- تىزىملاتقان
- 2013-9-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2972
- نادىر
- 0
- يازما
- 233
ئۆسۈش
32.4%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا UYGRAF تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-11 20:59
ezizheytkun يوللىغان ۋاقتى 2016-3-11 17:58
ئابدۇكېرىم راخماننىڭ «مەدەنىيەت ئىزلىرىدىن تۇغۇلغان ...
ئابدۇكېرىم راخماننىڭ «مەدەنىيەت ئىزلىرىدىن تۇغۇلغان ھېسلار»ناملىق كىتابىنىڭ
147-بېتىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ئەجدادلىرىمىز بۇنىڭدىن 3000 مىڭ يىل بۇرۇن يۇلتۇزلار ھەققىدە كۈزىتىش ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان.قۇياشمۇ يۇلتۇزلارنىڭ بىرى بولۇپ،بۇنىڭدىن 2000 مىڭ يىل ئىلگىرى تىك خادا بىلەن قۇياش سايىسىنى ئۆلچەش ئارقىلىق،سايىنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقتىنى ياز،ئەڭ ئۇزۇن ۋاقتىنى قىش دەپ بەلگىلىگەن.
تىك خادا سايىسىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىغا قاراپ،بىر يىل 365.25 كۈن قىلىپ بەلگىلى گەن....
===================================================
بىر يىلنىڭ 365.25 كۇن بولىدىغانلىقىنى ئۇيغۇرلار ھىساپلاپ چىققان؟ تولىمۇ كۈلكىلىك گەپ بولدى بۇ. ئىلىم پەنگە ھۆرمەت قىلايلى، ئىلىم-پەنگە مىللى ھىسسىياتنى ئارلاشتۇرىۋېتىش ئۆزىنى ئۆزى ئالداپ تەسەللىي تاپىدىغان ئاكيۇئىزىمچە روھتىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئەگەر بىلگۈڭىز بولسا مەن سۆزلەپ بېرەي:
ئىتالىيىلىك پەيلاسوپ، دوختۇر ئالايسىئۇس لىلىئۇس دىگەن كىشى گالېلىي تۇزگەن يىل ھىساپلاش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىپ، ھەر 400 يىلدا كەبىسە يىلىدىن 97 كېلىدىغانلىقىنى بايقاپ چىققان، ئۇ ياۋروپا رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ۋاقىت بىرلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن 1682-يىلى رىم پاپىسى گرىيگورىينىڭ نامىدا ئېلان قىلدۇرغان. گالىلىي كالىندارىدا ھەر 400 يىلدا 100 كەبىسە يىلى كېلەتتى، ھەمدە بىر يىل 365.25 كۈن ئىدى، بۇنداق بولغاندا ھەر 128 يىلدا بىر كۈن خاتالىق پەرقى كېلىپ چىقاتتى، ئەمما لىلىئۇس بىر يىلنىڭ 365.2425 كۈن بولىدىغانلىقىنى ئىنچىكە ھىساپلاپ چىقىپ، ھەر 3300 يىلدا بىر كۈن خاتالىق پەرقى كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى بايقىدى، ھەمدە گالېلىي كالېندارىدا ئارتۇق ھىساپلىنىپ كېلىۋاتقان 10 كۈننى كالىنداردىن چىقىرىۋېتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن گرىگورىي 1682-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى(پەيشەنبە)نىڭ ئەتىسىنى گرىگورىي كالىندارىدا 1682-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى(جۈمە) بولىدۇ، دەپ ئېلان قىلدى. ئۇ گالېلىينىڭ توھپىسىنى خاتىرلەش ئۈچۈن يەنىلا ئەيسانىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى مىلادىيە كالىندارىنىڭ باشلىنىش يىلى بولىدۇ، كەبىسە يىلىدىكى تولۇقلانغان بىر كۈن 2-ئاينىڭ 28-كۈنىنىڭ ئەتىسىگە قوشۇلۇپ، 2-ئاينىڭ 29-كۈنى بولىدۇ، دەپ بېكىتتى.
ئەمدى سىزدىن سوراپ باقسام، ھىجىرىيە كالىندارىدا بىر يىل زادى نەچچە كۈن، نەچچە سائەت بولىدۇ؟ مەلۇم بىر كۈننى ھىجىرىيە كالىندارىدا ئېنىق ئىپادىلەشكە بولامدۇ؟ ئەگەر ئېنىق ئىپادىلەشكە بولسا تۇغۇلغان كۈن قانداق بېكىتىلىدۇ؟ 33 ياشقا كىرگەن كىشى ئۆزىنى 34 ياش، 66 ياشقا كىرگەن كىشىنى ئۆزىنى 68 ياش، 99 ياشقا كىرگەن كىشى ئۆزىنى 102 ياش دەپ ئاتامدۇ؟ مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ 97 يېشىدا ۋاپات بولغانلىقىنى قانداق چۈشۈنۈشكە بولىدۇ؟ مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ۋاپات بولغان چاغدىكى يېشىغا يەنە بىر ياش قوشۇش كېرەكمۇ؟ ئەگەر ئېنىق ئىپادىلەشكە بولمىسا، نىمىشقا نورۇز بايرىمى 3-ئاينىڭ 21-كۈنىگە بېكىتىلىدۇ؟؟؟
مۇشۇ ھەقتە چۈشەنچە بەرسىڭىز، رەھمەت.
|
|