- تىزىملاتقان
- 2014-1-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7266
- نادىر
- 0
- يازما
- 515
ئۆسۈش
45.32%
|
ماۋۇ يەردە فارسچە سۆزدىنمۇ گۈزەل سۆز باركەن:
"...بۇنىڭدىن كېيىن تۇرىدىغان ئۈچ خىل مۇھىم تىل بار، بۇلارنىڭ شاخلىرى ۋە تارماقلىرى ئىنتايىن كۆپ.ئاساسلىق تىللارنىڭ مەنبەسى مۇشۇ ئۈچ خىل تىل يەنى تۈرك، فارس ۋە ھىندى تىللىرىدۇر. بۇ تىللارنىڭ مەنبەسى نوھ ئەلەيھىسسەلامنىڭ ئوغۇللىرىدىن بولمىش يافەس، سام ۋە ھاملارغا بېرىپ تاقىلىدۇ، بۇنىڭ قىسقىچە بايانى مۇنداق:
نوھ ئەلەيھىسسەلام توپان ئاپىتىدىن نىجات تېپىپ قۇرۇقلۇققا چىققاندا، بۇ ئالەمدە ئىنسان جىنسىدىن ئەسەر قالمىغان ئىدى. نوھ ئەلەيھىسسەلام تارىخچىلار تەرىپىدىن «ئەبۇتتۈرك» دەپ ئاتالغان يافەسنى خەتا مەملىكىتىگە ئەۋەتتى، «ئەبۇلفارس» دەپ ئاتالغان سامنى ئىران ۋە تۇران مەملىكەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ھاكىم قىلدى، «ئەبۇلھىند» دەپ ئاتالغان ھامنى بولسا ھىند يۇرتىغا ئەۋەتتى. بۇ ئۈچ پەيغەمبەرزادەنىڭ بالىلىرى ۋە نەۋرىلىرى شۇ يەرلەردە ئاينىپ كۆپەيدى. يافەسنىڭ ئوغلى تۈركلەرنىڭ بوۋىسىدۇر، ئۇنى تارىخچىلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرلىك تاجى بىلەن ھەممىدىن يۈكسەك بولدى، رىسالەت مەنسەبى بىلەن قېرىنداشلىرىدىن ئۈستۈن تۇردى، دەيدۇ. دېمەك تۈرك، فارس ۋە ھىندى تىللىرى يافەسنىڭ، سامنىڭ ۋە ھامنىڭ بالىلىرى، نەۋرىلىرى ۋە نەۋرىلىرىنىڭ نەۋرىلىرى ئارىسىدا مانا شۇ يوسۇندا يېيىلدى... بۇ يەردە ئەرەب تىلى بەك يۇقىرى شەرەف ۋە ئالىي مەرتىۋىگە ئىگە بولغانلىقى، ھىندى تىلى بولسا تولىمۇ تۆۋەن دەرىجىلىك بولغانلىقى سەۋەبلىك ئارىدىن چىقىرىلىپ، پەقەت تۈركىي تىل بىلەن فارس تىلىلا مۇھاكىمىگە قويۇلىدۇ.
