قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2338|ئىنكاس: 8

جۈمە نامىزىنىڭ پەزىلىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

20

تېما

0

دوست

2139

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  148
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 556
تۆھپە : 292
توردىكى ۋاقتى: 189
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-19 22:01:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇمە نامىزى بولسا پۇتۇن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا پەرزدۇر. ئاللاھ قۇرئاندا جۇمە نامىزى ئۇقۇشقا چاقىرىپ مۇنداق دىگەن. {ئى مۆئىمىنلەر! جۇمە كۇنى جۇمە نامىزىغا ئەزان ئېيتىلسا،اللە نى ياد ئىتىشكە(يەنى جۇمە خۇتبىسىنى ئاڭلاشقا،جۇمە نامىزىنى ئادا قىلىشقا ) ئالدىراپ بېرىڭلار. ئېلىم-سېتىمنى قۇيۇپ تۇرۇڭلار.ئەگەر بىلسەڭلار بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشدۇر. ناماز ئۇقۇلۇپ بولغاندا (يەنى نامازدىن بىكار بولغاندىن كىيىن) زىمىنغا تارلىپ (يەنى ئۆز مەشغۇلاتىڭلار بىلەن بۇلۇپ)ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىڭلار.مەقسىتىڭلارغا ئىرشىش ئۈچۈن ئاللاھنى كۆپ ياد ئىتىڭلار.}(سۈرە جۇمۇئە 9.10.ئايەتلەر)
بۇ ئايەت پۇتۇن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا ئورتاقتۇر. بەزى ئاتالمىش‹تەقۋا› كىشىلەر ھازىرقى ئىماملارنى ياراتماي،مەسچىتلەرنى ياراتماي جۇمە نامىزىنى ئۇقۇمايدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. بۇ ئاللاھنىڭ يۇقارقى ئايىتىگە قارشى چىققانلىق. قانداق بىر كىشى ئاللاھنىڭ ئايىتىگە قارشى چىقىدىكەن ئۇ ئۇچۇقتىن ئۇچۇق ئازغان بۇلىدۇ.
بۇ ئايەتتە جۇمە نامىزى ئۈچۈن ئەزان ئۇقۇلغان ھەرقانداق ئۇرۇنغا بېرىپ جۇمە نامىزى ئۇقۇشقا بۇيرۇغانلىقنى كۆرۋالغىلى بۇلىدۇ. چۇنكى بۇ ئايەتتە مۇسۇلمانلار ئۇچۇن قۇيۇلغان شەرت ‹ئەزان ئېيتىلغانلىقىنى ئاڭلىساڭلار ئالدىراپ بېرىڭلار› دىگەن جۇملە بولدى.
شۇڭا جۇمەنامىزى ئۈچۈن ئەزان ئۇقۇلىدىغان ھەرقانداق مەسچىتتە جۇمە نامىزى ئۇقۇش مۇسۇلمانلارنىڭ مەجبۇرىيتي.
مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردە دىيىلىشىچە قانداق بىر ئادەم قەستەن ئۇچ جۇمەنى ئۇقۇمىسا ئۇنىڭ قەلبى پىچەتلىنىۋېتىلىدۇ. دىيىلگەن.يەنە بىر لەپزىدە مۇناپىق بۇلىدۇ دىيىلگەن.
جۇمە كۇنى پۇتۇن مەخلۇقاتلار يارتىلىپ بولغان كۇندۇر. جۇمە كۇندە ئاتىمىز ئادەم يارتىلدى. ئۇ كۇندە جەننەتكە كىرگۇزۇلدى. يەنە شۇ كۇندە جەننەتتىن چىقىرىلدى. قىيامەت كۇنىمۇ جۇمە كۇنلۇكتە بۇلىدۇ. شۇڭا مۇسۇلمانلارنى بۇ كۇننى ئۇلۇغلاش ئۇچۇن جۇمە نامىزى ئۇقۇشقا بۇيرىغان.
بىزدىن ئىلگىركى ئۆتكەن ئۇممەتلەرگە جۇمە كۇنى ئىبادەت قىلىشقا بۇيرىغان. لېكىن ئۇلار بۇيرۇلغاننى قىلماي گۇمراھ بولغان. يەھۇدىيلار ئادەم ئەلەيھىسالام يارتىلمىغان كۇن شەنبە كۇنىنى تاللاپ ئىبادەت قىلىشقان.خېرىستىئانلار بولسا مەخلۇقاتلار يارتىلىشنى باشلىغان كۇن يەكشەنبە كۇنلۇكتە ئىبادەت قىلىشقان.
بىز مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ ئۇممىتى ئاللاھنىڭ ھىدايەت قىلىشى بىلەن ئاللاھ بۇيرۇغان كۇن جۇمە كۇنى ئىبادەت قىلىپ كىلۋاتىمىز.
