قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
ئىگىسى: akdeniz

باشقا بىر نۇقتىدىن «قۇتادغۇ بىلىگ»(2)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

2

دوست

1131

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   13.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18489
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 326
توردىكى ۋاقتى: 113
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-9 17:13:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kyrgyz2 يوللىغان ۋاقتى  2016-3-9 15:54
ۋاقتىم يوق.....

شۇ بۇ سىلەرنىڭ كۆنگەن ادىتىڭلار
uyghuray

0

تېما

4

دوست

1382

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   38.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  58132
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 412
توردىكى ۋاقتى: 149
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-9 19:33:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
lilla1 يوللىغان ۋاقتى  2016-3-9 18:37
مانا ئەمەسمۇ قېرىنداشلىرىم، ئاۋۇ قىرغىز دوستۇم تەرجىم ...

خاتا گەپ قىلىۋاتىسىز! بىز قىرغىزلاغا تەۋە دىگۈدەك الىمنىڭ كىملىكىنى تىپىپ المىدۇق، ىچكىم تاپقىنى يوق، تىپىلمايدۇ،،، تاڭ دەۋرىدە قىرغىزلار بىلەن ۇيغۇرلارنىڭ تىلى وقشاش دەپ قەيىت قىلىنغان.

2

تېما

2

دوست

1131

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   13.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18489
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 326
توردىكى ۋاقتى: 113
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-9 20:58:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kyrgyz2 يوللىغان ۋاقتى  2016-3-9 19:33
خاتا گەپ قىلىۋاتىسىز! بىز قىرغىزلاغا تەۋە دىگۈدەك الى ...

قاراخانىيلار دەۋرىدە قىپچاق شىۋىسى بىلەن ۇيغۇر قارلۇق شىۋىسى ايرىلىپ بولغان 。خاتىرجەم بۇلۇڭلار ,ەسەردىكى دۆلەتچىلىك ىدىيىسى ,تىل ,تارىخى پاكىت نوقتىسىدن الىمنىڭ كىملىكى قىپچاق تىللىقلارنىڭ يېنىدىن ۆتمەيدۇ 。نوچى بولساڭلار پاكىت كۆرسىتىڭلار ,ھېچ بولمىسا قىرغىز بولمىغان ,دۇنيا ېتراپ قىلغان الىملارنىڭ ماقالىسى بولسىمۇ مەيلى 。ىلمى ساھەدە بۇلاڭچىلىق اقمايدۇ 。

2

تېما

2

دوست

1131

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   13.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18489
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 326
توردىكى ۋاقتى: 113
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-9 21:00:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
lilla1 يوللىغان ۋاقتى  2016-3-9 18:37
مانا ئەمەسمۇ قېرىنداشلىرىم، ئاۋۇ قىرغىز دوستۇم تەرجىم ...

بەكلا نۇمۇسسىز مالچىكەنسەن 。قەيەردە ھ قەيەردە ا ىشلىتىشنى ۈگىنىپ اندىن ۇيغۇر بۇلىۋالغىن قىسىق كۆزقىپچاق 。
uyghuray

2

تېما

2

دوست

1131

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   13.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18489
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 326
توردىكى ۋاقتى: 113
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-9 21:16:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
./thread-45844-1-1.htmlما تىمىنى ۋە ىنكاسلارنى ۇقۇپ بېقىڭلار

7

تېما

2

دوست

2366

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12484
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 110
تۆھپە : 649
توردىكى ۋاقتى: 155
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-9 23:19:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kyrgyz2 يوللىغان ۋاقتى  2016-3-9 16:26
خاقانىيە:
بايات ئاتې بىرلە سۆزۈگ باشلادې،
تۆرۈتگەن ئى ...

