- تىزىملاتقان
- 2014-12-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 11989
- نادىر
- 0
- يازما
- 571
ئۆسۈش
4.97%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا jimsary تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-24 13:01
گۈلەنگە رەددىيە بېرىپ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان «مۆلەن» تېخى تۇغۇلمىدى. گۈلەننىڭ ئەسەرلەرىدىن ھېس قىلىشىمچە، ئۇنىڭ يازغانلىرى، بىز كۆرىۋاتقان، ئوقۇۋاتقان رىۋايەت، قىسىسە، ئوبزور، تارىخى ئەسەرلەرگە ۋە ۋەز نەسىھەت، ئۆگۈتلەرگە ئوخشاش مەزمۇنلار بولسىمۇ، ئۇلارغا پەقەتلا ئوخشاش بولمىغان بىر تەرەپى، ئۇنىڭ شۇ رىياللىقتا ياشاپ، كۈزۈتۈپ، ئورتاق بولغان مەسەلىلەرنى رىيال ئەمەلىيەتتىن تاپقانلىقىدا ھەم دىگەنلىرىنىڭ راستلىقىدا. گۈلەنننىڭ يازغانلىرى، ئويدۇرما ئەمەس، مۇبالىغە قىلىنغان ئەمەس، بۇرمىلانغانمۇ ئەمەس. ئۇنى بىر رىيالىزىم رىۋايەتچىسى، قىسىسەچىسى، تارىخچىسى، زىيالىسى دەپ قارايمەن. گۈلەن، ئۆزىنىڭ دىمەكچى بولغان مەرگەزى ئىدىيەسىنى ئىپادىلەشتە، قوللانغان بەزى ئىبارەلەرى، دىگەندەك توغرا ياكى جايىدا بولماغان يىتەرسىزلىكى بار. بۇنى، مۆلەنلەرنىڭ رەددىيەلەرىدىن بىلگەلى بولۇدۇ. ئەمما، بۇلار، ئۇنىڭ مېغىزىغا تەسىر كۆرسۈتەلمەيدۇ. گۈلەن ئەسەرلەرى، خۇددى بىر چوڭ قۇرۇمتاشقا ئوخشاش ئوتتۇرىغا چىقىپ قالدى. بۇ قۇرۇمتاشنى باھالىغۇچى مۆلەنلەر، ئۇنىڭ كاۋاك، پۇچۇلغان، يېرىلىپ قالغان يەرلىرىگە ئالماس ئۈشكىلەر بىلەن ئۈشكىلەپ، ئۇنىڭ پوستىدىن قۇسۇر تاپتى. ئەمما، بۇنىڭ بىر ئېسىل قۇرۇمتاش ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلالمىدى. گۈلەن ناملىق قۇرۇمتاشنى رەت قىلىش ئۈچۈن، مۆلەن ناملىق يەنە بىر قۇرۇمتاشنى ئۇنىڭ يېنىغا ئەكىلىش زۆرۆر. ئۇنداق قۇرۇمتاشنى ئوتتۇرىغا چىقارماي تۇرۇپ، ئالدىمىزدا تۇرغان قۇرۇمتاشنىڭ ئۇ يەر-بۇيەرلىرىگە قاراپ ئۇنى رەت قىلىش، بويى يەتمىگەن ئۈزۈم ئاچچىق دىگەن خۇلاسەنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئوتتۇرا شەرقتىكى ھازىرقى رىياللىققا كۆز يۇمساق بولمايدۇ. گۈلەن، ھېچكىمنى ماختىغانى ياكى چۆكۈرگەنى يوق. پەقەتلا مەۋجۇد شەيئىلەرنى، ھادىسىلەرنى گىرىم قىلماستىن ئەينەنرەك بايان قىلدى. دىمەك، ئوتتۇرا شەرقتىكى رىياللىق ئۆزگەرمەي تۇرۇپ، بىزنىڭ تەپەككۇر ئۇسولىمىز ئۆزگەرمەي تۇرۇپ، گۈلەن ئەسەرلەرىنى رەت قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئوتتۇرا شەرق رىياللىقى ياخشى تەرەپكە ئۆزگەرىپ كەتكەن كۈنى، خۇدايىم ئۆمۈر بەرسە، گۈلەن يەنە يېزىپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇ چاغدا، ئۆزىنىڭ ھازىرقى ئەسەرلەرىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلىكىنى، رىياللىققا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى، رەت قىلىشنىڭ زۆرۆرلىكىنى، شۇ چاغدا دۇنياغا ئۆزى جاكارلايدۇ. گۈلەننىڭ ھازىرقى يازغانلىرىنى رەت قىلىش ئۈچۈن، ئوتتۇرا شەرق رىياللىقىنى ياخشىلاشقا تىرىشىش كېرەك. بۇنىڭغا ئاز بولسا 25 يىل، كۆپ بولسا، يەنە 50 يىل كېتىشى مۇمكىن. دىمەك، گۈلەننىڭ دىگەنلىرى، يەنە 50 يىل كۈچكە ئىگە بولۇدۇ، 50 يىلغىچە ھېچكىم نىمىلا دىگەن بىلەن رەت قىلالمايدۇ دىگەن گەپ. شۇڭا، دەيمەن، گۈلەننى رەت قىلىپ ھۆددىسىن چىقالايدىغان مۆلەن تېخى تۇغۇلمىدى. گۈلەن بۇرادەرنىڭ ئەسەرلىرى، ھەر قايسى كىشىلەرىمىزنىڭ دىققەت ئېتىۋارىنى قوزغاپتۇ، ئۇيقۇسىنى ئېچىپتۇ. يەنە تېخى ئۇخلاپ ياتقان مۆلەنلەرنىڭ ئۇيغۇنىشى ئۈچۈن، داۋاملىق يازىپ تۇرۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
|
|