پوسىتمودېرنىزىم پېتىر باررى
ئابدۇنىياز ئىمىن تەرجىمىسى
نېمە ئۈچۈن پوسىتمودېرنىزىم دەيمىز؟ يەنە نېمە ئۈچۈن مودېرنىزىم دەيمىز؟
بۈگۈنكى كۈندە، مودېرنىزىم ۋە پوستمودېرنىزىمنى پەرقلەندۈرۈش ھەققىدىكى تالاش-تارتىش خۇددى قۇرۇلمىزىم ۋە چۇۋۇلمىزىمنى پەرقلەندۈرۈشكە ئوخشاش شۇنچىلىك كەسكىن. مودېرنىزىم ۋە پوسىتمودېرنىزىمنىڭ تارىخى ئوخىشمايدۇ، ئالدىنقىسى ئاللىقاچان بېكىتىلىپ بولغان نام، 20-ئەسىردىكى مەدەنىيەتنى چۈشىنىش ئۈچۈن ھالىقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە. كېيىنكىسى بولسا 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىغا كەلگەندە، ئاندىن مودا بولۇشقا باشلىدى. مودېرنىزىم 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى سەنئەت ۋە مەدەنىيەت ھەرىكىتىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئومۇمىي نامدۇر. سەنئەت ساھەسىدە، ئۇ خۇددى بىر مەيدان يەرتەۋرەشتەك، 20-ئەسىرنىڭ ئالدىدىكى مۇزىكا، رەسساملىقتىن تارتىپ ئەدەبىيات ۋە قۇرۇلۇشقىچە بولغان بارلىق سەنئەت قۇرۇلمىسىنى بۇزۇپ تاشلىدى. ئۇ يەرتەۋرەشنىڭ تەۋرەش مەركىزى بولسا، 1890-يىلدىن 1910-يىلدىن ئارىلىقىدىكى ۋېنا بولۇپ، تەۋرەش دائىرىسى كېڭىيىپ فىرانسىيە، گىرمانىيە، ئىتالىيەگە يېتىپ بېرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئەنگىلىيەمۇ قېچىپ قۇتۇلالمىدى. بۇنىڭ بىلەن، كۇبىزىم (Cubism) دادائىزم (Dadaism) سۈررىئالىزىم (surrealism)، كەلگۈسىزىم (futurism) قاتارلىق سەنئەت ھەرىكەتلىرى مەيدانغا كەلدى. بۈگۈنگىچە، بىز ئاشۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشنىڭ قالدۇق تەۋرەشلىرىنى ھېس قىلىپ تۇرماقتىمىز، ئاشۇ مەيداندىكى يەرتەۋرەشتە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن نۇرغۇنلىغان قۇرۇلمىلار تېخىچە قوپالىغىنى يوق. مودېرنىزىمنى چۈشەنمەي، 20-ئەسىر مەدەنىيىتىنى چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس.
مودېرنىزىمنىڭ كېڭىيىشى ئارقىسىدا، ئۆتمۈشتىكى ناھايىتى مۇھىم ئەمەلىيەت تەركىبلىرى (ئەنئەنە) خىرىسقا ۋە تاشلىنىشقا دۇچ كەلدى؛ مۇزىكا رېتىم ۋە يېقىملىق ئاھاڭدىن، رەسىم ئېنىق بولۇش ۋە بىۋاستە ئىپادىلەشتىن ۋاز كېچىپ، مەلۇم دەرىجىدىكى ئابىستراكىتلىققا يۈزلەندى ياكى ئەھمىيەت بەردى. قۇرۇلۇش ساھەسىدىمۇ شەكىل ۋە ماتېرىيال (ئۇچلۇق، ئەگمە، تۈۋرۈكلۈك، تاشتىن قىلىنغان، خىشتىش قىلىنغان) ئەنئەنىسىدىن ۋاز كېچىلىپ، تۈز، تىك، تەكشى بولغان گىئومېتىرىيەلىك شەكلىگە ۋە يېڭى ماتېرىياللارغا، مەسىلەن، تۈز ئەينەك ۋە بېتون قاتارلىقلارغا دىققىتىنى ئاغدۇردى. ئەدەبىيات ساھەسىدە، ئەنئەنىدىكى رېئالىزىم (ۋاقىت تەرتىپى، چاتما بايان، ھەممىگە قادىر بايانچى، يېپىق تۈگەللەنمە قاتارلىقلار) تۈرلۈك-تۈمەن تەجرىبە شەكىللىرىگە ئورۇن بوشاتتى.