جۇمە كۇنلۇك بولسا پۇتۇن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئۇچۇن كىچىك بايرامدۇر. بۇ كۇندە يۇينۇپ تارىنىپ چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىپ خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىشقا بۇيرۇلغان. جۇمە كۇننىڭ ھۆرمىتىنى قىلغان كىشى كاتتا ئەجىرگە ئىرشىدۇ.
جۇمە نامىزىغا يۇينۇپ كىلىش مۇستەھەپتۇر. بۇ ھەقتە رەسۇلۇللە مۇنداق دىگەن ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللەنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ. رەسۇلۇللە مۇنداق دىگەن بالاغەتكە يەتكەن ھەرقانداق مۇسۇلماننىڭ جۇمە كۇنلۇكتە غۇسلى قىلىشى ۋاجىپتۇر.(بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللا ھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنىدۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ يەتتە كۇندە بىر قېتىم بېشىنى پۇتۇن بەدىنىنى يۇيۇپ تۇرشى ئاللاھنىڭ ئۇ بەندىنىڭ ئۇستىدىكى ھەققىدۇر. ( مۇسلىم رىۋايىتى)
ئىسلام دىنى پاك دىن ۋە پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان دىن. ھازىرقى بىر قىسىم مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز بۇنى ئۇنتۇپ قالدى. جۇمە نامىزىغا كەلسىمۇ ئادەتتە ئېتىزلاردا ئىش قىلغاندا كىيىپ يۇرىيدىغان كىرلىشىپ كەتكەن تۇپا كىيىملەر بىلەن مەسچىتكە كىلىۋېرىدىغان بولدى.
ھەرقانچە نامرات بۇلۇپ كەتسىمۇ كونا كىيىملەرنى يۇيۇپ كەيسە يىپيىڭى بۇلىدۇ. ئەمما نادان مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز ئۇنداق قىلمايدۇ. پايپاقلىرىدىن سېسىق پۇراقلار چىقىپ تۇرۋاتقان، كەيگەن پايپىقىنىڭ ئەسلى رېڭىنىڭ قانداقلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە كىرلىشىپ سېسىپ كەتكەن يەنە شۇ پايپاق بىلەن مەسچىتكە كىرىۋىرىپ مەسچىتنىڭ ھاۋاسىنى بۇلغىغان، يېنىدىكى ناماز ئۇقۇيدىغان قېرىندىشىغا شۇ سېسىق پۇراقلار بىلەن ئازار بىرۋاتقان ،ئىشتىنىنىڭ بىر پۇشقىقىنى تىزىغىچە تۇرۇپ قالايمىقان رەتسىز كىينىپ بەدىنىدىن تەر پۇراۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزمۇ يوق ئەمەس. بۇلار بازارلارغا،تويلارغا بارسا چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيشىپ بارىدۇ. نىمىشقا مۇسۇلمانلارنىڭ بايرىمى بولغان جۇمە كۇننىڭ ھۆرمىتىنى تويچىلىك،بازارچىلىك كۆرمەيدۇ؟؟؟!!!
بۇ دەل شۇ كىشىنىڭ ئىسلامغا بولغان تۇنۇشىنىڭ ئىنتايىن ئاجىزلىقى،ئىمانىنىڭ ئاجىزلىقى دىسەك ھەرگىز ئاشۇرۋەتكەن بولمايمىز.
بۇ جۇمە كۇننىڭ جۇمە نامىزىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلمىغانلىق. بۇ مەسىلە يېزا قىشلاقلاردا سەل ئېغىرراق.
جۇمە كۇننىڭ پەزىلىتى توغۇرلۇق كەلگەن ھەدىسلارغا قاراپ باقايلى. شەرىئەت بىزنى جۇمە كۇنلۇكتە نىمىلەرنى قىلىشقا بۇيرۇپتۇ بىلىپ باقايلى.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنىدۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن كۇن چىققان كۇننىڭ ئەڭ ياخشىسى جۇمە كۇنىدۇر.ئۇ كۇندە ئاتىمىز ئادەم يارتىلدى.ئۇ كۇندە جەننەتكە كىرگۇزۇلدى. ۋە ئۇ كۇندە جەننەتتىن چىقىرىلدى مۇسلىم رىۋايىتى
