- تىزىملاتقان
- 2013-10-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-10
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 230
- نادىر
- 0
- يازما
- 5
ئۆسۈش
76.67%
|
ياخشىمۇسىز elqut ئەپەندى؟
تېمىڭىزغا قانداق ئىنكاسلارنىڭ چۈشىشىدىن قەتئى نەزەر مەن تېمىڭىزنى ياقتۇردۇم. بۇ تېمىڭىزدا سىز ئوتتۇرىغا قويۇپ ۋە بىر-بىرلەپ يېشىپ ئۆتكەن سادىقلىق، كەسىپنى سۆيۈش، ئاكتىپچانلىق، مەسئۇلىيەت، ئۈنۈم، نەتىجە، پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئەترەت، ئالغا ئىنتىلىش، تۆۋەن مۇقاملىق بولۇش، تەننەرخى، مىننەتدار بولۇش قاتارلىق بۇ 12 نوختا يالغۇز شىركەت-كارخانا خىزمەتچىلىرىگە ماس كېلىپلا قالماستىن بەلكى يەنە كەسپى ۋە مەمۇرى ئورۇنلاردا ئىشلەۋاتقان خادىملارغىمۇ ماس كېلىدۇ.
ئادەم تۇغۇلغاندىن كېيىن ياشىشى كېرەك. ياشىغاندىن كېيىن ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپتە پۇت تىرەپ تۇرالىشى، ياكى پۇت تىرەپ تۇرالىشى ئۈچۈن سىز ئوتتۇرىغا قويغان نوختىلار بويىچە ئۆزىنى تەربىيەلىشى، تىرىشىشى كېرەك. بۇنىڭ ھېچ بىر خاتا يېرى يوق.
دۇنيادا مۇكەممەل ئادەم بولمايدۇ، ئەمما ئادەملەر بىر ئۆمۈر مۇكەممەللىكنى قوغلۇشۇپ ئۆلۈپ تۈگەيدۇ. تېمىڭىزدا سىز ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن يۇقارقى نوختىلار مۇكەممەل بولماسلىقى مۈمكىن، ئەمما پايدىلىنىش قىممىتى بار. مەيلى قانۇن نوختىسىدىن بولسۇن، ياكى كىشىلىك قىممەت ۋە ئەخلاق نوختىسىدىن بولسۇن بۇ تېمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزمۇنلار ۋاختى ئۆتكەن، پاخال گەپلەر ئەمەس. ھەرگىزمۇ بىر قىسىم تورداشلىرىمىز ئېيتقاندەك:
بۇنىڭ كۆپۈنچىسى ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن پاخال گەپلەركەن ساداقەتمەنلىك بىلەن ، ئۆزىڭىزنى ئويلىماي ، خىزمەت دادام ، خىزمەت ئانام دەپ ئۆلۈپ كىتىڭ kuruk gaplarkan....ag muhimi kabilyat.....unigdin baxkici bikar... ....تېما قارىماققا ھەقىقەتەن ياخشى نىيەت بىلەن يېزىلغان ئەمما مەقسەتسىز ھالدا قۇلچىلىق ئىدىيىسى سىڭىپ قالغان ....
دىگەندەك سۆز-ئىبارىلەرگە ئەسلا لايىق ئەمەس! بۇ ئىنكاسلار پەقەت ئەشۇ تورداشلىرىمىزنىڭ بۇ تېمىنى چۈشىنىش ئىختىدارى ۋە ساپاسىنىڭ مەھسۇلى خالاس!....
بىزدە باشقىلار قىلالىغاننى قىلالمايدىغان، يەنە كېلىپ باشقىلار قىلغاننى ياراتمايدىغان، كۆتىمىز ئوچۇق قالسىمۇ بىر ئاماللار بىلەن ئۆزىمىزنى پەردازلاپ، ‹‹ئىسمىم مارجان بۈۋى››دەپ توۋلايدىغان لۇشۈننىڭ قەلىمى ئاستىدىكى AQ چە روھى غالىبىيەتچىلىك خاراكتىرى ئېغىر.
بىز ئەسلى ئۆزىمىزنى تەربىيەلەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە يېتەكلەيدىغان مۇشۇنداق يازمىلارغا، مۇشۇنداق يازمىلارنى تەقدىم قىلغۇچىلارغا مۇختاج. مۇشۇنداق يازمىلار كۆپرەك ئوتتۇرىغا چىقسا، بىر كالتەك بىلەن ئۇجۇقتۇرۇش كويىدا بولماي، ئۇنىڭ كەم جايلىرىنى تولۇقلىساق، ئۆزىمىزنى ۋە باشقىلارنى تەربىيەلەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تىرىشساق بولمامدۇ؟!...
قەدىرلىك دوستۇم، تور دۇنياسى ئاممىۋى سورۇن. سىزنىڭ مۇنبەردىكى تېمىلارغا قالدۇرغان ئىنكاسىڭىز سىزگە، سىزنىڭ سالاھىيىتىڭىزگە، كەسپى مەدەبىيەت ساپايىڭىزگە ۋە ئادىمىلىك سۈپىتىڭىزگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. تېمىلارغا ئىنكاس يېزىش مەجبۇرى ئەمەس. بەلكىم سىز بىر كالتەك بىلەن ئۇجۇقتۇرماقچى بولغان بۇ تېمىدىن نۇرغۇن تورداشلار ئەھمىيەتلىك مەزمۇن سۈپىتىدە پايدىلىنىۋاتقان بۇلۇشى مۈمكىن. چۈنكى سىزدىن باشلاپ ھەممىمىز تەربىيەلىنىشكە مۇختاج! |
|