1910-يىلىدىن 1930-يىلىغىچە بولغان 20 يىل مودېرنىزىمنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن مەزگىلى بولۇپ، بۇ مەزگىلدە، ئېللىيۇت (T.S.Eliot)، جويىس (James Joyce)، پوند (Ezaa pound)، لىۋىس (Wyndham lewis)، ۋۇلىف (Virginia Woolf)، سىتىۋىنىس (Wallaace Stevens)، سىتېيىن (Getrude stein)، پىروست (Marcel proust)، مالارمى (Stephane Mallarme)، جىد (Andre Gide)، كافكا (Franz Kafka)، رىلكى (Rainer Maria Rilke) دىن ئىبارەت بىرقاتار ئەدەبىيات پىشۋالىرى بارلىققا كەلدى. تۆۋەندە بىز مودېرنىزىم ئەدەبىياتىنىڭ بىر قىسىم مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمىز:
1. تەسىرگە ۋە سۇبيېكتىپلىققا قايتىدىن ئېتىبار بەردى، يەنى، قانداق قاراشقا بولغان دىققەت-ئېتىبارى نېمىگە قاراش («ئاڭ ئېقىمى» دا بۇ خىل ماھارەتنى قوللىنىش ناھايىتى ئېنىق نامايەن بولدى) تىن ئېشىپ كەتتى.
2. پىروزا ئىجادىيتى ھەممىنى بىلەرمەن تاشقى بايانچى، مۇقىم بايان نۇقتىسى، ئېنىق ئەخلاقىي مەيدان، ھەمدە مۇشۇ ئالاھىدىلىك ئۈستىگە قۇرۇلغان يۈزەكى ئوبيېكتىپلىقتىن يۈز ئۆرىدى.
3. ژانىرلار ئوتتۇرىسىدىكى چەك-چېگرا ئېنىقسىزلاشتى، شۇڭلاشقا پىروزىلارمۇ لىرىكىلىققا ۋە شېئىرىيلىققا ئىگە قىلىندى، شېئىرلار تېخمۇ بەكرەك «نەقمەيدان خاتىرە ئەدەبىياتى» تۈسىنى ئالدى.
4. پارچە-پۇرات شەكىللەرگە بەكرەك سادىق بولۇپ، ئۈزۈك (داۋامسىز) باياننى قوغلاشتى، بۇلار قارىماققا مۇناسىۋەتسىز ماتېرىياللارنىڭ چاپلاپ قۇراشتۇرۇلۇشىغا ئوخشاپ قالدى.
5. «ئۆزى ھەققىدە ئويلىنىش»قا مايىل بولدى، شۇڭلاشقا شېئىر، تىياتىر، پىروزا ۋە ھېكايە ئۆزلىرىنىڭ ماھىيىتى، ئورنى ۋە رولى مەسىلىنى ئوتتۇرىغا تاشلىدى.
مۇشۇ ئۆزگىرىشلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بارلىق ئۈنۈملەر تەجرىبىگە ئىشتىياق باغلىغان ۋە يېڭىلانغان ئەدەبىياتنى بارلىققا كەلتۈردى. قىران مەزگىلى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، مودېرنىزىم 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى كۆرۈنەرلىك پەسىيىشكە باشلىدى، ئۇنىڭ بىر قىسىم سەۋەبىلىرى ئىلگىرىكى ئون يىللىق يىغىلىپ قالغان سىياسىي جىددىيىلىك ۋە ئىقتىسادىي كىرزىس ئىدى. 20-ئەسىرنىڭ 60-يىلىرىغا كەلگەندە، مودېرنىزىم يەنە باش كۆتۈردى (ناھايىتى قىزىقارلىق يېرى، ئاشۇ ئون يىل بىلەن مودېرنىزىمنىڭ قىران دەۋرىدىكى 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرى نۇرغۇن تەرەپلەردىن ئوخشاشلىققا ئىگە ئىدى)، بىراق ئىلگىرىكى قىران دەۋرىدىكىدەك گۈللىنەلمىدى.
