- تىزىملاتقان
- 2011-5-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-3-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4074
- نادىر
- 3
- يازما
- 104
ئۆسۈش
69.13%
|
زامانىمىزدا ئىختىساسلىقلار ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كەلمەكتە، شىركەتتە پۇت تىرەپ تۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن كوللېكتىپقا سىڭىشىش، شىركەتنىڭ ئاساسى ئېقىپ كوللىتىپى بىلەن يۇقىرى دەرىجىدە بىردەكلىكنى ساقلاش لازىم. بۇندىن باشقا ئۆزىمىزدىكى بايلىق مەنبەلىرىنى قېزىپ چىقىشىمىز، شىركەت ئۈچۈن قىممەت يارىتىپ، ئۆزىڭىزنىڭ ئىقتىدارىڭىزنى ئىسپاتلىشىڭىز لازىم. ئاخىرىدا رەھبەرلىكنىڭ تەپەككۇر يۆلىنىشىنى چۈشىنىشىمىز، ئۇلارنىڭ ھازىرقى پەيتتىكى باش ئاغرىقىنىڭ سەۋەبىنى بايقىشىمىز، ھەم رەھبەرلەرگە ياردەملىشىپ مەسىلىنى ھەل قىلىشىمىز لازىم. تۆۋەندىكى 12 نۇقتىنى ئىگىلىۋالسىڭىز سىز شىركەتتە مەڭگۈ مەغلۇپ بولمايسىز.
سادىقلىق
شىركەت ئىقتىدارلىق خىزمەتچىلەرنى ئىشتىن بوشىتىۋېتىشى مۇمكىن، لېكىن ھەرقانداق بىر رەھبەر بىر سادىق خىزمەتچىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمايدۇ. سادىق خادىم شىركەتنىڭ تۆمۈر قورغىنى ئىچىدىكى ئەڭ ئۇزۇن كۈرەش قىلالايدىغان جەڭچىسى. ھەم ئەڭ تەرەققىي قىلىش كەلگۈسى بار خادىم ھېسابلىنىدۇ.
1. خوجايىنىڭىزنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ مەسىلىلەرنى ئويلىشىڭ.
2. رەھبەرلىك بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ تەپەككۇرىڭىزنى ئورتاقلىشىپ تۇرۇڭ.
3. شىركەت مەنپەئەتىنى ھەر ۋاقىت قوغداڭ.
4. شىركەت ئۈچۈن قىممەت يارىتىشنى ھەر ۋاقىت نىشان قىلىڭ.
5. باشقىلارنىڭ قايمۇقتۇرۇشى ئالدىدا مەيدانىڭىز مۇستەھكەم بولۇپ سىناققا بەرداشلىق بېرىڭ.
كەسىپنى سۆيۈش
جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ بىلىم يېڭىلىنىشى بارغانسېرى تىزلىشىۋاتىدۇ، ئوقۇش تارىخى، دىپلوم قاتارلىقلار شىركەت خادىم قوبۇل قىلىشنىڭ ئاساسلىق شەرتى بولۇشتىن، كەسىپچانلىققا ، ئاندىن كىيىن كەسپى سەۋىيەگە ئۆزگەردى.
1. خىزمەتنىڭ مەقسىتى نوقۇل ھالدىكى مائاش ئەمەس.
2. مائاشتىن قىممىتى يۇقىرى، مۇلازىمەت ۋە تىرىشچانلىق بىلەن تەمىن ئېتىڭ.
3. خىزمەت ئۈچۈن ئۆزىڭىزنىڭ شەخسى مەنپەئەتىڭىزنى قۇربان قىلىشقا رازى بولۇڭ.
4. خىزمەت ۋاقتىغا ئېسىلىۋالماي، خىزمەت تاماملاشنى ئىشتىن چۈشۈش ئۆلچىمى قىلىڭ.
5. خىزمەتتىكى ھەر بىر ئىنچىكە ھالقىلارغا دىققەت قىلىڭ.
