- تىزىملاتقان
- 2014-3-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3927
- نادىر
- 3
- يازما
- 235
ئۆسۈش
64.23%
|
ئەجرىڭىزگە رەھمەت قىرىندىشىم.
مەن مۇشۇ توغۇرلۇق يازاي دەپ ئويلىغان، بىراق ۋاز كەچتىم.
سىزگە پىكرىم: تەرجىمە قىلىشقا تىرەن مەزمۇنلۇق، سىلىشتۇرمىسى كۈچلۈك، چۈشىنىشلىك ماقالىنى تاللىيالماپسىز. جاپا تارتىپ تەرجىمە قىلغانغا چۈشلۈق ئىش بولماپتۇ.
پوست (post)دىگەن باغلىغۇچى سۆز لاتىنچىدا " ئارقا، كىيىن" دىگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ. يەنى مودىرنىزىم نىڭ كىيىنكىسى دىگەنلىكتۇر. سىلىشتۇرما ئىلىپ بارساق :
مودىرنىزىم 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، پوست مودىرنىزم نەزەرىيىسى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن ئوتتۇرىغا چىققان. ئىككىلىسىنىڭ سەنئەت، ئەدەبىيات، بىناكارلىق، مەدەنىيەت ۋە جەمئىيەت ساھەلىرىگە تەسىرى بار. ھەتتا سىياسەت ساھەسىگە يىقىندىن تەسىر قىلىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە بۇلار غەرپ پەلسەپە ۋارىيانتلىرىنىڭ ھاسىلاتلىرىدۇر.
ئاددىيچە قىلىپ چۈشەندۇرسەك، مودىرنىزىم ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى قىسمەن ئاساس قىلىپ، ئىسلاھات يۈرگۈزسە، پوست مۇدىرنىزم ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى تۈپتىن رەت قىلىدۇ. مودىرنىزم بىناكارلىقتا ئاددىيلىق ۋە سىپتىلىقنى ئاساسىي ئىقىم قىلسا، پوست مودىرنىزم سانائەت ماتىرىياللىرى ۋە كۆپ مەدەنىيەتلىك تەسەۋۋۇرلىرى ئارقىلىق رەڭدارلىقنى، مۇرەككەپلىكنى ئىپادە قىلىشنى ئاساسىي ئىقىم قىلىدۇ. مودىرنىزم لوگىكىلىق ۋە مەنتىقىلىق ئۇسۇل ۋە ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ بىلىم قازىنىشنى تەلەپ قىلسا ، پوست مودىرنىزم لوگىكىغا زىت، مەنتىقىسىز، ئىلمىي ئاساسسىز ۋاستىلەردىن پايدىلىنىدۇ. مودىرنىزم ئامىرىكا ۋە ياۋرۇپانى ئاساس قىلسا، پوست مودىرنىزم كۆپ مەدەنىيەتلىشىشنى ئاساس قىلىدۇ. مودىرنىزم ھاياتنىڭ ئابىستىراكىت ھەقىقىتى بار دەپ ئىشەنسە، پوست مودىرنىزم كائىنات ۋە ھاياتلىقتا ھىچقانداق ھەقىقەت يوق دەپ قارايدۇ.. مودىرنىست چۈشەنچە ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىلىم-پەن ۋە سەۋەب قوللىنىش ئارقىلىق يۈكسىلىدىغانلىقىغا ۋە ئۆتمۈشتىكى يازمىلارنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى بارلىقىغا ئىشىەنسە، پوست مودىنىزم مەدەنىيەت تەرەققىياتىدا پەقەت ياۋرۇپانىڭ باشلامچىلىق قىلىشى كىرەك دەپ قارايدۇ ۋە ئۆتمۈشتە يىزىلغان يازمىلارنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىدۇ . مودىرنىزمچىلار ئورىگىناللارنى ھەقىقىي دەپ قارىسا، پوست مودىرنىزىمچىلار ئۈست رىئاللىق ئۈستىدە كۆپرەك پىكىر يۈرگۈزىدۇ، ئۇلار كۆپرەك مىدىيادا تەشىۋىق قىلىنغان نەرسىلەرنىڭ بەكرەك تەسىرگە ئۇچرايدۇ. مودىرنىزم تارىخچىلىرى مەسىلىنىڭ ئەسلىيىتىگە چوڭقۇرلىشىشنى مەركەز قىلسا، پوست مودىرنىزم مۇتەپەككۇرلىرى شەيئىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۇشكە ئىشىنىدۇ، ئىچكى قاتلامغا كىرىپ ئانالىز قىلىشقا ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ.
مىنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىمدا، پوست مودىرنىزم مودىرنىزمنىڭ داۋامى بولماستىن، بەلكى قېيىشى، قىسمەن نۇقتىلاردا تىخىمۇ خەتەرلىك ئىدىئولۇگىيە ھىساپلىنىدۇ. پوست مودىرنىزم ھازىر ئاللىبۇرۇن سىياسەت ساھەسىگە كىردى. تەسىرىنى ئامىرىكا ۋە ياۋرۇپادىكى ئېتىقادچىلار ھىس قىلىپ ھىس قىلماي كۆرىۋاتىدۇ. بىزدىن ئىلىم ۋە بىلىم ئىگىلىرى چىقماسلىقى، ئەگەر چىقسا پەقەت تەپەككۇرى كۈچلۈك، يورۇق ئىدىيەلىك ئىلىم ئىگىلىرى كۆپلەپ چىقىشى كىرەك. |
|