يۇقىرىدا بىز ئاددىيلا قىلىپ، مودېرنىزىم دېگەن نېمە؟ قايسى دەۋردە پەيدا بولغان؟ دېگەن مەسىلىلەرنى قىسقىچىلا دەپ ئۆتتۇق. ئۇنداقتا، پوسمودېرنىزىم ئۇنىڭ داۋامىمۇ ياكى ئۇنىڭغا ئۆكتە قوپۇشمۇ؟ بۇ مەسلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن پوسمودېرنىزىمغا ئاددىيلا ئېنىقلىما بېرىپ ئۆتەيلى. ئالدى بىلەن، پوسمودېرنىزىمنىڭ تەييار ئېنىقلىمىسىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى. كادۇن ئۆزىنىڭ « ئەدەبىيات ئاتالغۇسى ۋە ئەدەبىيات نەزەرىيەسى لۇغىتى» ناملىق كىتابىدا، پوستمودېرنىزىمغا: « كېلىشتۈرمە ئۇسۇل، ئويلىغىنىنى خالىغانچە يېزىش مۇشتاقلىقى، ھەزىل ۋە تەقلىد قىلشىقا بولغان ئامراقلىق» دەپ ئېنىقلىما بېرىدۇ. بىراق، بۇ پوسمودېرنىزىم بىلەن مودېرنىزىمنىڭ پەرقىنى تازا ياخشى ئېچىپ بېرەلمەيدۇ. «كېلىشتۈرمە» دېگەن بۇ سۆز پارچە–پۇرات شەكىل قوللىنىشتىن دېرەك بېرىدۇ، باشتا مەن دەپ ئۆتكەندەك، بۇ ھەم مودېرنىزىمنىڭ ئالاھىدىلىكى. ئېللىيۇتنىڭ «باياۋان» (The Waste Land) دېگەن ئەسىرىنى مىسال قىلساقمۇ، بىر مۇكەممەل بولمىغان ھېكايىنى ياكى ھېكايە پارچىسىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىسىدا پۈتكەن ئەسەردۇر. شۇنىڭدەك، «خالىغانچە يېزىش» قا بولغان مۇشتاقلىقمۇ تاساددىپى ياكى ئىختىيارىي تەركىبلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. بۇ دەل 1917-يىلىدىكى دادائىزىمنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدلىكى. مەسىلەن، دادائىزىمچىلار گېزىتلەردىن خالىغانچە جۈملىلەرنى تېرىپ ئېلىپ، ئاندىن ئۇلارنى قۇراشتۇرۇپ شېئىرغا ئايلاندۇرغان. ئەڭ ئاخىرقى ھېسابتا، چاقچاق تۈسىدىكى تەقلىد يالتايغاق ئاپتورنىڭ مۇقەددەس ئورنى ۋە ھاكاۋۇرلۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئۇنىڭ ئەڭ روشەن مىسالى بىلمەيدىغان نەرسىسى يوق ياكى ھەممىنى بىلىدىغان بايان ئىستىلى بولۇپ، بۇ مودېرنىزىمنىڭ يادرولۇق تەركىبىدۇر. شۇ بۇيىچە بولغاندا، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، پوستمودېرنىزىم بىلەن مودېرنىزىمنى ئايرىشنىڭ ئۇسۇلى، ئاۋۋال، ۋاقىتتىكى ئىلگىرى-كېيىنلىك مۇناسىۋىتىنى ئايرىش، ئاندىن، مودېرنىزىمنىڭ مەلۇم ئالاھىدىلىكلىرىگە تايىنىپ پوسىتمودېرنىزىمنى بېكىتىشتۇر. مۇشۇ قاراشلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇلار سەنئەت تارىخدىكى ئىككى خىل ۋارىسلىق قىلىش ۋە قىلىنىش باسقۇچى ئەمەس، بەلكى ئىككى خىل قارىمۇقارشى روھىي ھالەت ۋە پوزىتىسىيەدۇر. تۆۋەندە بىز ئىككىسنىڭ بەزى مۇھىم پەرقلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمىز.