شۇ نەرسە مەلۇمكى، تۈركلەر سارتلارغا① قارىغاندا ئۆتكۈر ۋە ئىدراكلىق، يارىتىلىش جەھەتتىن ساپ خەلقتۇر. سارتلار بولسا، چۈشەنچە، ئىلىم ۋە پىكىر قىلىشتا تۈركلەرگە قارىغاندا مۇپەسسەل ۋە چوڭقۇردۇر. بۇ ھال تۈركلەرنىڭ تۈركلەرنىڭ توغرىلىقى ۋە تۈز كۆڭۈللۈكىدىن، سارتلارنىڭ ئىلىم ۋە ھۈنەرلىرىدىن ئېنىق كۆرۈنىدۇ. ئەمما تىللىرىدا ئۈستۈنلۈك ۋە ئۆكسۈكلۈك جەھەتتىن پەرق بەك چوڭ. سۆز-ئىبارە يارىتىشتا تۈركلەر سارتلاردىن ئىلگىرى تۇرىدۇ، ئۇلار ئۆز تىلىدا مەنالارنى پەرقلەندۈرۈدىغان سۆزلەر جەھەتتىن شۇ قەدەر ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغانكى، خۇدا خاھلىسا، ئۆز مۆرىتىدە بايان قىلىنىدۇ. تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇنلىشىش ئىقتىدارىنىڭ سارتلارنىڭكىدىن ئارتۇقلۇقىغا دەلىل-ئىسپات بۇنىڭدىن لايىق بولمايدۇكى، تۈركلەر بىلەن سارتلاردا ياشلارنىڭ، قېرىلارنىڭ، چوڭلارنىڭ، كىچىكلەرنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى ئوخشاش دەرىجىدە بولۇپ، ئۇلار ئۆزئارا ئالاقىلىشىدۇ، گەپلىشىدۇ، يەنە كېلىپ سارتلاردا بىلىم ۋە زېھىن ئەھلى كۆپرەك، تۈركلەردە بولسا بىلىمسىز ۋە ساددا كىشىلەر سارتلارغا قارىغاندا كۆپرەك. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي تۈركلەرنىڭ چوڭىدىن كىچىكىگىچە، پۇقراسىدىن بېگىگىچە دېگۈدەك فارس تىلىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ، ھەممىسى ئۆز ئەھۋالىغا يارىشا سۆزلىيەلەيدۇ، بەزىلىرى ئىنتايىن كېلىشتۈرۈپ سۆزلەيدۇ، ھەتتا تۈرك شا’ئىرلىرى فارس تىلىدا گۈزەل شې’ئىر ۋە شېرىن ماقالىلەرنىمۇ يازالايدۇ. لېكىن سارت ئۇلۇسىنىڭ ئەڭ تۆۋىنىدىن ئەڭ يۇقىرىسىغىچە، ئاممىسىدىن دانىشمىنىگىچە ھېچقايسىسى تۈركچە سۆزلىيەلمەيدۇ ھەم تۈركچە سۆزنى چۈشىنەلمەيدۇ. يۈزدىن بەلكى مىڭدىن بىرى تۈركچە ئۆگىنىپ سۆزلىسىمۇ ئاڭلىغان ئادەم ئۇنىڭ سارت ئىكەنلىكىنى بىلىۋالىدۇ، نەتىجىدە، سۆزلىگۈچى ئۆز سۆزى بىلەن ئۆزىنى مەسخىرە قىلغاندەك بولىدۇ. تۈركلەرنىڭ سارتلارغا قارىغاندا ماسلىشىشچان ئىكەنلىكىگە بۇنىڭدىن كۈچلۈك دەلىل يوقكى، سارتلارنىڭ ھېچقايسىسى بۇنى ئىنكار قىلىشقا پېتىنالمايدۇ. تۈركىي تىلدا پىكىرنى مۇبالىغە يولى بىلەن ئىپادىلەش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان بىرمۇنچە نازۇك ئۇقۇملۇق سۆزلەر يارىتىلغانكى، بۇنى شۇ تىلنىڭ ئالىملىرى چۈشەندۈرۈپ بەرمىگۈچە باشقىلار ئۇنىڭ تېگىگە يېتەلمەيدۇ. مەسىلەن:
