- تىزىملاتقان
- 2013-3-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-3-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 32
- نادىر
- 0
- يازما
- 4
ئۆسۈش
10.67%
|
ئابدۇقەييۇم ئىمىننى جەنۇبقا بىللە ئاپىرىپ پلاستىنكا تەشۋىقاتىنى قىلدى.قارامايغىمۇ ئاپىرىپتۇ.ئۈستىدە بەزىلەر پەقەتلا بىر ئاۋاز ئارتىسى دېسە بەزىلەر دورامچۇق دېسىمۇ بىرسى قوپۇپ ھاي ئۇنداق ئەمەس دېمەپتۇ. قارىغاندا گېزىت ژۇرنال كۆرىدىغانلار ۋە ساقلايدىغانلار بۇ يەرگە كىرمىگەن بولسا كېرەك. قىلچە ئىككىلەنمەي شۇنى دېيىشكە بولىدۇكى، ئابدۇقەييۇم ئىمىن ئەپەندى شىنجاڭ تېلىۋېزىيە ئىستانىسى تەرجىمە ئىدارىسىدىكى بىر تال گۆھەر.ئۇنىڭ كەسپىي جەھەتتىكى تالانتىنى مېنىڭ قايتا سۆزلەپ ئولتۇرۇشۇم بىھاجەت. ئۇنىڭ يۈزدىن ئارتۇق شېئىرى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان،«ئېشەك»قاتارلىق نادىر شېئىرلىرى بار.نۇرغۇن ماقالىلەرنىمۇ يازغان، شېئىرلىرىنىڭ بەدىئىيلىكى كۈچلۈك، ماقالىلىرى ئۆتكۈر. بىراق ھازىر مېنى تاپ دېسەڭلار، تاپالماي قېلىشىم مۇمكىن. مېنىڭ كۆرسىتىپ بېرەلمەسلىكىم بىلەن بار نەرسە يوق بوپ قالمايدۇ. مۇناسىۋەت قىلىشىپ باققان ئادەملەرگە ئايان، ئابدۇقەييۇم ئىمىن ئۇدۇل كەلگەن نەرسىلەرنى ئوقۇمايدۇ، ئېلانلارنىڭ سۆزىنى ئاساسەن ئوقۇمايدۇ، ئۆز قەدرىنى ئۆزى قىلىدۇ، ئالاھىدە مەنىدار قىممەتلىك نەرسىلەر بولمىسا ئوقۇمايدۇ. مەن ئەسەرلىرىنى ئىزدەپ كۆرەي، تاپالىسام چوقۇم يوللاپ قويۇشقا ۋەدە بېرەي، باغداش مۇنبەر ئەھلىنى قايىل قىلىش ئۈچۈن پاكىت كېرەك ئىكەنلىكىنى بىلىمەن.
ئەمدى ماۋۇ پائالىيەتكە كەلسەك تەشۋىقاتتا «لېكسىيە»دەپ يېزىلدىمۇ ياكى قانداق يېزىلدى، بۇنىسى ماڭا نائېنىق. لېكىن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئەگەردە قۇربىتى يېتىدىغان دائىرىدە تېما بەلگىلەپ بېرىلسە ۋە يېتەرلىك ۋاقىت بېرىلسە ئابدۇقەييۇم ئىمىن چوقۇم ھېچبولمىغاندا بىر سائەتلىك مەزمۇن تەييارلىيالىشىدا گەپ يوق. ئۆزىمۇ دەپتۇ تەييارلىقسىز قالدىم دەپ. تېما ئىگىسى ۋە دورامچۇق دەپ كۆزگە ئىلمىغاندەك پاراڭ قىلغانلار ئويلىنىپ بېقىڭلار. ئەگەر بۇ ھېچقانداق سودا ئىشى بولماي، پۈتۈنلەي ئىلىمگەرلىكنى خاراكتېر قىلغان ساپ بىر پائالىيەت بولغان بولسا ھەم ئابدۇقەييۇم ئىمىن ئەپەندى ئۆزى باش بولۇپ تەشكىللەپ ھەم بىرەر ئاي ئەتراپىدا تەييارلىق كۆرگەن بولسا نەتىجە يەنە مۇشۇنداق بولارمىدى؟ ئەلۋەتتە ياق. |
|