مەن گەپ قىلماي دېگەن ئەمما گەپ قىلىش زۆرۈر بولغاندا گەپ قىلماسلىق قۇللۇقتۇر.
مۇنازىرىنىڭ ئىلمىي بولغىنى ياخشى. سىزدىن بىر سۇئال سوراي، ئەينى دەۋردە قىرغىزلار نەردە ئىدى؟ ئەسەر نېمىشقا قىرغىز تىلى بىلەن يېزىلماي ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلدى؟ ھەتتا قۇتادغۇ بىلىگ نى تۇنجى نەشرىگە تەييارلىغان رەشىت رەھمەتى ئارات كىتابنىڭ ئەسلى نۇسخسىنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغانلىقىنى ئاندىن كېيىن ئەرەب ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر تىلىغا كۆچۈرۈلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇنداق بۇنىڭدىن بىر سۇئال تۇغۇلىدۇ، ئەينى ۋاقىتتا قىرغىزلارنىڭ يېزىقى قانداق ئىدى؟ يۈسۈپ خاس خاجىپ كىتابنى نېمىشقا قىرغىزلارنىڭ خاقانىغا ئارمىغان قىلماي ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىغا ئارمىغان قىلغان؟ يەنە كېلىپ كىتابنى كۆچۈرگۈچى كاتىب يۈسۈپ خاس ھاجىبنىڭ تەقۋادار مۇسۇلمان ئىكەنلكىنى ئىلاۋە قىلغان (مىلادى 1521-يىلى سەئىدخان قوشۇن تەشكىللەپ   ئۆزبىكلەر بىلەن بىرلىشىپ قىرغىزلارغا قورشاپ زەربە بەردى ...
بۇ جەڭگە ‹‹تارىخي رەشىدى ››نىڭ ئاپتۇرى مىرزا مۇھەممەت ھەيدەر كوراگانمۇ قاتناشقان بولۇپ ،ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ بايانىچە ‹‹.......سەئىدخان بىلەن ئۆزبىكلەر كونا دۈشمەن بولسىمۇ ،ئەمما  قىرغىزلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا ئازار ۋە كۈلپەت يەتكۈزگەنلىكى خانغا بەك ئېغىر كىلەتتى ....قىرغىزلار ئىمان ئەركانلىرىنىڭ سىرتىدادۇر!....يەنى موغۇللار ۋە ئۆزبىكلەرلەر  مۇسۇلمان بولۇپ، قىرغىزلار بولسا ئىمانسىز كۇپپار ئىدى !››
‹‹تارىخي رەشىدى ››786-دىن 798- بەتلەرگە قارالسۇن !) سىز نەقىل قىلغان ئۇشبۇ قىرغىزچە تەرجىمە دەل 1983- مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان، ئا .ئۆتكۈر، ئەھمەت زىيائى، مەمىتىمىن يۈسۈپلەر قىلغان تەرجىمە ئاساسەن تەرجىمە قىلىنغان، ئۇنداق سىلەر بىۋاسىتە چۈشىنەلىسەڭلار نېمىشقا تەرجىمە قىلىسىلەر؟ يەنە كېلىپ بىۋاسىتە قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى نۇسخىسىدىن تەرجىمە قىلماي ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىن تەرجىمە قىلىسىلەر؟ سىز كەلتۈرگەن مىسرادىكى ئىسىمداش قوشۇمچىسى قىرغىز تىلىدا نېمىشقا يوق؟ ئەينى ۋاقىتتا سىلەردىن يەنە قانداق ئالىملار چىققان؟ مۇڭغۇللار نېمىشقا سىلەرنى مەدەنىيەت ئۇستازى قىلماي ئۇيغۇرلارنى تاللىدى؟ بالاساغۇننىڭ قىرغىزستاندا ئىكەنلىكىگە قانداق ئىسپاتىڭىز بار؟ تۈركىيەدىكى مۇراسىمىدا نېمىشقا سىلەر سىزغان رەسىمنى ئاسماي بىز سىزغان رەسىمنى ئاستى؟ بارتولىد نېمىشقا قىرغىزلارنى ئۇيغۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلدى ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقىدىن كېيىن قىرغىزلار يۈكسەك مەدەنىيەت بارلىققا كەلتۈرۈشكە مۇۋاپپقەت بولالمىدى دەيدۇ؟ يۈسۈپ خاس ھاجىب قىرغىزلار قاچاندىن باشلاپ بىلدى؟ بىزنىڭ ساقلاقلىق ۋەخپە بار،سىلەردە ئاشۇنداق يۈسۈپ خاس ھاجىپقا مۇناسىۋەتلىك ۋەخپە بارمۇ؟ كىتابنى كۆچۈرگەن ئابدۇرازاق سەمەرقەندى نېمىشقا كىتابنى قىرغىز تىلىدا كۆچۈرمىگەن؟ مۇشۇلارغا جاۋاب بېرىۋېتەمسىز، بۇلارغا جاۋاب بەرسىڭىز داۋامىنى سورايمەن. بولمىسا ئۇيغۇرلار كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈپ بەرگەن قىرغىز يېزىقىدا بىزگە تەنە قىلماڭ، ئىسپات بولسا ئوتتۇرىغا قويسىڭىز بولىدۇ.