ئەسلىي تەلەپپۇزى ھازىرقى تەلەپپۇزى ۋە مەناسى [ ئەركمان ]
قورۇقشاماق (قۇرۇشماق)
ئۆڭدەيمەك (ئوڭلانماق)
چېكرىمەك (ئۇيقۇسىزلانماق)
دومسايماق
ئۇمۇنماق (ئۈمتەلمەك، تەمە قىلماق)
ئوسانماق (بەزمەك)
ئىگىرمەك
ئىگەرمەك
ئۆخرەنمەك (باتۇر بولۇۋالماق)
تارىقماق (سىقىلماق)
ئالداماق
ئارغاداماق (ھىيلە بىلەن يەڭمەك)
ئىشەنمەك
ئىگلەنمەك (يارالانماق)
ئايلانماق
ئىگرەنمەك (ئىڭرىماق)
ئاۋۇنماق
قىستاماق (قىستىماق)
قىيناماق (ئەيىبلىمەك)
قوزغالماق
ساۋرۇلماق (سورۇلماق)
چايقالماق
قىزغانماق
نىكەمەك (تەڭلىمەك)
سىيلانماق (ئىززەتلەنمەك)
تانلاماق (تاللىماق)
قىمىرداماق (قىمىرلىماق)
سېرپمەك (سەپمەك، چاچماق)
سىرمەمەك (سيرىپ ئالماق، يۇلۇپ ئالماق)
سىغرىقماق (سىغماق)
سىغىنماق (پاناھ قىلماق)
قىلىماق (قىلماق)
يالىنماق (يېلىنماق، يېلىنجىماق)
مۇڭلانماق
ئىندەمەك (ئۈندىمەك)
تېرگەمەك (تەرگىمەك، سۈرۈشتۈرمەك)
تېۋرەمەك (سانجىماق، تىكمەك)
قىڭغايماق
سىڭرەمەك (يۇمۇلداپ يىغلىماق)
ياشقاماق (ياشىماق)
ئېسقارماق (خىيال قىلماق)
كۆڭرەنمەك (ئۆزىچە غەزەبلىنىپ سۆزلىمەك)
سىپاماق (سىپىماق)
قارالاماق (قارىلىماق)
سۈركەنمەك
كۆيمەنمەك (باھانە قىلماق)
ئىڭرانماق (ئىڭرىماق)
تۆشەلمەك (يېيىلماق)
مۇنغايماق (مۇڭلانماق)
كۆرۈكسەمەك (كۆرگۈسى كەلمەك، سېغىنماق)
بۇشۇرغانماق (ئىچى پۇشماق، ئازابلانماق)
بۇخساماق (نالە قىلماق، بوغۇلماق)
كىركىنمەك (چايقالماق، پۇلاڭلىماق)
بۇسماق (مۆكمەك)
بۈرمەك (پۈرمەك)
تۈرمەك
تامشىماق
سىپقارماق (شورىماق، سۈمۈرمەك)
چۆركەنمەك (كۆيمەك)
ئۆرتەنمەك
سىزغۇرماق (سىزدۇرماق، سىزغۇزماق)
چوپرۇتماق (تۈزلىمەك)
جىرغاماق (زوقلانماق)
بىچىماق (پىچماق، كەسمەك)
سىڭۈرمەك (سىڭىرمەك)
كۆندەلەتمەك (ئەگمەك)
كۆمۈرمەك (غاجىماق)
بېكىرمەك (چىڭىتماق)
گۆڭۈردەمەك (گۇدۇڭلىماق، كۇسۇلدىماق، پەس ئاۋازدا سۆزلىمەك)
كېنەرگەمەك (كېڭەيمەك، يېيىلماق)
گېزەرمەك (ئۆڭمەك)
دوپتولماق (توپلانماق)
چىداماق (چىدىماق)
تۈزمەك
قازغانماق (قازانماق)
قىچىغلاماق (قىچىغلىماق)
كەڭىرەمەك (كېڭەيمەك)
ياداماق (يادىماق، جۈدىمەك، ئورۇقلىماق)
قاداماق (قادىماق)
چىقانماق (يانماق، چاپچىماق، شوخشىماق)
كۆندۈرمەك
سۆندۈرمەك (ئۆچۈرمەك)
سۇقلاتماق (شەيدا قىلماق)