ئەۋس سەقەپىدىن رىۋايەت قىلنىدۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن كىمكى جۇمە كۇنى يۇينۇپ تاھارەت ئېلىپ،جۇمە نامىزىغا ئات ئۇلاققا مىنمەستىن پىيادە يول مېڭىپ بالدۇر كەلسە ۋە ئىمامغا يېقىن يەردە ئولتۇرۇپ پۇتۇن دىققىتى بىلەن خۇتبە (ۋەز نەسھەت) ئاڭلىسا ،ئۇ ئادەمنىڭ ھەر بىر قەدىمى ئۇچۇن بىر يىل روزا تۇتقان ۋە كىچىسى ئىبادەت قىلغاننىڭ ساۋابى بۇلىدۇ.(بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد،ئىبنى ماججە،تىرمىزى،ئەبۇداۋۇد،نەسەئىي قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنىدۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن كىمكى جۇمە كۇنى جۇنۇبلۇقتىن يۇيۇنسا(يەنى ئايالى بار كىشىلەر ئەر خوتۇنچىلىق قىلىپ يۇيۇنسا) ئاندىن جۇمە نامىزىغا دەسلەپكى ۋاقىتتا بارسا خۇددى بىر تۈگە قۇربانلىق قىلغاننىڭ ساۋابى بۇلدۇ.ئۇنىڭدىن كىيىنرەك بارسا بىر كالا قۇربانلىق قىلغاننىڭ ساۋابى بۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىنرەك بارسا ئۇ بىر مۈڭگۇزلۇك قوچقار قۇربانلىق قىلغانننڭ ساۋابى بۇلىدۇ.ئۇنىڭدىن كىيىنرەك بارسا بىر تۇخا قۇربانلىق قىلغاننىڭ ساۋابى بۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىنرەك بارسا ئاللاھ يولىدا بىر تۇخۇمنى بەرگەننىڭ ساۋابى بۇلىدۇ.ئىمام خۇتبە ئۇقۇغىلى چىققاندا پەرىشتىلەرمۇ دەپتەرلىرىنى يىغىشتۇرۇپ خۇتبە ئاڭلاشقا ھازىر بۇلىدۇ(بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى)
خوتۇنى بار ئادەم جۇمە كۇنلۇكتە ئەر-خوتۇنچىلىق قىلسا قوشلاپ ئەجىرگە ئىرشىدۇ. ئايالىنىڭ ھەققىنى بەرگەننىڭ ئەجرى جۇمە كۇنلۇكتە يۇيۇنغاننىڭ ئەجرى.
ئەبۇ ئەييۇپ ئەنسارىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ كىمكى جۇمە كۇنى يۇينۇپ ئايالىنىڭ خۇشپىراق نەرسىلىرى بولسىمۇ ئۇنى ئىشلىتىپ چىرايلىق كىينىپ مەشچىتكە كەلسە ئاندىن پۇرسەت بولسا نەفلە ناماز ئۇقۇپ ھېچكىمگە ئەزيەت يەتكۇزمىسە،ئاندىن ئىمام خۇتبىگە چىققاندا (يەنى ۋەز نەسھەت قىلىشنى باشلىغاندا) شۇك تۇرۇپ خۇتبىنى ئاڭلىسا ئاندىن جۇمە نامىزىنى ئۇقۇپ قايتسا ئۇنىڭ بۇ جۇمە بىلەن يەنە بىر جۇمە ئارلىقىدىكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلنىدۇ(بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان)
ئابدۇللا ئىبنى سالام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دىن رىۋەيەت قىلنىدۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسلام مۇنداق دىگەن.سىلەرنىڭ بىرىڭلار كۇندۇلۇك مەشغۇلاتىدا كىيىدىغان كىيىمىدىن باشقا مەخسۇس جۇمە كۇنى كىيدىغان بىر قۇر كىيىم سېتۋالسا نىمە دىگەن ياخشى ھە ئەبۇداۋۇد، ئىبنى ماججە رىۋايەت قىلغان)
يۇقارقى ھەدىسلەر جۇمە نامىزى ئۈچۈن قانداق تەييارلىقلارنى قىلىش توغرىسىدا كەلگەن.
ئاخىردا بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا دەيدىغىنىم. مەن مۇسۇلمان دەيدىغان ھەرقانداق ئادەم جۇمە كۇنلۇكتە غۇسلى قىلىپ چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيىپ خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىپ، باشقا ۋاقىتلاردا ئەتمىگەن ئۇزىمىز ياخشى كۇرىدىغان تاماقلارنى يەپ جۇمە كۇنلۇككە بەك جىق ئىشلارنى پىلانلاپ قويماي بۇ كۇننى بايرام سۇپىتىدە كۇتۋالسىڭىز بۇ سىزنىڭ ئىمانىڭىزنىڭ كامىللىقى ھىسابلىنىدۇ. يەنە بىرسى جۇمە نامىزىدا ئۇخلاپ مۇگىدەپ قالىدىغان ئەھۋاللار خېلىلا ئېغىر. بولسا جۇمە نامىزىغا بېرىشتىن ئىلگىرى ھېچقانداق ئېغىر ئىشلارنى قىلماي بىر-ئىككى سائەت ئۇىلىۋېلىپ ئاندىن تاھارەت ئېىلىپ مەسچىتكە بارسىڭىز ئۇزىڭىز ناھايتى تىتىك روھلۇق بۇلۇپ كىتىسىز. مەسچىتتىمۇ مۇگدەپ قالمايسىز

