- تىزىملاتقان
- 2016-2-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-6-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 934
- نادىر
- 0
- يازما
- 55
ئۆسۈش
86.8%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tarusiy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-4 13:52
jesur007 يوللىغان ۋاقتى 2016-3-4 01:53
ئويغۇر تىلىنىڭ باغلاش، تۇتقىسىنى تىپىش ئالاھىدىلىكى ...
ھەرقانداق بىر تىلدا يوق ئالاھىدىلىك ئۇيغۇر تىلىدا بار. دۇنيادىكى ھايات تىل دەپ قارىلىپ قوللىنىلىۋاتقان ھەرقانداق تىلدىكى تاۋۇش بىزنىڭ تىلىمىزدا بار. باشقىلار كۆككە كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقان پارىس تىلىدىمۇ 32ھەرىپ بولغىنى بىلەن 6دانە سوزۇق تاۋۇش بار. شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ تىلىمۇ مەلۇم چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. بىز ئۆزىمىزدىكى ئارتۇقچىلىقلارنى سېزەلمەيمىز. پارىسلارنىڭ بولۇپمۇ جامىي، ئۆمەر ھەييامنىڭ رۇبائىيلىرى دەسلىۋىدە ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئۇنىڭدىكى ئىپادىلەش بايلىقى غەرىپلىكلەرنىڭ يۈرەك تارىنى چەككەن. ئەمەليەتتە شۇنىڭ ئورنىغا بىزنىڭ ئەسەرلىرىمىز تەرجىمە قىلىنغان بولغىنىدا بىزنىڭ تىلىمىز ماختالغان بولاتتى. ئۆمەر ھەييامنىڭ رۇبائىيلىرىدىكى مەي توغرىسىدىكى بايانلارنىڭ تېگى-تەكتىنى چۈشەنمىگەن غەرىپلىكلەر شۇ دەۋىرلەردە ئەر-ئايال مەيخانىدا مەي ئىچىش ھەلەكچىلىگىگە قالغان. ئىزدىنىپ قارايدىغان بولساق ئۇنىڭدىن ئالدىنقى دەۋىرلەردە ئۇلاردا ئۇنداق ئەھۋاللار بولمىغان. ئەمما ئىنجىل تەسۋىرىگە ئاساسەن ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىنىڭ دەۋرىدە كىيىم-كىچەك بولمىغان، شۇڭا ئۇلارمۇ بىر-بىرىدىن ئۇيات قىلمىغان دەپ قاراپ ئەۋرەتلىرىنى ئېچىپ يۈرۈشتىن نومۇس ھىس قىلمايدىغان ئادەت بۇرۇندىن بار. بۇنداق ئىشلار ئۇلار ئۈچۈن خۇددى بىز بەزىدە دەيدىغان پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتىكەن دىگەندەكلا شۇلار ئۈچۈن سۈننەت ھىساپلىنىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ ئەر-ئايال مەيخورلۇق قىلىشىغا ئۆمەر ھەييامنىڭ رۇبائىيلىرى سەۋەپ بولغىنى ئېنىق. ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىغا نەزەر تاشلايدىغان بولساقمۇ بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز شەھەرلىشىپ بولغان دەۋىرلەردە بەزى غەرىپلىكلەر قەبىلىۋىي ھاياتتا يالىڭاچ ئىدى. |
|