ئاكتىپچانلىق
ھەممە ئىشتا باشقىلارنىڭ سىزگە ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۈتۈپ تۇرماڭ، ھەرقانداق ئادەم ئۆزى ئاكتىپچانلىق بىلەن ھەممىنى قىلىشقا ئادەتلەنسە، ئۇنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى قانچە تۆۋەن بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇنىڭدا زور تەرەققىيات بولىدۇ، ئاكتىپ ئادەمنى رەھبەرلىك مەڭگۈ ياخشى كۆرىدۇ.
1. «نېمىنى قىلىمەن» دىن « مەن قىلاي» غا تەرەققىي قىلىڭ.
2. ئاكتىپچانلىق بىلەن ۋەزىپىڭىزدىن سىرت بىر قىسىم ئىشلانى ئۆز ئۈستىڭىزگە ئىلىڭ.
3. ئاۋۋال قىلىپ ئاندىن سۆزلەڭ، خوجايىندا مەمنۇنىيەت ھاسىل قىلىڭ.
4. ئۆزىڭىزنى نامايەن قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.
5. تەلەپنى يۇقىرى قويۇڭ: بىر قەدەم ئالغا بېسىشنى تەلەپ قىلسا، سىز ئۈچ قەدەم ئالغا مېڭىڭ.
6. ئاكتىپچانلىقنىڭ دەرىجىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەڭ، ئۆزىڭىزنى كۆرسىتىشكە بەك ئالدىراپ كەتمەڭ، باشقىلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالماڭ.
مەسئۇلىيەت
مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالالايدىغان ئادەم، كارخانا ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، بىر كىشىنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى باشقىلاردىن تۆۋەن بولسا بولىدۇ، لېكىن مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كەم بولسا بولمايدۇ. ھەممە ئىشنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ، باھانە ئىزدەش، ئۆزىنى تەنقىد قىلماسلىق، رەھبەرلىكنىڭ سىزگە بولغان ئىشەنچىنى سۇندۇرىدۇ.
1. مەسئۇلىيەتنىڭ يادروسى مەسئۇلىيەتچانلىقتا.
2. ھەر بىر كىچىك ئىشنى ئەستايىدىل قىلىڭ.
3. دىلىڭىز، تىلىڭىز، ھەرىكىتىڭىز بىردەك بولسۇن.
4. خاتالاشقان بولسىڭىز بويىڭىزغا ئېلىپ، باھانە ئىزدىمەڭ.
5. كىچىككىنە بىپەرۋالىق بىلەن چوڭ ئىشقا دەخلى قىلماڭ.
ئۈنۈم
يۇقىرى ئۈنۈملۈك خىزمەت ئادىتى ھەر بىر غەلىبە قىلغۇچىدا بولۇشى زۆرۈر بولغان قورال، شۇنداقلا ھەر بىر ئورگاننىڭ ئەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان نۇقتىسى.
1. قىممەتسىز ئالدىراشلىق، قارىغۇلارچە ئالدىراشلىققا خاتىمە بېرىڭ.
2. كۆڭلىڭىزنى بۆلمەي، دىققىتىڭىزنى مەركەزلەشتۈرۈڭ.
3. ھەر كۈنلۈك خىزمەتنى مىقدارلاشتۇرۇڭ، ئىنچىكىلەشتۈرۇڭ.
4. ئارقىغا تارتىش بولسا ئەڭ ئەجەللىك كەسپى قاتىل.
5. ھەممىدە ئالدىدا مىڭىڭ، ھەممە ئىشتا بىرىنچىلىكنى قوغلىشىڭ.
6. مۇكەممەللىكنى قوغلىشىپ ئۈنۈمگە تەسىر يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىڭ.
نەتىجە
«ئاق مۈشۈك، قارا مۈشۈك، چاچقان تۇتقان ياخشى مۈشۈك!» ، مەيلى جاپالىق ئىشلەڭ، مەيلى چېۋەرلىك بىلەن ئىشلەڭ، پەقەت نەتىجە قازانغان خىزمەتچىلا كۆپچىلىكىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشىدۇ. كارخانىنىڭ سىزگە كۆڭۈل بۆلىدىغىنى سىزنىڭ «تۆھپىڭىز»، سىزنىڭ «جاپا مۇشەققىتىڭىز» ئەمەس.
1. باشلىنىشتىنلا ئىشتىن قانداق غەلىبە قىلىشنى قوغلىشىڭ.