7

تېما

0

دوست

830

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   66%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2843
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 205
تۆھپە : 114
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2012-12-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-20 14:03:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قۇرۇق گەپنى جىق قىلمىساممۇ ماقالىدە دەيدىغاننى دەپ بوپتۇ بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن
ناھايىتى ئۇرۇنلۇق پىكىرلەر بۇ
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

5

تېما

0

دوست

5628

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   12.56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1794
يازما سانى: 292
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 917
تۆھپە : 1109
توردىكى ۋاقتى: 80
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-20 19:24:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناماز ئۆتەش قائىدىلىرى ، ۋە سۈرىلەر(تەرتىپى بويىچە)نىڭ ئۇيغۇرچە PDF ياكى باشقا نۇسخىسى بولسا ئەۋەتىپ قويغان بولساڭلار.رەسىملىك بولسا تېخى ياخشى.

4

تېما

0

دوست

2304

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4173
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 560
تۆھپە : 326
توردىكى ۋاقتى: 77
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-8 18:22:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بامدات نامىزىنىڭ ئوقۇلۇش تەرتىپى
(دەسلەپتە ئەزان ئېيتىمىز)
ئەزان
ئاللاھۇ ئەكبەر-ئاللاھۇ ئەكبەر
ئاللاھۇ ئەكبەر-ئاللاھۇ ئەكبەر
ئەشئەدۇ ئەللا ئىلاھە ئىللەللا
ئەشئەدۇ ئەللا ئىلاھە ئىللەللا
ئەشئەدۇ ئەننە مۇھەممەدەر رەسۇلۇللا
ئەشئەدۇ ئەننە مۇھەممەدەر رەسۇلۇللا
ئەييە ئەلەسسالا ئەييە ئەلەسسالا
ئەييە ئەلەلفەلا  ئەييە ئەلەلفەلا
ئەسسالاتۇ خەيرۇن مىنەننەۋم
ئەسسالاتۇ خەيرۇن مىنەننەۋم
ئاللاھۇ ئەكبەر-ئاللاھۇ ئەكبەر
لائىلاھە ئىللەلاھ




بامدات نامىزى
بىرىنچى رەكئەت
تەگبىر: « ئاللاھۇ ئەكبەر »
سۇبھانىكە ئاللاھۈممە ۋەبىھەمدىك ۋەتەبارەكەسمۈك ۋە تەئەلا جەددۈك
ۋەلائىلاھە غەيرۈك.

ئەئۇزۇبىللاھى مىنەششەيتانىررەجىم،بىسمىللاھىررەھمانىررەجىم
«فاتىھە» سۈرىسى : ئەلھەمدۇلىللاھى رەببىلئالەمىن،ئەررەھمانىررەھىم،
مالىكى يەۋمىددىن،ئىيياكە نەئبدۇن ۋە ئىييەكە نەستەئىن،
ئىدىنەسسىراتەلمۇستەقىم،سىراتەللەزىنە ئەنئەمتە ئەلەيھىم غەيرۇلمەغزۇبى
ئەلەيھىم ۋەلەززاللىن.ئامىن.

