- تىزىملاتقان
- 2014-4-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5933
- نادىر
- 0
- يازما
- 428
ئۆسۈش
18.66%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qahqakqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-24 13:28
دىمەك باغداشقا ئۇۋا سالغان بىر نەچچە «ۋەزىپە بىلەن خىزمەتكە چۈشكەن»لەرگە يېڭىدىن يەنە بىر تۈركۈم «خىزمەتداشلار»قېتىلىپ ھەرقانداق تېما بولسا سىلەر ھۆددە ئېلىپ ،دەسسەپ-چەيلەپ ئادەمنى ھۆ قىلدۇرىۋېتىدىغان ھالەتكە كەپسىلەر.ئۇيغۇرچە خەت يازالايدىغانلىقىڭلاردىن باشقا سىلەرنىڭ ئاساسلىق خىزمىتىڭلار ئىسلامنى،ئىسلام دىنىنى،مۇسۇلمانلارنى،مۇسۇلمان تالىپلارنى،ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلغۇچىلارنى ،ئالىم ئۆلىمالارنى مەسخىرە قىلىش،ھاقارەتلەش،سېسىتىش....قاتارلىق پەس ئىشلارنى قىلىش ئورنىغا سىلەر نىمىگە ئېرىشىۋاتىسىلەر؟بىلىمەن،مۇشۇ بىر نەچچەڭلار مۇشۇنىڭ ھىسابىغا زەھەر خۇمارىنى بېسىش ئۈچۈن ئىتقا نان تاشلاپ بەرگەندەك بېرىلگەن بىرەر شورام زەھەرنى دەپ مۇشۇنداق قىلىۋاتىسىلەر،بەزىلىرىڭلار يەنە باشقا ئىشلار ئۈچۈن «ۋەزىپە ئورۇنداۋاتىسىلەر»سىلەر چوشقىدىنمۇ دۆت ئەقلىڭلار بىلەن جاھاننىڭ ئىگىسىنى خاتا تۇنۇپ قېلىۋاتىسىلەر.سىلەرگە مىڭ پاكىت،مىڭ دەلىل،مىڭ ھەقىقەت دىيىلسىمۇ سىلەرنىڭ ئەقلىڭلار ئۆلگەنلىكى ئۈچۈن ھېچنىمە چۈشەنمەيسىلەر،شۇڭا سىلەرگە مۇنبەردە چۈشەندۈرۈش ھاجەتسىز،شۇنداقتىمۇ ئىنكاسىڭلاردىكى شۇنچە قاتتىق مەسخىرىلەرگە پەقەت سەبر قىلىۋاتىمىز،ھەم بۇنىڭدىن ئارتۇقىنى ئاللاھقا قۇيىۋاتىمىز.بىر تامچە سۇنىڭ ھىسابىنى ئالىدىغان ئاللا سىلەرنىڭ مۇشۇنداق ئۇچىغا چىققان چوڭ گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۋېتىدۇ دەپ ئويلامسىلەر؟بوپتۇ بەزىلىرىڭلار دىنغا ئىشەنمەيمەن دەپسىلەر،ئىشەنمىگەن ئادەم نىمىشقا بۇنچە ئەزۋەيلەپ كىتىسىلەر ئاتايىن ئىنكاس يېزىشىپ..؟قىيامەتنى ئۇنتۇپ قالماڭلار،ئۇ چاغدا قىيامەتنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھتىن قورقۇڭلار،ئۇ كۈندە قىيامەتنىڭ دەھشەتلىكىلىگىدىن بۇۋاقنىڭ چېچى ئاقىرىپ كىتىدۇ(بۇ گەپنى ھەرگىز مۇنداقلا چۈشىنىپ قالماي ئوبدانراق ئويلىنىپ باقارسىلەر).قىسقىسى سىلەرنىڭ ئويۇڭلاردەك ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى مۇرتەد بوپ كەتسىمۇ ئاللاھنىڭ بۈيۈكلىگىدىن زەرىچىلىك كېمىيىپ كەتمەيدۇ ،ھەممىسى كۈندۈزى رامىزان،كېچىسى ئۇخلىماي ئىبادەت قىلىدىغان بوپ كەتسىمۇ ئاللاھنىڭ بۈيۈكلىكى ئارتىپ كىتىدىغان ئىش بولمايدۇ.