0

تېما

4

دوست

1382

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   38.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  58132
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 412
توردىكى ۋاقتى: 149
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-9 23:29:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kungun يوللىغان ۋاقتى  2016-3-9 23:19
مەن گەپ قىلماي دېگەن ئەمما گەپ قىلىش زۆرۈر بولغاندا گ ...

从10世纪开始叶尼塞河流和伊塞克湖一带已成为柯尔克孜人主要活动区域。10世纪初,阿拉伯人米撒尔在从布哈拉到中国的途中,到过柯尔克孜地区。另外,《世界境域志》一书中说,在卡尔鲁克地区有一个名叫“宾除勒”地方(现今我国新疆乌什县境内),当时由柯尔克孜人统治着;喀什噶尔, 属中国, 但位于样磨、吐蕃、柯尔克孜(黠戛斯)与中国之间的边境上;炽俟部的北面有吉尔吉斯人(第十六章);突骑施部西面有柯尔克孜人(第十七章);九姓古斯地沿边到处都是柯尔克孜人(第十二章);汉文史料记载“伊吾以西,焉耆之北,傍白山则有契骨(在哈密以西,焉耆之北的天山一带)”(见《资金通鉴》卷二四六)。这些史料证明柯尔克孜人10世纪在天山南北已有活动。




7

تېما

2

دوست

2366

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12484
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 110
تۆھپە : 649
توردىكى ۋاقتى: 155
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-9 23:33:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kyrgyz2 يوللىغان ۋاقتى  2016-3-9 23:29
从10世纪开始叶尼塞河流和伊塞克湖一带已成为柯尔克孜人主要活动区域。10世纪初,阿拉伯人米撒尔在从布哈 ...