«ئىخلاس» سۈرىسى: قۇلھۇۋەللاھۇ ئەھەد،ئاللاھۇ سەمەد،لەم يەلد،ۋەلەم
يۅلەد،ۋەلەم يەكۇنلەھۇ كۇفۇۋەن ئەھەد.

رۇكۇ : ئۈچ قىتىم« سۈبھانە رەببىيەل ئەزىم»دىيىلىدۇ.
رۇكۇدىن تۇرغاندا«سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە» دىيىلىدۇ.
رۇكۇدىن تۇرغاندىن كىيىن «رەببەنا لەكەل ھەمد» دىيىلىدۇ.

سەجدە: «ئاللاھۇ ئەكبەر» ئۈچ قىتىم «سۈبھانە رەببىيەل ئەئلا»دىيىلىدۇ.
ئۇنىڭدىن كىيىن ئولتۇرماستىنلا ئورنىدىن تۇرىدۇ.


ئىككىنچى رەكئەت
بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم
«فاتىھە» سۈرىسى : ئەلھەمدۇلىللاھى رەببىلئالەمىن،ئەررەھمانىررەھىم،
مالىكى يەۋمىددىن،ئىيياكە نەئبۇدۇ  ۋە ئىييەكە نەستەئىن،
ئىدىنەسسىراتەلمۇستەقىم،سىراتەللەزىنە ئەنئەمتە ئەلەيھىم غەيرۇلمەغزۇبى
ئەلەيھىم ۋەلەززاللىن.ئامىن.
«كەۋسەر »سۈرىسى:ئىننا ئەئتەينا كەل-كەۋسەر،فەسەللى لىرەببىكە ۋەنھەر.
  ئىننە شانىئەكە ھۅۋەلئەبتەر
رۇكۇ : «ئۈچ قىتىم سۈبھانە رەببىيەل ئەزىم»دىيىلىدۇ.
رۇكۇدىن تۇرغاندا«سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە» دىيىلىدۇ.
رۇكۇدىن تۇرغاندىن كىيىن «رەببەنا لەكەل ھەمد» دىيىلىدۇ.

سەجدە: «ئاللاھۇ ئەكبەر» ئۈچ قىتىم «سۈبھانە رەببىيەل ئەئلا»دىيىلىدۇ.
«ئەتتەھىيياتۇ»دۇئاسى: ئەتتەھىيياتۇلىللاھى ۋەسسەلەۋاتۇ ۋەتەييىباتۇ
ئەسسالامۇ ئەلەيكە.ئەييۇھەننەبىييۇ ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەراكاتۇھۇ،
ئەسسالامۇ ئەلەينا ۋە ئەلا ئىبادىللا ھىسسالىيىھىن،ئەشئەدۇ ئەللا ئىلاھە ئىللەللاھ ۋە ئەشئەدۇ ئەننە مۇھەممەد ئابدۇھۇ ۋە رەسۇلۇھۇ.

ئاللاھۈممە سەللى ئەلا مۇھەممىدىن ۋە ئەلا ئالى مۇھەممىدىن كەما
سەللەيتە ئەلا ئىبراھىمە ۋە ئەلا ئالى ئىبراھىمە ئىننەكە ھەمىدۇم مەجىد.

«رەببەنا»دۇئاسى:رەببەنا ئاتىنا فىددۇنيا ھەسەنەتەن ۋە فىلئاخىرەتى
ھەسەنەتەن ۋەقىنا ئازابەننا.
رەببەنەغفىرلى ۋەلىۋالىدەييە ۋەلىلمۇئمىنىنە يەۋمەيەقۇمۇل ھىساب.
ئوڭ تەرەپكە:ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتۇللا، سول تەرەپكە: ئەسسالامۇ
ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتۇللا
نامازدىن كېيىن ئوقۇلىدىغان تەسبىھ دۇئالىرى
ئاللا ھۈممە ئەنتەسسالامە ۋەمىنكەسسەلام،تەبارەكتە يازەلجەلالى ۋەلئىكرام،

ئەلا رەسۇلىنا سەلەۋات.