بۇ يۈز سۆزنىڭ② ھېچقايسىسىغا فارس تىلىدىن لايىق سۆز تېپىلمايدۇ. سارتلار ھەتتا بۇ سۆزلەرنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ مەناسىنى چۈشىنەلمەيدۇ. ئۇلار بۇ ئۇقۇملارنىڭ بەزىلىرىنى ئىپادىلىمەكچى بولسا بىرنەچچە سۆزدىن تەركىب تاپقان ئىبارىلەرنى تۈزۈشكە مەجبۇر بولىدۇ، شۇنىڭدىمۇ ئەرەبچە سۆزلەرنىڭ ياردىمىگە تايىنىدۇ. تۈركىي تىلدا بۇ خىلدىكى سۆزلەر ناھايىتى كۆپ، بىز قارىشى پىكىردە بولغۇچىلارنى قايىل قىلىش ئۈچۈن يۇقىرىدا ئېيتىلغان يۈز سكزدىن بىرنەچچىسىنىڭ قانداق ئىشلىنىشىنى مىسال تەرىقىسىدە كۆرسىتىپ ئۆتەيلى:
كاتتا شا’ئىرلارنىڭ مەي تەسۋىرىدە مۇبالىغە قىلىشىنى بىر ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان دېسىمۇ بولىدۇ. ئۇلارنىڭ شې’ئىرلىرىدا مەي ئىچىشنىڭ ئۇسۇلىنى نازۇك جەھەتلەردىن پەرقلەندۈرۈپ ئىپادىلەيدىغان سۆزلەر ئىنتايىن كۆپ قوللىنىلغان. بۇ سۆزلەرنىڭ بىرى «سىپقارماق» بولۇپ، بۇنىڭدىن ئارتۇق مۇبالىغىنى تېپىش تەس. تۈركىي شې’ئىردا مۇنداق بىر باشلانما بېيىت بار:
بېيىت
ساقىيا تۇت بادە كىم بىرلەھزە ئۆزۈمدىن باراي،
شەرت بۇكىم، ھەر نېچە تۇتساڭ لەبالەب سىپقاراي③.
بۇ «سىپقاراي» سۆزى ئىپادىلىگەن ئۇقۇمنى فارسچە شې’ئىردا ئىپادىلەشكە توغرا كەلسە، نېمە ئىلاج قىلغىلى بولسۇن؟ تۈركىي تىلدىكى شۇ خىل سۆزلەرنىڭ يەنە بىرى «تامشىماق» بولۇپ، بۇ سۆز مەينى بىراقلا ئىچىۋەتمەي ئاز-ئازدىن ئىچىپ لەززەتلىنىش مەناسىنى بىلدۈرۈدۇ. بۇ نازۇك ئۇقۇمنىڭ تۈركىي شې’ئىردا قانداق ئىپادىلەنگەنلىكىنى مۇنۇ باشلانما بېيىتتىن كۆرۈشكە بولىدۇ:
بېيىت
ساقى چۇ ئىچىپ ماڭا تۇتار قوش،
تامشى-تامشى ئانى قىلاي نوش④.
① بۇ ئەسەردە تۈركىي تىللىق خەلقلەر «تۈرك»، فارسىي تىللىق خەلقلەر «سارت» دەپ ئاتالغان.
② بىز ئاساسلانغان مەتندە توقسان سەككىز سۆز بېرىلگەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم سۆزلەرنى ھازىرچە ئېنىقلاپ چىقالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن بۇ يەرگە كىرگۈزمىدۇق.
③ ئەي ساقى، ماڭا مەي تۇت، مەن ئۇنى ئىچىپ بىردەم ئۆز خۇدۇمنى يوقىتاي.شۇنى شەرت قىلىمەنكى، ھەرقانچە تولدۇرۇپ قۇيساڭمۇ بىراقلا سۈمۈرمەيمەن.
④ ساقى ئۆزى ئىچىپ، ماڭا قوش قەدەھ تۇتتى، مەن ئۇنى تامشىپ-تامشىپ ئىچىمەن."
http://terjime.88448.com/viewthr ... &extra=page%3D1
|
|