سىز «ھۇدۇدۇل ئالەم»نىڭ بولسا ئۇيغۇرچىسىنى ئوقۇڭە، مەن خەنچە ئەسەرلەرگە تازا ئىشىنىپ كەتمەيمەن بولۇپمۇ تارىخ كىتابلارغا ماتېرىيال مەنبەسى بەك ئىشەنچىلىك بولمىسا ۋاراقلاپمۇ قويمايمەن. سىز ئاران بىر سۇئالغا جاۋاب بېرىپسىز؟ قالغانلىرىغا جاۋاب بەرمەپسىز.
ئەمدى مانى باغداشتىكى بىر توردا يوللاپ قويۇپتىكەن ئىنكاس شەكلىدە ئوقۇپ بېقىڭ بۇنىڭغا نېمە دەيسىز،
يۈسۈپ خاس ھاجىپ (1019-1085) قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەشھۇر نامايەندىسى بولغان تالانتلىق ئالىم ، مۇتەپەككۇر ، ئەدىب يۈسۈپ خاس ھاجىپ 1019-يىلى بالاساغۇندا تۇغۇلغان. ياش مەزگىللىرىدە قەشقەرگە كەلگەن ھەمدە كېيىنكى ئۆمرىنى قەشقەردە ئۆتكۈزگەن . ئەدىب ئۆزىنىڭ "قۇتادغۇبىلىك " ناملىق بەدىئىي قامۇسىنى ھىجىرىيە 462- يىلى ( مىلادىيە 1069-يىلى ) قەشقەردە يېزىپ ، ئۇنى قاراخانىيلار خانى بۇغرا ئەلى ھەسەنگە تەقدىم قىلغان . قاراخانىيلار خانى بۇ ئەسەرگە يۈكسەك باھا بېرىپ مۇئەللىپكە خاس ھاجىپلىق ئۈنۋانى بېرىپ ، ئۆزىگە ئەڭ يېقىن مەسلىھەتچى ھاكىمىيەت تايانچىسى قىلغان . ئەدىب مىلادىيە 1085-يىلى قەشقەردە ۋاپات بولغان.
بۈيۈك ئۇيغۇر پەلسەپە ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپ_ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ 11 – ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺑﯜﻳﯜﻙ، ﻣﯘﺗﻪﭘﭙﻪﻛﻜﯜﺭ ﺷﺎﺋﯩﺮﻯ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭙﻨﯩﯔ ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮬﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳﻜﯩﮭﯩﺴﺎﺭ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ «ﭘﺎﻳﻨﺎﭖ» ﻳﯧﺰﺍ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﯨﻜﻰ « ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﺒﯧﻠﯩﻖ» ﺗﺎ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﺎﻥ. ﺑﯘ ﻗﯩﻞ ﺳﯩﻐﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﭘﺎﻛﯩﺖ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ: «ﺑﯘ ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮬ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭙﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﻳﯜﺳﯜﭖ ﻗﺎﺩﯨﺮﺧﺎﻥ ﻏﺎﺯﻯ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺪﻯ»، « ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ ﺑﯩﻼﺩ ﺳﺎﻏﯘﻧﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮬﯩﻤﯘ ﺑﯩﻼﺩ ﺳﺎﻏﯘﻧﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺩﻩﯞﺍﻻﺭﺩﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﻪﺯﻯ ﻣﯜﺟﯩﻤﻪﻝ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭﻧﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ. ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻠﯩﻨﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺷﯘﻛﻰ، ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﻘﯩﺪﻩﻙ ﺋﺎﺳﺎﺳﺴﯩﺰ ﺩﻩﯞﺍﻻﺭ ﺩﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮬﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﻛﯩﺖ ﺋﺎﺳﺎﺳﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﺎﻟﻤﯩﺪﻯ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺩﻩﯞﺍﻧﯩﯔ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ .
ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻳﺎﺳﺎﭖ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮬﯩﻐﺎ ﮬﯘﻝ ﻗﻮﻳﯘﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﮬﺎﭘﯩﺰﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ، ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺋﻮﺭﻧﻰ 3 ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﭗ . ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮬﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﭘﻠﯩﺪﻯ . ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺧﻪﻟﻖ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺭﻩﮬﺒﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺋﺎﻟﯩﻢ ، ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﯩﺴﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭗ ، ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭﻧﻰ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﻪﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﻯ . ﺋﺎﻟﯩﻢ ﯞﻩ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﯩﺴﻠﻪﺭ ﭘﺎﻛﯩﺘﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ، ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻴﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻧﻠﻪﺷﺘﯜﺭﺩﻯ .
ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭙﻨﯩﯔ ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ 410 – ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯩﻼﺩ ﺳﺎﻏﯘﻧﺪﺍ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﭖ ، ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ 478 – ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ، ﺟﻪﺳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭖ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻦ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺟﻪﻧﯘﺑﻘﺎ ﻛﯧﺴﯩﭗ ﺋﯚﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﺒﺎﻍ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ “ ﺑﺎﺭﯨﮕﺎﮬ “ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ، ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ 514 – ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘ ﺟﺎﻳﺪﯨﻦ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ “ ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﺒﯧﻠﯩﻖ “ ﻗﺎ ﻳﯚﺗﻜﻪﭖ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚﭖ ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭ ﺳﺎﻗﻼﻧﻤﺎﻗﺘﺎ . ﻣﻪﻥ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺑﯘ ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭﺩﯨﻦ 19 – ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺗﻪﺋﻪﻟﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﮬﯚﺟﺠﻪﺗﻨﻰ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯚﺗﯩﻤﻪﻥ .
ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﮬﯚﺟﺠﻪﺕ “ ﺑﻪﮬﺮﯗﻝ -ﺋﻪﻧﺴﺎﺏ “ (ﻧﻪﺳﻪﺏ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ) ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺑﯘﻧﻰ 19 – ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺷﺎﺋﯩﺮﻯ ﺋﯧﻤﯘﺭ ﮬﯜﺳﻪﻳﯩﻦ ﺳﻪﺑﯘﺭﻯ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ، ﺳﻪﺑﯘﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﻣﺮﻯ “ ﺑﻪﮬﺮﯗﻝ – ﺋﻪﻧﺴﺎﺏ “ ﻧﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻳﺎﺭ ﺑﻪﺭﻣﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ، ﺷﺎﮔﯩﺮﺗﻰ ﻗﺎﺯﻯ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺳﺎﻳﯩﻢ ﺳﯘﻓﯩﺌﺎﻟﻼﻳﺎﺭﯨﻐﺎ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﻏﺎﻥ . ﮬﻪﻣﺪﻩ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭙﻨﯩﯔ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯩﻠﻨﺎﻣﯩﺴﯩﻨﻰ ، ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮬ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺷﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﭖ ﻗﻮﻳﯘﺷﻨﻰ ﯞﻩﺳﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﻗﺎﺯﻯ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺳﺎﻳﯩﻢ ﺳﻮﻓﯩﺌﺎﻟﻼﻳﺎﺭﻯ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻯ ﺳﻪﺑﯘﺭﯨﻨﯩﯔ ﯞﻩﺳﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ “ ﺑﻪﮬﺮﯗﻝ – ﺋﻪﻧﺴﺎﺏ “ ﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﻮﻝ ﺑﯘﺭﺟﯩﻜﯩﮕﻪ : “ ﺋﻪﺯ ﮬﻪﺯﺭﯨﺘﻰ ﻳﯜﺳﯜﻑ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ ﺩﻩﺭﺳﯩﻨﻪ ﭼﻪﮬﺎﺭﺳﻪﺩ ﮬﻪﺟﺘﺎﺩ ﮬﻪﺷﺖ ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ ﯞﻩﻓﺎﺕ ﺷﯘﺩﻩ . ﻗﻪﺑﺮﻯ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻛﯘﮬﻨﻪ ﮬﯩﺴﺎﺭ ﺯﻩﻣﯩﻨﻰ ﻓﺎﺑﻰ ﺋﺎﺏ ﻣﻪﺩﻓﯘﻥ ﺷﯘﺩﻩﺳﺖ ، ﺋﺎﻣﯩﻦ . ﻣﯩﻦ ﺷﻪﻳﺨﻰ ﺩﯗﺋﺎﮔﯘﻱ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺳﺎﺋﯩﻢ ﺳﯘﻓﻰ ﺋﺎﻟﻼﻳﺎﺭﻯ ﺳﯘﺑﮭﯘ ﺷﺎﻡ ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﻪﻟﻪﺩﺩﯞﺍﻡ ﻣﻪﺭﺍﺯﻯ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺳﯧﮭﺘﻪﻥ ﺑﯘﺯﯗﺭﯗﻛﯟﺍﺭ ﺭﻭﮬﻰ ﭘﯘﺭﻓﯘﺗﯘﮬ ﺩﯗﺋﺎﻳﻰ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻣﯩﻜﯘﻧﻪﻡ “ ، ﺩﻩﭖ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ ﯞﺍﭘﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﮬﯧﺠﯩﺮﯨﻴﻪ 478 – ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ، ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮬﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻛﻮﮬﻨﻪ ﮬﯩﺴﺎﺭﺩﯨﻜﻰ “ ﻓﺎﻳﻰ ﺋﺎﺏ “ ﺗﺎ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ، ﺑﯘ ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮬﺘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﻗﯩﺪﯨﺮﺧﺎﻥ ﻏﺎﺯﻯ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﻗﯩﺪﯨﺮﺧﺎﻥ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺷﺎﮬﺸﺎﺩﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﺯﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﯩﺰﺍﮬﻠﯩﻐﺎﻥ . ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭽﻪ ، ﻳﯜﺳﯜﭖ ﻗﯩﺪﯨﺮﺧﺎﻥ ﻣﯩﻼﺩﻯ 1040 – ﻳﯩﻠﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﯨﻦ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﻼﺭ ﺯﯦﻤﯩﻨﯩﮕﻪ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﻪﻟﻰ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺷﺎﮬﺰﺍﺩﻩ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﻗﺎﺭﻯ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺳﺎﻳﯩﻢ ﺳﻮﻓﻰ ﺋﺎﻟﻼﻳﺎﺭﻯ “ ﺑﻪﮬﺮﯗﻝ – ﺋﻪﻧﺴﺎﺏ “ ﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺑﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ، ﺗﯚﯞﻩﻧﻜﻰ ﺋﻮﯓ ﺑﯘﺭﺟﯩﻜﯩﮕﻪ : “ ﺋﻪﺭ ﮬﻪﺯﺭﯨﺘﻰ ﺳﺎﮬﯩﺐ ﻗﻪﻟﻪﻡ ﺋﯘﺳﺘﺎﺩﯨﻢ ﻣﻮﻟﻼ ﻣﯩﺮ ﮬﯜﺳﻪﻳﯩﻦ ﺳﻪﺑﯘﺭﻯ ﺑﯘ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ‘ ﺑﻪﮬﺮﯗﻝ – ﺋﻪﻧﺴﺎﺏ ‘ ﻧﯩﯔ ﺗﻪﻣﺎﻣﯩﻐﻪ ﻳﯜﺳﯜﺝ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭙﻨﯩﯔ ﻗﻪﺑﺮﻯ ﺷﻪﺭﯨﻔﯩﻠﯩﺮﻯ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻛﯘﮬﻨﻪ ﮬﯩﺴﺎﺩﯗﺭ . ﻣﻪﺯﺍﻓﯩﺌﯩﻲ ﻓﺎﻳﻰ ﺋﺎﺑﺘﺎ ﻣﻪﺩﻓﯘﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﮬﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﺷﻨﻰ ﭘﻪﻗﯩﺮﮔﻪ ﺗﻪﻣﺎﻣﻼﺷﻨﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ، ﺋﯘﺳﺘﺎﺩﯨﻢ ﻣﻪﺭﮬﯘﻡ ﻣﻮﻟﻼ ﻣﯩﺮ ﮬﯜﺳﻪﻳﯩﻦ ﺳﻪﺑﯘﺭﯨﻨﯩﯔ ﯞﻩﺳﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﯩﻨﺎﺋﻪﻥ ﻳﯜﺳﯘﻑ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭙﻨﯩﯔ ﺩﻩﻓﯩﻨﮕﺎﮬﯩﻨﻰ ﺑﯘ ‘ ﺑﻪﮬﺮﯗﻝ – ﺋﻪﻧﺴﺎﺏ’ ﻗﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﭖ ، ﺟﺎﻣﺎﺋﻪ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ، ﺋﻪﯞﻻﺩﻯ ﺗﯜﺭﻙ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﻗﺎﺯﻯ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﺎﻳﯩﻢ ﺳﯘﻓﻰ ﺋﺎﻟﻼﻳﺎﺭﻯ “ ﺩﻩﭖ ﻳﯧﺰﯨﭗ ، ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭙﻨﯩﯔ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ
ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﻰ ، ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮬﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ، ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ، ﻧﯧﻤﻪ ﺳﻪﯞﻩﺑﺘﯩﻦ ﺑﯘ “ ﺑﻪﮬﺮﯗﻝ – ﺋﻪﻧﺴﺎﺏ“ ﻗﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﻜﻪﻥ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺯﯨﻠﯩﻖ ﻣﯚﮬﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺳﻘﺎﻥ .
ﺋﯘﺯﯗﻧﻠﯘﻏﻰ 8.20 ﻣﯧﺘﯩﺮ ، ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﻰ 26 ﺳﺎﻧﺘﯩﻤﯧﺘﯩﺮ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ “ ﺑﻪﮬﺮﯗﻝ – ﺋﻪﻧﺴﺎﺏ “ ﻧﻰ 20 – ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻛﻮﻧﯩﺸﻪﮬﻪﺭ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﻗﻮﻏﺎﻥ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻗﭽﯩﻼ ﻛﻪﻧﺘﯩﺪﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺋﯚﻟﯩﻤﺎ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺋﺎﺑﺪﯨﺮﯨﻴﯩﻢ ﮬﺎﺟﯩﻢ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ( 1877 – 1845 – ﻳﯩﻠﻼﺭ) . ﺋﺎﺑﺪﯨﺮﯨﻴﯩﻢ ﮬﺎﺟﯩﻢ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘ “ ﺑﻪﮬﺮﯗﻝ – ﺋﻪﻧﺴﺎﺏ “ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺭﺳﯚﻳﻪﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﯩﻤﯩﻦ ﻗﺎﺭﯨﻤﻐﺎ ﻣﯩﺮﺍﺱ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ . 1965 – ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺑﯘ “ ﺑﻪﮬﺮﯗﻝ – ﺋﻪﻧﺴﺎﺏ “ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﯩﻤﯩﻦ ﻗﺎﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ 20 – ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ 80 – ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﻰ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺋﯧﻤﯩﺮ ﮬﻪﺳﻪﻥ ﻗﺎﺯﻯ ﮬﺎﺟﯩﻢ ( 1900- 1985 -ﻳﯩﻠﻼﺭ) ﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ . ﻣﻪﺭﮬﯘﻡ .ئﻤﯩﺮ ﮬﻪﺳﻪﻥ ﻗﺎﺯﻯ ﮬﺎﺟﯩﻢ 1985 – ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯘ “ ﺑﻪﮬﺮﯗﻝ – ﺋﻪﻧﺴﺎﺏ “ ﻧﻰ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﮬﺎﭘﯩﺰﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ، ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﻛﺎﺩﺩﯨﻤﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺑﯘ “ ﺑﯘﮬﺮﯗﻟﺌﻪﻧﺴﺎﺏ “ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﻛﺎﺩﺩﯨﻤﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻝ ﺑﯚﻟﯩﻤﯩﺪﻩ ﺳﺎﻗﻼﻧﻤﺎﻗﺘﺎ .
ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﮬﯚﺟﺠﻪﺕ : “ ﻗﻪﻟﻪﻣﯩﻲ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ “ ( ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﺗﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺑﯘ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻗﻮﻟﺪﺍ ، ﻗﯘﻣﯘﺵ ﻗﻪﻟﻪﻣﺪﻩ ﺧﻮﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻗﻪﻏﯩﺰﯨﮕﻪ ﺧﻮﺵ ﺧﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ، ﺗﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﭖ ﻧﺎﻡ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﺩﯨﻦ ) ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺧﻮﺗﻪﻧﺪﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺑﯘ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ ﺧﻮﺗﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺭﻯ ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭ ﺋﯧﻤﯩﺮ ﮬﻪﺳﻪﻥ ﻗﺎﺯﻯ ﮬﺎﺟﯩﻤﻐﺎ ﮬﻪﺩﯨﻴﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺋﯧﻤﯩﺮ ﮬﻪﺳﻪﻥ ﻗﺎﺭﻯ ﮬﺎﺟﯩﻢ ﺑﯘ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ 1984 – ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﮬﺎﭘﯩﺰﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ، ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ .
ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ 726 ﺑﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯘﺯﯗﻧﻠﯘﻏﻰ 34 ﺳﺎﻧﺘﯩﻤﯧﺘﯩﺮ ، ﻛﻪﯕﻠﯩﮕﻰ 22 ﺳﺎﻧﺘﻘﻤﯧﺘﯩﺮ ، ﻗﯧﻠﯩﻨﻠﯩﻘﻰ 6 ﺳﺎﻧﺘﯩﻤﯧﺘﯩﺮ ، ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ 13 ﻗﯘﺭﺩﯨﻦ ﺧﻪﺕ ﺑﺎﺭ . ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﺎﺵ ﻣﯘﻗﺎﯞﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﯧﺘﻰ ﻳﻮﻗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﺗﺎﺵ ﻣﯘﻗﺎﯞﯨﺴﯩﻨﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺭﻩﺧﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻗﺎﯞﯨﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ، ﺋﯩﭻ ﺑﯧﺘﯩﮕﻪ : “ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ ﺑﯩﺘﻪﺭﻩﺕ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﺎﻟﺴﺎﻕ ﮔﯘﻧﺎﮬﻜﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ “ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺧﻪﺗﻨﻰ ﯞﻩ ﻳﻮﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﻪﺕ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ : “ ﺳﯜﺭﻩ ﻓﺎﺗﯩﮭﻪ “ ﺑﯩﻠﻪﻥ “ ﺳﯜﺭﻩ ﺋﻪﻟﯩﻒ ، ﻻﻡ ، ﻣﯩﻢ “ ﻧﻰ ﺧﯘﺵ ﺧﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﺰﯨﭗ ، ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ . ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﮔﯜﭼﻰ ﻛﺎﺗﯩﭗ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ “ ﺋﻪﻟﻼﮬﯘﻣﻤﻪ ﺋﻪﻧﻔﻪﺋﯩﻨﺎ “ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺩﯗﺋﺎ ﺑﺎﺭ . ﺑﯘ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻗﻰ ﺳﯧﭙﯩﻠﯩﻨﻰ ﺳﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﯩﻼﺩﻯ 1835 – ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ، ﺋﻪﯓ ﻛﻪﻡ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ 155 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