ئاللاھۈممە سەللى ئەلا سەييىدىنا مۇھەممەدىن ۋەئەلا سەييىدىنا مۇھەممەت.

سۈبھانەللاھى ۋەلھەمدۇلىللاھى ۋەلائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەللاھۇ ئەكبەر،
ۋەلاھەۋلەۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھى ئەلىيىلئەزىم.

ئايەتەلكۇرسى
بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم
ئاللاھۇ لائىلاھە ئىللا ھۈۋەلھەييۇلقەييۇم،لاتەئخۇزۇھۇ سىنەتۇن ۋەلانەۋم،
لەھۇ مافىسسە ماۋاتى ۋەما فىلئەرزى،مەنزەللەزى يەشىفەئۇ ئىندەھۇ ئىللا
بىئىزنىھى،يەئىلەمۇ مابەينە ئەيدىھىم ۋەما خەلفەھۇم،ۋەلا يۇھىتۇنە
بىشەيئىن مىن ئىلمىھى ئىللا بىماشائە ۋەسىئە كۇرسىيھۇسسە ماۋاتى ۋەلئەرز.
ۋەلا يەئۇدۇھۇ ھىفزۇھۇما ۋە ھۇۋەلئەلىيۇلئەزىم.

سۇبھانەللاھى «ئاللاھقا تەسبىھ بولسۇن»   33  قېتىم.
ئەلھەمدۇلىللاھ« ئاللاھقا ھەمد بولسۇن »  33  قېتىم.
ئاللاھۇ ئەكبەر« ئاللاھ ئەڭ بۈيۈكتۇر»     33  قېتىم.
ئاللاھۇ ئەكبەر لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەھدەھۇ لاشەرىكەلەھ،لەھۇل مۈلكۈ ۋە
لەھۇلھەمدۇ ۋەھۇۋە ئەلا كۇللى شەيئىن قەدىرۇن،سۈبھانە رەببىيەل ئەلىيىل
ئەئلەل ۋەھھاپ.  «تۈگىدى»
كېيىن قوللىرىنىڭ ئارلىقى بىر ئاز ئۇچۇق بولغان ھالدا كۆككە قاراپ
كۆكسى باراۋىرىدە كۆتۈرىلىدۇ،جانابى ھەققە دۇئا قىلىپ يالۋۇرىدۇ.
ھەر كىم خالىغانچە دۇئا قىلالايدۇ.
namaz.jpg

0

تېما

0

دوست

1336

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   33.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25774
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 402
توردىكى ۋاقتى: 48
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-3 21:07:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇتبىدىن بىرەرنى يوللاپ بېرەرلەرسىلەرمۇ قىسقىراقتىن.

0

تېما

0

دوست

2725

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   24.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29878
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 894
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-3 22:00:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pinsilin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-3 22:01  
ezimet يوللىغان ۋاقتى  2014-7-3 21:07
خۇتبىدىن بىرەرنى يوللاپ بېرەرلەرسىلەرمۇ قىسقىراقتىن.


مەكتەپتىكى بىر خىزمەتدىشىمىز ھەر جۈمە كۈنى نامازغا بارىدۇ، لىكىن بىر جۈمە كۈنى بۇ كىشى نامازغا كەتكەندە ئۇ مەسئۇل بالىلار ياتاقتا جىدەل قىلىپ باش كۆزلىرىنى يېرىۋىتىپتۇ.
ھەي... بۇنى نىمە دەپ چۈشەندۈسەك بولار، مەسئۇلىيەتسىزلىكمۇ ياكى ساۋاپمۇ؟ ياكى خۇدا ساقلىمىدىمۇ؟

مۇھەببەت مۇھەببەتنى تۇغىدۇ

0

تېما

0

دوست

217

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   72.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30049
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 52
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-3 22:44:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل تېما يوللاپسىز ...اللە رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم سىزگە ...

0

تېما

0

دوست

1336

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   33.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25774
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 402
توردىكى ۋاقتى: 48
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-5 14:31:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
pinsilin يوللىغان ۋاقتى  2014-7-3 22:00
مەكتەپتىكى بىر خىزمەتدىشىمىز ھەر جۈمە كۈنى نامازغا ب ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم، گېپىڭىزنى ئانچە چۈشىنەلمىدىمغۇ، تولۇقراق دېسىڭىز بوپتىكەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )