- تىزىملاتقان
- 2011-4-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-3-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1010
- نادىر
- 0
- يازما
- 54
ئۆسۈش
1%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nawayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-10 21:51
سالام قىلىشتا مەزمۇن جەھەتتە ئەڭ مۇكەممەل بولغىنى «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم».
ئاللاھ سىزنى تىنچ-ئامان، كۆڭۈل خاتىرجەم، تەن ساغلام، تۇرمۇش بەختلىك، ھەممە ئىشلىرىڭىزنى خەيرلىك قىلسۇن! دىگەن ھممە مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان سۆز. باشقا تىلغا تەرجىمە قىلغاندا، گەپ ئۇزىراپ كېتىدۇ، ياكى مەنىسى تولۇق ئىپادىلەنمەي قالىدۇ. شۇڭا، مەيلى ئۇ ئەسلى ئەرەپ تىلى بولسىمۇ، شۇ مەزمۇنلارنى كۆڭۈلگە پۈكۈپ تۇرۇپ شۇنداق سالام قىلىمىز. بەندىلەرنىڭ يۇقۇرقىدەك ياخشلىقلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ بېرىدىغان بولغاچقا، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دىيىش ئەڭ ياخشى تىلەكنى ئىپادىلىگەن سالام قىلىشتۇر.
مەيلى ناتۇنۇش كىشى بولسىمۇ شۇنداق سالام قىلىش ياخشى. سالامغا شۇنداق سالام قايتۇرۇپ، يۇقۇرقىدەك ياخشىلىقلارنى سىزگىمۇ ئاللاھ بەرسۇن دىگەن مەنىدە، «ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام» دەيمىز.
ياىشىمۇ سىز؟ دەپ سۇئال بىلەن سورىغىنى قارىش تەرەپتىن ئەھۋال سورىغان بولىدۇ. ھەرگىز تىلەك ئەمەس.
قانداق ئەھۋالىڭ؟ تىنچلىقمۇ؟ دىگەنمۇ پەقەت ئەھۋال سورىغانلىق بولۇپ، ياخشى تىلەكنى ئۆز ئىچگە ئالغان ئەمەس. سالام قىلىشنىڭ ئەڭ گۈزىلى ياخشى تىلەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ.
قازاقلار تولاراق سالامەتسىزمۇ؟ يەنى سالامەتلىك ئەھۋالىڭ ياخشىمۇ دىگەن مەنىدە ئەھۋال سورىشىدىكەن. بەلكىم، سالەمەتلىكنىڭ ياخشى بولماي قېلىشى كىشىگە كەلتۈرىدىغان ئازاپ چوڭ دەپ شۇنداق ئادەتلەنگەن بولشى مۇمكىن.
خەنزۇ يولداشلار، كوپىنچە ، سەن ياخشى! دەپ سالام قىلىدۇ، ياكى تاماق يىدىڭمۇ؟ دەپ سورايدۇ. بەلكىم تاماق يىيش خۇشاللىق چوڭ ئىش دەپ شۇنداق ئادەت ھاسىل بوپ قالغان بولىشى مۇمكىن.
چەتئەللىكلەر، خەيرلىك كەچ! دىگەندەك گەپلەر بىلەن سلام قىلىشىدىكەن.
بەزىلەر، بارمۇ سەن؟ دەپ سورايدۇ. (يېقىن تونۇشلار، سەن تېخى ھاياتكەنسەن ھە؟ دىگەن مەنىدىكى مۇشۇ سۆزنى سالام ئورنىدا دىيىشىدۇ)
مەيلى قايسى مىللەتنىڭ سالاملىشىش ئادىتى بولسۇن، ھېچقايسىسى ئىسلام دىنىدا ئادەت قىلغان سالام قىلىشتەك مۇكەممەل بىر سالام ئادىتى يوق. ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، بۇ ئادەت ئۇيغۇر ،ۇسۇلمانلىرىنىڭمۇ سالاملىشىش ئەنئەنسىگە ئايلانغان.
|
|