ھەممىمىز يولدا ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىمىزنى كۆرسىتىپ تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدىن ئۆتىۋاتقاندەك قىيامەتتىمۇ ئۆزىمىزنىڭ ياخشى -ياكى يامان ئەمىلىمىز ئارقىلىق ھىساپ بېرىمىز.گۈلەن ئەپەندىنى بۇرۇن مەنمۇ بەك ھۆرمەتلەيمەن،يازمىلىرىنى ياخشى كۆرەتتىم،لىكىن يېقىنقى يازمىلىرى مىنىڭمۇ گۇمانىمنى قوزغىدى،ھۆرمىتىم سۇسلاشتى،لىكىن سەبر قىلدىم.بەلكىم گۈلەن ئەپەندىمۇ بىرەر ۋەزىپە بىلەن خىزمەتكە چۈشكەندۇ،مۇشۇ بىرنەچچە يازمىلىرى ئارقىلىق باشقىلارنىڭ كۆرسىتىپ بېرىۋاتقان خاتا جايلىرىنى ئۆزىمۇ سەزگەندۇ ياكى جاھىللىقى ئۈستۈن كىلىپ پەرۋا قىلمايۋاتقاندۇ،ئەمەلىيەتتە بۇ يازمىلار ئارقىلىق گۈلەن ئەپەندى تور دۇنياسىدائۆزىنى بەكرەك تۇنۇتۇشقا تېرىشقاندۇ،چۈنكى ئالدىنقى قېتىملىق مارافۇنچە يېزىلغان تېمىلىرى دىگەندىكىدەك ئۈنۈم بېرەلمىدى،يەنى ئويغىنىشقا چاقىرغان چاقىرىقلىرى پەقەت قۇرۇق شۇئاردەكلا ئەھمىيتى بولمىدى،شۇڭا بۇ قېتىم ئۇسۇلنى ئۆزگەرتكەن بولىشى مۈمكىن،لىكىن بۇ يولنى تاللاپ بەك چوڭ گۇناھنى يۈكلىۋالدى،يازما يېزىش قانۇنسىزلىق بولمىغاندىكىن ئۆزىنى كۆرسىتىش ،كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن مۇشۇ يولنى تۇتسا ئاندىن كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتالايدىغانلىقىنى بىلدى-دە مۇشۇ يولنى تاللىدى....گەرچە راستىنلا نەچچە يازمىسى بىلەنلا تېمىلىرى ئاۋاتلىشىپ باغداشنى ئالدىراش قىلىۋەتكەن بولسىمۇ لىكىن يەنە باشقا نۇرغۇن داڭلىق تور بېكەتلىرى بۇ تېمىلاردىن خەۋېرى يوق يۈرىشىۋەردى....بىر تۈركۈم زىدە پەسلەر يىغىلىپ ئوۋا قىلغان باغداش مانا مۇشۇنداق ئاۋات بوپ كەتتى....دىمەك گۈلەن مەقسىدىگە يەتتى،بەلكىم مۇكاپاتىنىمۇ ئېلىپ يەۋاتقاندۇ.....مەيلى نىمىلا بولمىسۇن ئۇيغۇرچە خەت يېزىپ مۇنبەرلەردە ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى،ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا توغرا دەپ بېكىتىپ بەرگەن ئىسلام دىنىنى،مۇسۇلمانلارنى،بولۇپمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنى مەسخىرە قىلىۋاتقانلار،مەسخىرە قىلىۋاتقانلارغا يول كۆرسىتىپ بېرىۋاتقانلار،شارائىت ۋە سورۇن بىلەن تەمىنلەۋاتقانلار،قىسقا ۋاقىتتا ھىساپ بېرىدىغانلىقىڭلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار،ئاللاھنىڭ پەزلى-مەرھىمىتى كەڭدۇر،توۋبە قىلىڭلار ئاللا كەچۈرىدۇ،ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار ئاللا كۆرۈپ بىلىپ تۇرىدۇ،بۇ دۇنيانىڭ ئەرزىمەس نېھمىتىنى دەپ ئاخىرەتلىكىڭلارنى نابۇت قىماڭلار...سىزمۇ شۇ گۈلەن ئۇستاز................ |
|