2. ئامال چارا مەڭگۈ قىيىنچىلىقتىن كۆپ.
3. ئاقىل خىزمەت، تىرىشىپ خىزمەت قىلىش ئەمەس.
4. شارائىت يار بەرمىسە، شارائىت ھاسىل قىلىڭ.
5. ۋەزىپىنى ھامان مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇنداڭ.
پىكىر ئالماشتۇرۇش
پىكىر ئالماشتۇرۇشنى بىلمىگۈچى ھەر قانچە ئىقتىدارلىق بولسىمۇ، قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ ۋە تەرەققىي قىلالمايدۇ. پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ماھىر بولغۇچى، ھەر قانچە ئادەتتىكىچە بولسىمۇ، ئىشلەپ تۇرۇپ ئۆگىنەلەيدۇ ۋە ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ قىممىتىنى جارى قىلدۇرالايدۇ.
1. پىكىر ئالماشتۇرۇش بىلەن رەمچىلىك، ئىككىسى ئىككى نەرسە.
2. سۆزلىمەسلىك ۋە كۆپ سۆزلەشنىڭ ھەر ئىككىلىسى خاتالىق.
3. لايىھە بىلەن سوئال سوراڭ، يۈز تۇرانە پىكىرلىشىڭ، نەق مەيداندا مەسىلىنى ھەل قىلىڭ.
4. تەنقىدنى قوبۇل قىلىدىغان روھى ھالەت ھازىرلاڭ.
5. كۆكسى قارنىڭىز كەڭ بولسۇن، باشقىلارغا خۇشاللىق بېغىشلاڭ.
6. ئىچكى قەلبىڭىزدە زىددىيەت بولسا بولىدۇ، لېكىن سىېرىتقى مۇناسىۋەتتە بىردەكلىكنى ساقلاڭ.
ئەترەت
ئەترەت ئالدىڭىزغا تاقالسا سىز دەرھال يول بېرىڭ. يەككە ئىقتىدارىڭىز ھەرقانچە كۈچلۈك بولسىمۇ، سىز كوللىكتىپقا توسالغۇ بولدىڭىزمۇ؟ شىركەت سىزنى چوقۇم شاللايدۇ. مەن بولمىسام يەر شارى ئايلىنىشتىن توختاپ قالىدۇ دەپ قالماڭ.
1. تامچە سۇ دېڭىزدا مەڭگۈلۈك بولىدۇ، كىشىنىڭ قىممىتى ئەترەتتە ئىپادىلىنىدۇ.
2. ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشقا قەتئىي بويسۇنۇڭ.
3. تۈزۈمگە رىئايە قىلغاندىلا جەڭگىۋارلىق بولىدۇ.
4. ئەترەتنىڭ كەمتۈك ئورنى بولۇپ قالماڭ. دەرھال كەمتۈكلىكىڭىزنى تولۇقلاڭ.
5. كۆپرەك باشقىلار ئۈچۈن ئەترەت ئۈچۈن باش قاتۇرۇڭ.
ئالغا ئىنتىلىش
شەخسلەر كارخانىنىڭ قەدىمىگە يېتىشىپ مېڭىشى كېرەك، كارخانا بازارنىڭ قەدىمىگە يېتىشىپ مېڭىشى كېرەك. مەيلى يەككىلەر بولسۇن، مەيلى كارخانا بولسۇن ھەممىسى شاللىنىپ كېتىشنى خالىمايدۇ. شۇڭا چوقۇم ئىلگىرىلەش لازىم، توختاش دېگەنلىك ۋاز كېچىش دېگەنلىك، ۋاز كېچىش دېگەنلىك شاللىنىش دېگەنلىك.
1. ھەر ۋاقىت ئىشتىياق بىلەن ئۆگىنىڭ.
2. ھەر دائىم چېچىلىپ يۈرمەي، ھەر دائىم ئىنتىلىپ يۈرۈڭ.
3. بىر يىللىق ھاياتنى 10 يىل تەكرارلاپ ياشىماڭ.
4. ۋاقىت سىزنىڭ ئىقتىيارىڭىزدا بولسىمۇ سىز ھەر ۋاقىت ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىشنى تاشلىماڭ.
5. ئۆزىڭىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ماڭسىڭىز سىز ھامان ئۈستۈنلۈكتە بولىسىز.
6. ھەر ۋاقىت ئۆزىڭىزگە جەڭ ئېلان قىلىپ تۇرۇڭ.
تۆۋەن مۇقاملىق بولۇش
تەكەببۇر بولماڭ، مەن دېمىسەم باشقىلار مىنىڭ مەۋجۇتلۇقۇمنى مىنىڭ تۆھپەمنى بىلمەي قالىدۇ دەپ ئويلىماڭ. خىزمەتداشلىرىڭىز ئالدىدا دائىم ئۆزىڭىزنى كۆز – كۆز قىلىپ يۈرمەك.
1. ئەمگىكىمگە لايىق ھەق ئېلىشىم كېرەك دەپلا يۈرمەڭ.
2. «مەندەك قابىلدىن پايدىلىنىشنى بىلمىدى» دېگەن پىسخىك ھالەتتىن نېرى تۇرۇڭ.
3. ئۆزەڭگە سوقۇشتۇرۇپ، تەمەننادا بولماڭ.
4. ھەر قانداق ئادەمنى چوقۇم ھۆرمەتلەڭ.
5. تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ ئۆزىڭىزنىڭ ئورنىڭىزغا جاۋاب قايتۇرۇڭ.
6. نەتىجىنى باشلىنىش نۇقتىسى، شەرەپنى قوزغاتقۇچ كۈچ دەپ بىلىڭ.
تەننەرخى
ئىقتىسادچانلىق بىرخىل گۈزەل ئەخلاق. شىركەتنىڭ پۇلىنى پاخال ئورنىدا كۆرمەڭ. شىركەت قازىنى ئىچىدە، خىزمەتچىنىڭ تاماق قاچىسى قاينايدۇ. قازاندا لىق بولسا قاچىدىمۇ لىق بولىدۇ. چۆمۈچ تۇتقان ئادەم دەل سىز.
1. ھېسابات مەلۇم قىلغاندا سەمىمىي بولۇڭ.
2. قۇۋلۇق قىلماڭ، ئاچكۆزلۈك قىلماڭ.
3. شىركەتنىڭ بايلىقىنى ئىسراپ قىلماڭ، بىر ۋاراق قەغەز بولسىمۇ.
4. ھەر بىر خىزمەت ۋاقتىنى قەدىرلەڭ، ۋاقىتمۇ بايلىق.
5. ھەر بىر تەننەرخىدە زور پايدا يوشۇرۇنغان.
6. ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ: تېجەشنىڭ ئۆزى پايدا ئېلىشتۇر.
مىننەتدار بولۇش
بىز نېمىشكە ئۆزىمىزنىڭ خاتالىقىنى كەچۈرۈۋېتىمىز يو، نېمىشكە باشقىلاردىن، شىركەتتىن دائىم يامانلاپلا يۈرىمىز؟ ھەر قانچە قابىلىيەتلىك كىشى بولسىمۇ، باشقىلارنىڭ سىزگە ئۆزىڭىزنى كۆرسىتىش پۇرسىتى بېرىشىڭىزغا موھتاج بولىسىز. ھازىرقى بەختىڭىزگە سىز يالغۇز ئېرىشمىگەن.
1. خوجايىن سىزگە تاماق قاچىسى بەردى.
2. خىزمەتنىڭ سىزگە بەرگىنى مائاشلا ئەمەس يەنە ئۆگىنىش ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش پۇرسىتى بەردى.
3. خىزمەت سىزگە يەنە خىزمەتتىكى ماسلىشىشچانلىقنى ئاتا قىلدى.
4. خېرىدار سىزگە نەتىجە ئاتا قىلدى.
5. رەقىبىڭىز سىزگە ئارىلىق ۋە تەرەققىيات بوشلۇقىنى كۆرسىتىپ بەردى.
6. تەنقىدلىگۈچىلەر سىزنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇردى.
غۇلجا شەھەر مىللىي كارخانىچى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى تاشپولات بىلال ئەلقۇت تەرجىمىسى
ئۇندىدار تور دۇككىنى
ئېلى چوڭ بازىرى تور سودا شەھەرچىسى
|
|