يەر شارىنىڭ ئوتتۇرا نۇقتىسى ۋە نورۇز (نەۋرۇز بايرىمى )
يەر شارىنىڭ ئوتتۇرا نۇقتىسى دېگىنىمىز-پۈتكۈل يەر شارىدا مىلادى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى كېچە سائەت«0» دە كېچە بىلەن كۈندۈز دەل 12 سائەتتىن تەڭلىشىپ، ئەتىسى يەنى 3-ئاينىڭ 21-كۈنىكۈن 5 دىن 59 مىنۇتتا چىقىپ 6 سائەت ئۆتۈپ ( 6 سائەت شۇ بىر كۈنلۈك 12 سائەتنىڭ يېرىمى) چىڭ چۈش قىيامىغا ( كۈن چىقىش ۋە كۈن پېتىشنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا) 12گەكېلىپ چىڭ چۈشتىن كەچكىچە 6 سائەت ئۆتۈپ كەچتە دەل 6 دىن 1 مىنۇت ئۆتكەندە كۈنئولتۇرىدىغان رايون « 0» نۆل مېردىئان رايون دەپ ئاتىلىدۇ.
يەنى بۇتەبىئىي نۆل « 0» مېردىئان سىزىق يەر شارىنىڭ شىمالىي قۇتۇبى بىلەن جەنۇبىي قۇتۇپ ئوتتۇرىسىدىكى تەبىئىي نۆل «0» سىزىق دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تەبىئىي نۆل « 0» سىزىقنى كېسىپ ئۆتكەن، شىمالىي يېرىم شار كەڭلىك 43گىرادوسقا جايلاشقان مەلۇم رايون (ئەمەلىيەتتە ئېنىقلاندى) يەر شارىنىڭ شىمالىي يېرىم شاردىكى ئەڭ ئوتتۇرا نۇقتىسى دەپ بەلگىلىنىدۇ. بۇنى جۇغراپىيە ئىلىمىدە مېردىئان نۆل « 0»، شىمالىي كەڭلىك 43گىرادوس دەپ ئاتايمىز. بۇ رايون ئوتتۇرا نۇقتىسىدىكىدەك مىلادى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى كۈن 5دىن 59مىنۇتتا چىقىپ 6 دىن 1 مىنۇتتا ئولتۇرىدىغان ئەھۋال يەر شارىنىڭ ھەرقانداق باشقا رايونىدا كۆرۈلمەيدۇ. بۇنىڭ ئەكىسچە ئامرىكىنىڭ چىگاكو شەھىرىدەقومۇلدا كۈن 5 دىن 59مىنۇتتا چىققاندا ئۇ يەردە 5 دىن 59 مىنۇتتا كۈن ئولتۇرىدۇ.قومۇلدا كۈن 6 دىن 1 مىنۇتتا ئولتۇرغاندا ئۇ يەردە 6 دىن 1 مىنۇتتا كۈن چىقىدۇ. بۇيەردە چىڭ چۈش 12 بولغاندا ئۇ يەردە دەل يېرىم كېچە 12 بولىدۇ.
بۇ نۇقتا رايون مەركىزىدىن ئۆتكەن نۆل « 0» مېردىئان سىزىقنىڭ شەرقىي تەرىپى، تەبىئىي شەرقىي تەبىئەت رايونى، غەربىي تەرىپى تەبىئىي غەربىي تەبىئەت رايونى دەپ ئايرىلىدۇ.ھازىرقى زامان جۇغراپىيىسىدە بەلگىلەنگەن نۆل « 0» مېردىئان ئەنگىلىيەنىڭ گېرىنۋچ رەسەتخانىسىنى كېسىپ ئۆتكەن بولىدۇ. بۇنداق بولۇشتا ئەنگىلىيەلىكلەرنىڭ ئىلىم-پەن تەرەققىياتى ئەينى ۋاقىتتا تەرەققىي قىلغان بولۇپ دۇنيا خەرىتىسىنى ئۇلار سىزغان ۋە رايونلارغا پاراللېل، مېردىئانلارنى ئۇلار بېكىتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلار ئۆزىنىڭ دۆلىتىدىكى رەسەتخانىنى كېسىپ ئۆتكۈزگەن مېردىئان سىزىقنى نۆل « 0» دەپ بېكىتىپ ئالغان بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلساق بۇ سىزىق سۈنئىي نۆل « 0»مېردىئان ھېسابلىنىدۇ. يەر شارىنىڭ ئوتتۇرا نۇقتا نۆل «0» رايونى ئەمەس. تەبىئىي نۆل « 0» مېردىئانى يۇقىرىدا ئېيتقان قومۇلنىڭ مەلۇم رايونىنى ( ئېنىقلاندى) كېسىپ ئۆتكەن 43 كەڭلىك نۆل « 0» مېردىئان ھېسابلىنىدۇ. بۇنى دۇنيادىكى نورۇز بايرىمى قىلغۇچىلار بىلىپ ئېلىشى كېرەك. جۇغراپىيەلىك پاكىت ھەم بۇ رايوندىكى باش باھارپەسلى بۇنى ئىسپاتلايدۇ.
نورۇز (نەۋرۇز) بايرىمى دېگىنىمىز- پۈتكۈل تۈركىي خەلقلەر مىلادى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئەنئەنىۋى بايرىمىدىن ئىبارەت. تارىختىن بۇيان بۇ بايرامنىڭ قەيەردە قايسى تۈركى مىللەت تەرىپىدىن بارلىققا كەلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات ۋە جۇغراپىيەلىك ئىلمىي ئىسپات يوق ئىدى. پەقەت باھار پەسلىنىڭ كىرگەنلىكىنى تەبرىكلەش ئۈچۈنلا ئۆتكۈزۈلىدۇ دېگەن كۆز قاراشلار بولۇپ كەلگەن ھەم ھازىر ھەم شۇنداق كېلىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا يەر شارىنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىداباھارنىڭ كىرىشى ئىلگىر-كېيىن بولىدۇ. بۇ يەردە قايسى رايوندىكى باھاردىن ھەقىقى باشلانغان؟ يەر شارىنىڭ تۆت پەسىللىرىدىكى تەبىئى نورۇز « باش كۈن» يەنى تېمپىراتورا نۆل « 0» بولىدىغان رايون قەيەر دېگەن سۇئالغا ئىلمىي جاۋاب تېپىش لازىم بولىدۇ.
نورۇز (نەۋرۇز) سۆزى پارسچە بولۇپ، « نەۋرۇز» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ سۆز ئۇيغۇرچە تەرجىمىدەباش كۈن، يېڭى كۈن يەنى ئاۋالقى كۈن ( ئەتىياز پەسلىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى نۆل « 0»گىرادوسقا كەلگەن كۈنى) دېگەن بولىدۇ. بۇ باش كۈن يۇقىرىدا ئېيتقاندەك مىلادى3-ئاينىڭ 21-كۈنى كۈن 2مىنۇت ئۇزىراپ، كېچە 2 مىنۇت قىسقىرىغان كۈندىن باشلانغانلىقىغاقارىتىلغان ھەم بايرام قىلىپ بېكىتىلگەن. قومۇلنىڭ مەلۇم رايونى مەيلى جۇغراپىيەلىك مېردىئان ۋە كەڭلىك جەھەتتىن مەيلى ئەمىلىي پەسلى ۋە گىرادوسجەھەتتىن، مەيلى كۈننىڭ چىقىش ئولتۇرۇشىدىكى كېچە-كۈندۈزدىكى 12 سائەت جەھەتتىن،مەيلى ھاشارەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشى جەھەتتىن مەيلى ئوت-چۆپلەرنىڭ يېشىل بىخلىشى جەھەتتىن بىر يىلدىكى پەسلى باھار ( پارسىچە يېشىل) دىن باشلىنىشنىڭ نورۇز دېگەن سۆز ئەمەلىيەت بىلەن ئىنتايىن توغرا ھەم ماس بولىدۇ. بۇ دەل نورۇز بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى مۇشۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن بارلىققا كەلگەنلىكىنىڭ پولاتتەك ئىسپاتى بولالايدۇ. پاكىتلارنى تولۇقلىدىم. ئەندىكى نورۇز بايرىمى قىلغۇچىلارغا مۇراجەت قىلدىغىنىم بۇ نۆل « 0» رايونغا « نورۇز مۇنارى» تىكلەپ (قانچە كەڭ قانچە ئىگىز بولسا شۇنچە ياخشى ) يۇرتۇم قومۇلنىڭ ئىجتىمائىي ئابرۇيىنى تىكلەش بىلەن بىللە، مۇنارغا دۇكانلارنى ياساپ قومۇلنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرى،مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ...قاتارلىقلارنى ھەمدە مۇنارنىڭ ئەڭ ئۈستىگە مەن كەشىپقىلغان ئالاھىدە سائەتنى تۆت تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرساق يۇرتىمىزغا شان-شەرەپكەل تۈرسىكەن، ئىقتىسادىي كۆپىيىشكە ھەسسە قوشسام دېگەن ئۈمىدتىمەن. ھەممىڭىزلارنىڭ نورۇز بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن!