەتتىن مەركىزىي دىيالكىتقا يېقىن تۇرىدۇ.
تەۋسىيەم: سىز بىر مەسئۇلىيەتچان يۇرت ئوغلى بولسىڭىز، ئۆز يۇرتىڭىز نىڭ تارىخى، جۇغراپىيەسى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى، يەر -جاي ناملىرى، ئەپسانە- رىۋايەتلىرى، مەشھۇر كىشىلىرى ھەققىدە ئىزدىنىپ ماتېرىيال توپلاپ قويۇڭ. بۈگۈنكى ئاپئاق ساقاللىق «قامۇس» ئەتە تۇرمايدۇ. ئاشۇ «قامۇس»لارنىڭ ئېغىزىدا تۈمەنلىگەن ھېكمەتلەر تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ. ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇڭ!يۇرتنىڭ ھەقدارى تۇرۇپ سىز ئىزدەنمىسىڭىز باشقىلار ئىزدىنىدۇ، ئەمما، باشقىلار ھەر قانچە ئىزدەنسىمۇ سىز چۆككەن چوڭقۇرلۇققا چۆكەلىشى ناتايىن! |
|