ﺑﯘ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ 1830 – ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1848 – ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﮬﯧﻜﯩﻤﺒﻪﮔﻠﯩﻜﯩﻜﻜﻪ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﮕﻪﻥ ﺯﻭﮬﯘﺭﯨﺪﯨﻦ ﮬﯧﻜﯩﻤﻨﯩﯔ ﺩﯨﯟﺍﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﺯﯗﮬﻮﺭﯨﺪﯨﻦ ﮬﯧﻜﯩﻤﺒﻪﮒ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ ﻣﺎﺯﯨﺮﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ، ﺋﻮﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺋﯧﺌﯩﺘﯩﻜﺎﭘﺘﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ، ﺋﯩﺴﺘﯩﺨﺎﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﯨﻘﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺳﯧﭙﯩﻠﯩﻨﻰ ﺳﻮﻗﺴﺎ ﺧﻪﻳﺮﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯘﺵ – ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺑﯩﺸﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺷﯘ ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﻣﯚﺗﯩﯟﻩﺭ ﺋﯚﻟﯩﻤﺎﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻧﯧﺌﯩﻤﻪﺗﯘﻟﻼ ﻛﺎﺷﯩﻐﻪﺭﯨﻐﻪ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺯﯗﮬﻮﺭﯨﺪﯨﻦ ﮬﯧﻜﯩﻤﺒﻪﮒ ﻧﯧﺌﯩﻤﻪﺗﯘﻟﻼ ﻛﺎﺷﯩﻐﻪﺭﯨﻨﻰ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯘﻳﺮﯨﻐﺎﻥ . ﺑﯘ ﮬﻪﺩﯨﻴﻪﺩﯨﻦ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺳﯚﻳﯜﻧﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻧﯧﺌﯩﻤﻪﺗﯘﻟﻼ ﻛﺎﺷﯩﻐﻪﺭﯨﻨﻰ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﯩﯔ 723 – ﺑﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﮬﺎﺷﯩﻴﻪﺳﯩﮕﻪ ( ﭼﻪﺕ ﭼﯚﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﺟﺎﻳﻐﺎ ) ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ : “ ﺑﯘ ﺳﯘﺭﻩﺗﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﻤﯩﺌﻪ ﺗﻪﮬﺮﯨﺮ ﺋﻮﻟﺪﯨﻜﯩﻢ ، ﮬﻪﺯﺭﻩﺗﻰ ﯞﺍﯓ ﺯﯗﮬﻮﺭﯨﺪﯨﻦ ﮬﺎﻛﯩﻢ ﺋﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﻯ ﻓﻪﻗﯩﺮ ﺩﻩﺭﯞﯨﺶ ﻛﻪﻣﺘﻪﺭﻧﻰ ﻛﺎﺷﯩﻐﻪﺭ ﻗﻪﻟﺌﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺋﯩﻤﯩﺮﺍﺗﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﻪﮬﯩﺲ – ﺳﻪﺋﯩﺪﻟﯩﻜﻜﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺴﺘﺨﺎﺭﻩ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﻛﺎﺷﯩﻐﻪﺭ ﻗﻪﻟﺌﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺋﯩﻤﯩﺮﺍﺗﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﻗﯩﺒﯩﺘﯩﮕﻪ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺑﯘ ﺭﯗﺋﯩﻴﺎﻧﻰ ﮬﻪﺯﺭﻩﺗﻰ ﮬﺎﻛﯩﻢ ﺋﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﯨﻐﻪ ﺑﻪﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮬﻪﺯﺭﺍﺗﻰ ﮬﺎﻛﯩﻢ ﺩﯨﯟﺍﻧﻪ ﺷﺎﮬﺎﻧﻪﺩﯨﻦ ﺑﯘ ﻛﻪﻻﻡ ﺷﻪﺭﯨﻔﺘﻰ ﻓﻪﻗﯩﺮﻏﻪ ﮬﻪﺩﯨﻴﻪ ، ﺋﯩﻨﺌﺎﻡ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ، ﻓﻪﻗﯩﺮ ﺳﺎﮬﯩﺐ ﺩﯗﺋﺎ ﻧﯧﺌﯩﻤﻪﺗﯘﻟﻼ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻯ ﻣﯘﮬﯘﺭﯗﻣﻨﻰ ﺑﺎﺳﺘﯩﻢ . 1253 – ﮬﯩﺠﯩﺮﻯ “ .
ﺗﺎﻣﻐﺎ ( ﻣﯚﮬﯘﺭ ) ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ 1238 – ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ . ﺗﺎﻣﻐﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﺕ “ ﻧﯧﺌﯩﻤﻪﺗﯘﻟﻼ ﺑﯩﻦ ﺳﻪﺩﺭﯨﺪﺩﯨﻦ “ ﺩﯗﺭ .
ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﮬﯚﺟﺠﻪﺕ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ ﻣﺎﺯﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ، ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻝ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯘ ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ ﻣﺎﺯﯨﺮﯨﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﯨﻨﻰ ﯞﻩ 19 – ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﯧﻤﯩﺮ ﮬﯜﺳﻪﻳﯩﻦ ﺳﻪﺑﯘﺭﻯ ، ﻗﺎﺯﻯ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺳﺎﻳﯩﻢ ﺳﻮﻓﻰ ﺋﺎﻟﻼﻳﺎﺭﻯ ، ﺯﯗﮬﯘﺭﯨﺪﯨﻦ ﮬﯧﻜﯩﻤﺒﻪﮒ ، ﻧﯧﺌﯩﻤﻪﺗﯘﻟﻼ ﻛﺎﺷﯩﻐﻪﺭﯨﺪﻩﻙ ﺑﻪﺯﻯ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﻤﯘ ﻳﻮﺭﯗﺗﯘﺷﺘﺎ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﮬﯚﺟﺠﻪﺕ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )