- تىزىملاتقان
- 2015-8-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3631
- نادىر
- 0
- يازما
- 371
ئۆسۈش
54.37%
|
شىمالىي كورېيە دۇنيادىكى ئەڭ رەزىل ھاكىمىيەتتۇر، بۇ دۆلەت بەئەينى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئوخشايدۇ. كىم جۇڭئۇن شىمالىي كورېيەدىكى بىردىنبىر سېمىز ئادەمدۇر، قالغانلىرىغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەي ئورۇق، ئاۋاق ھالەتتە ياشايدۇ. بۇ دۆلەتتە غالجىر ھاكىمىيەتنى قوغدايدىغان ھەربيىيلەرنىڭ تەمىناتى ياخشى، لېكىن بىچارە پۇقرانىڭ قورسىقى تويىشىمۇ بىر ئېغىر مەسىلە، ئۆزى ئىشلەپچىقارغان ئاشلىقتا ئۆزىنى باقالمايدۇ. باشقا دۆلەتلەر شىمالىي كورېيە ھاكىمىيىتىگە ئەمەس پۇقرالىرىغا ئاشلىق ياردەم قىلسا كىم جۇڭئۇن دېگەن پور كاللا ئاشۇ ئاشلىقنىمۇ ئىسكىلىت شاھقا ئوخشاپ قالغان پۇقرالىرىىغا بېرىشكە پايلىماي كۆپ قىسمىنى ھەربىيلەرگە بېرىدۇ، نەتىجىدە ھەر يىلى ناھايىتى نۇرغۇن شىمالىي كورېيە پۇقراسى ئاچارچىلىقتىن ئۆلۈپ كېتىدۇ. كىم جۇڭئۇن دېگەن پور كاللا رەزىل ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بارلىق مەبلەغلىرىنى توختىماي ھەربىي سانائەتكە ۋە ھەربىي قىسىم قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىدۇ، ئاچ قېلىپ ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەر بىلەن رەزىل ھاكىمىيەتنىڭ كارى يوق، ئەكسچە ئاچارچىلىقتا ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ سانىنى خەلقئارا جەمئىيەتتىن يۇشۇرىدۇ. شىمالىي كورېيە ئىنتايىن تۇزكور دۆلەتتۇر، بۇ رەزىل ھاكىمىيەتكە جۇڭگو غايەت زور ياردەم قىلغان، ھازىرمۇ ياردەم قىلىۋاتىدۇ، لېكىن جۇڭگودىن ياردەم ئېلىپ تۇرۇپ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ئېغىز گېپىنى ئاڭلىمايدۇ، دائىم جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپ-پىكىرىلىرنى رەت قىلىدۇ، ئۆزى خالىغىنىنى قىلىپلا يۈرۈيدۇ. ھازىر جۇڭگو ھۆكۈمىتىمۇ شىمالىي كورېيە دېگەن پەسكەش ھاكىمىيەتنى قوللىغىنىغا پۇشايمان قىلىۋاتىدۇ ھەم ئىنتايىن بىزار بولدى. چۈنكى شىمالىي كورېيە يادرو بومبىسى ۋە ۋودرود بومبىسى سىناق قىلىش ئارقىلىق جۇڭگونىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈپ قويدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خەلقئارادا تېخىمۇ يېتىم بولۇپ قالدى. ئەگەر جۇڭگو پۇقرالىرى ئۇقۇشماي شىمالىي كورېيە چېگراسىغا كىرىپلا قالسا شىمالىي كورېيە ھەربىيلىرى جۇڭگو پۇقرالىرىنى ھېچقانداق گەپ سورىمايلا ئېتىپ ئۆلتۈرىۋېتىپ جۇڭگودا خېلى كۆپ بەس-مۇنازىرە قوزغىدى، جۇڭگونىڭ قوشنىلىرى ئىچىدە چېگرادىن ئۇقۇشماي ئۆتۈپ كەتكەن جۇڭگو پۇقرالىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرىۋېتىدىغان نوچى دۆلەتتىن پەقەتلا شىمالىي كورېيەلا بار، شىمالىي كورېيەنىڭ جۇڭگو پۇقرالىرىنى قالايمىقان ئۆلتۈرىۋېتىدىغان قىلمىشى بىر قېتىم ئەمەس نەچچە قېتىم يۈز بەردى. شۇنىڭ جۇڭگولۇقلار شىمالىي كورېيە دېگەن دۆلەتتىن يىرگىنىشكە باشلىدى، بۇنداق غالجىر ئىتلارغا ياردەم قىلغاننىڭ پايدىسى يوقكەن دېگەن يەرگە كەلدى. ئەگەر جۇڭگو ياردەم قىلسا شىمالىي كورېيە كۈچۈكلىنىپ تۇرۇپ ياردەمنى ئالدى، ياردەمنى ئېلىپ بولۇپ جۇڭگونىڭ تۇمشۇقىغا سېلىۋاتىدۇ. شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ پارك گيۇنخاينى ئۇنداق بەتبەشىرە تىللار بىلەن تىللىشى ئۇلارنىڭ پىسخىك ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىسى، ئۇلار شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى يۇشۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. شىمالىي كورېيە شۇنچە نامرات، دىۋانە، قەلەندەر تۇرۇپ جەنۇبىي كورېيەنى ئازاد قىلىمىز دەپ غەلىتە گەپلەرنى قىلىپ يۈرىدىكەن. جەنۇبىي كورېيە بىلەن شىمالىي كورېيەنىڭ ھەر قانداق ساھەسى ئاسمان-زېمىن پەرق قىلىدۇ. بىرى ئىنتايىن ئىلغار دۆلەت، يەنە بىرى ئىنتايىن قەبىھ دۆلەت. |
|