خەۋسورىن (Jeremy Hawthorn ) ئۆزىنىڭ «بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات نەزەرىيەسى قوللانمىسى» ناملىق كىتابىدا، مودېرنىزىم ۋە پوسمودېرنىزىمنى بىر ئورۇنغا قويۇپ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ پەرقىنى ناھايىتى ياخشى چۈشەندۈرگەن. ئۇ دەيدۇكى، ھەر ئىككىلىسى پارچە-پۇرات شەكىلگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ، بۇ پۈتۈن 20-ئەسىر سەنئىتىنىڭ ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكدۇر. بىراق، مودېرنىزىمچى ۋە پوستمودېرنىزىمچىلارنىڭ روھىي كەيپىياتى ئوخشىمايدۇ. مودېرنىزىمنىڭ ئالاھىدىلىكىدە، بۇرۇنقى دەۋرگە كۈچلۈك سېغىنىش تۇيغۇسى بولۇپ، بۇ ئاۋۋالقىدەك ئېتىقاد پۈتۈن، نوپۇزى تېخى ئاغدۇرۇلمىغان دەۋردۇر. مەسىلەن، پوند ئۆزىنىڭ «شېئىرلار» (The canons) دېگەن مۇھىم ئەسىرىنى «تاغارنىڭ ئاغزىنى بۆسۈش» دەپ ئاتىغان، ئۇنىڭ مەنىسى شۇنى ئىپادىلەيدۇكى، ھازىرقى زامان ئەسەرلىرىدىكى ھەر بىر سۆزدىنمۇ كۈچلۈك ئەپسۇسلۇق ئېقىپ چىقىپ تۇرىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسىرى «خۇ سېلۋىن موبېرلى» (Hugh Selwyn Mauberly)دا، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى « كۇكۇم-تالقان بولغان ئىككى ھەيكەل / نەچچە مىڭ پارچە-پۇرات كونا كىتاب» دەپ سۈپەتلەيدۇ، ھەمدە سودىگەرچىلىك (سودا-ئىزىم) نىڭ داۋراڭلىرى كۆتۈرۈلۈپ، «مەڭگۈلۈك ھەقىقەت»نىڭ چۆككىنى ئۈچۈن قايغۇرىدۇ. شۇنىڭدەك، «باياۋان»مۇ ئۈمىدسىز ئاۋازدا: «خارابىلىككە يول ئالدىم، كەينىمدە بىر تالاي پۇچۇق تاملار» دەيدۇ. بۇ ئاۋازلاردىن ئاڭلايدىغىنىمىز ئازاپ، پاسسىپلىق، ئۈمىدسىزلىك بولۇپ، ئۇنى ئىپادىلەشكە ئەڭ باب كېلىدىغىنى «پارچە-پۇرات» سەنئەت شەكلىدۇر (مەسىلەن ئېيتساق، كۇرت شىۋېستنىڭ رەخت ئۈستىگە گېزىت، ۋاقىت جەدۋىلى، ئېلان قاتارلىقلارنى خالىغانچە قويۇپ قۇراشتۇرۇپ چىققان قۇراشتۇرمىچىلىق سەنئىتى). مودېرنىزىمغا ئوخشىمىغان ھالدا، پوستمودېرنىزىمچىلارچە «پارچە-پۇرات»لىق كىشىنىڭ روھىنى ئۇرغۇتىدىغان ۋە ئەركىنلىك ئاتا قىلىدىغان ھادىسە بولۇپ، بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەردىكى مۇقىم ئېتىقاد سىستېمىسىنىڭ تۆمۈر قەپىزىدىن چىقىش تىرىشچانلىقىنىڭ سىمۋولىدۇر. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، «پارچە-پۇرات» دۇنياغا يۈزلەنگەندە، مودېرنىزىمچىلار ئاھ ئۇرۇپ ھەسرەتلەنسە، پوسمودېرنىزىمچىلار جانلىنىپ يايراپ كېتىدۇ.
بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىككىنچى پەرق ئوخشاشلا ئىنتوناتسىيە ۋە پوزىتسىيەدە كۆرۈلىدۇ. مودېرنىزىمنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئاددىيلىقنى تەكىتلەيدۇ، ئۇلار 19-ئەسىردىكى سەنئەت شەكلى زىيادە مۇرەككەپ بولغانلىقتىن ئادەمنى ھەقىقەتەن بىزار قىلىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ خىل ئاددىيلىق مودېرنىزىملىق ئىمارەتلەردە ئالاھىدە گەۋدىلىكتۇر. مەسىلەن ئېيتساق، ئادولىف لۇس (Adolf loos) «بېزەش − جىنايەتتۇر» دەپ جاكارلىسا، مېس ۋەن دىر روخ (Mies van der Rohe) «ئاز دېمەك كۆپ دېمەكتۇر» دەيدۇ، لى كۇربۇسېئەر(Le corbusier) بولسا « ئۆي دېگەن ئولتۇراقلىششنىڭ ماشىنىسى» دەيدۇ. بۇ كېيىن « ئاياق قېپىچە» ئىمارەتلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەب بولغان بولۇپ، كىشلەرنىڭ بىزارلىقىنى ۋە سەسكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىغا بارغاندا تېخىمۇ شۇنداق بولغان. بىراق، ئاشۇ خىتابلارنىڭ غايىپەرەسلىك ئىلمىنېتلىرى بۇرنقىدەكلا ئالغا ئىلگىرىلىتىش ئىنىرگىيەسىگە ئىگە بولدى. ئاددىيلىق مودېرنىزىملىق ئەدەبىياتتىمۇ ئەكس ئەتتى، مەسىلەن، شېئىرىيەتتىكى « مىنىمالىزىم» (minimalism) (زىيادە ئاددىيلاشتۇرمىچىلىق)دا، بىر قۇرغا پەقەت ئىككىلا خەت ئۇرۇنلاشتۇرغان، ئۇنىڭدا شائىرنىڭ پەقەت شالاڭ ۋە قوپال كۆزىتىشلىرىلا خاتىرىلەنگەن. يەنە مەسىلەن، بېككىت (Samuel Beckett) نىڭ تىياتىرى پەقەت 13 مېنۇتلۇق بولۇپ، ئۇنىڭدا بىرلا ئارتىس بار، دېكراتسىيە يوق، سەھنە سۆزىمۇ شالاڭلىقتا چېكىگە يەتكەن. «نەپىسلىك» ۋە « ئاممىبابلىق» بولسا مودېرنىزىمنىڭ بىر مۇھىم ئايرىمىسى، لېكىن، پوسمودېرنىزىم بۇنداق ئايرىشنى خالىمايدۇ. ئۇلار كەڭ يېيىشنى، جەلىپكارلىقنى، «يىرگىنىشلىك» نەرسىلەر ئىچىگە نىقتاپ كىرگۈزىدۇ. مودېرنىزىم ئاددىي، جەزبىدار نەرسىلەرنى قالتىس ھېسابلايدۇ، بىراق بۇلار پوسمودېرنىزىمچىلارنىڭ پەس كۆرۈشىگە ئۇچرايدۇ، كېيىنكىسى، بىر ئىمارەتكە ئوخشىمىغان دەۋرنىڭ ئىمارەت ئالاھىدىلىكلىرىنى بىرلەشتۇرۇشكە بەكرەك قىزىقىدۇ، بۇ يەرگە ... دەۋرىنىڭ ئۇسلۇبىچە بىنانىڭ ئۇلىنى ئۇرۇنلاشتۇرسا، ئۇ يەرگە ئۇنچە ساپ بولۇپ كەتمىگەن كىلاسسىكچە ساراي سالىدۇ. ئەدەبىياتتا، مۇشۇنىڭ بىلەن يېقىن كېلىدىغان كىرېيىگ رېيىن (Craige raine)، كىرىستوفېر رېيىد (Christopher Reid) نىڭ «مارس شېئىرىيتى» (Martian Poetry) غەلىتىلىك، يارقىن تۈسلۈك، كۆپ خىل ئىماگ، كۆپخىل كۆزىتىش نۇقتىسى، سۆزلەرنى پاساھەتلىك ئىپادىلەش قاتارلىقلار بىرلىشىپ كەتكەن بولۇپ، پەقەت يۈزەكىيلىك بىلەنلا قانائەت تاپىدىغاندەك ۋە چوڭقۇر مەنىلەرنى قوغلاشمايدىغاندەك تۇيۇلىدۇ. كەسكىن ۋە ئاددىي مودېرنىزىمغا سېلىشتۇرغاندا، پوستمودېرنىزىمنىڭ پەرقلەندۈرەلمىگۈدەك يەنە قايسى يېرى بولسۇن؟
پېتىر باررىينىڭ "نەزەرىيەگە كىرىش' نامىلىق كىتابىدىن تەرجىمە قىلىندى.
|