- تىزىملاتقان
- 2015-5-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6171
- نادىر
- 0
- يازما
- 532
ئۆسۈش
23.42%
|
probable يوللىغان ۋاقتى 2016-3-22 16:03
ماڭا بۇ تېمىدا مۇنداق ئىككى مەسىلە مۈجمەل بىلىندى، 1. گ ...
رەھمەت سوئالىڭىزغا،
1. ئەسلى بۇ تېمىنى يوللىغاندا مۇھىم سۆزنى قىزىل رەڭدە بوياپ قويغان ئىدىم. بويالغان سۆزنىڭ ئىچىدە روسىيە دېگەن سۆز يوق ئىدى. ئەمما باشقۇرغۇچى تەھرىلىگەندە چىرايلىقراق چىقسۇن دەپ ھەممە خەتنى كۆك رەڭدە قىلىپ قويۇپتۇ. مەنچە بەزىلەر شۇ سەۋەبتىن ماقالىنى خاتا چۈشىنىپ قالدىمىكىن. ئۇندىن باشقا روسىيە گېن ئۆزگەرتىلگەن يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىشنى چەكلىگەن دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇرۇقنىڭ ساغلاملىقى جەھەتتە بىر قەدەر ئىشەنچىلىك. سىز بۇ جەھەتتىكى خەۋەرلەرگە دېققەت قىلىپ باقسىڭىزمۇ جوڭگو روسىيەدىن يېقىندا ساغلام ئۇرۇق كىرگۈزدى. ئەمەلىيەتتە ئۇرۇقنى كىرگۈزۈش ئۇنداق ئاسان ئىشمۇ ئەمەس. ئالىمەن دېسىلا ئۇلارمۇ سېتىۋەرمەيدۇ. يالۋۇرۇپ ئالىدىغان گەپ تېخى. ئۇرۇقنى ئېلىپ كىرەلمىگەن بىلەن ساغلام يېمەكلىكلىرى بولسا شىنجاڭ بازىرىغا ئېلىپ كېرىپ ساغلام ئوزۇقلانساق بولىدۇ. ئەلۋەتتە روسىيەدىن باشقا جايلاردىن ساغلام ئۇرۇقنى تاپالىساڭلار شۇ يەردىن ئېلىپ كىرسەڭلارمۇ بولىدۇ. بۇ يەردىكى مەسىلە زادى ئېلىپ كىرگەن ئۇرۇق گېن ئۆزگەرتىلگەنمۇ ئەمەسمۇ. نەدىن ئېلىپ كىرىش چوڭ مەسىلە ئەمەس.
2. ھەمجىنىسلىق توغرىسىدا ئايرىم تېما ئېچىپ چۈشەندۈرۈشۈم كېرەكمۇ ياكى ئەمەسمۇ بىلمىدىم. ئەمما ھەمجىنىسلىق ھادىسىسى گېن ياكى گېننىڭ ئىپادىلىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشكەن. بۇ توغرىسىدا تەتقىقاتلار ئىشلىنىۋاتىدۇ. شۇڭا مەن گېن ئۆزگەرتىلگەن يېمەكلىكلەر ھەمجىنىسلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ كەسكىن ئېيتمىدىم. پەقەت مۇمكىن دېدىم. مېنىڭ بىلىشىمدە كۆپ كىشىلەر ھەمجىنىس دېسىلا بىلەرمەنلىك قىلىپ سۆزلەۋېرىدۇ. نېمىشقا پەيدا بولىۋاتىدۇ؟ بۇ ئىش نېمە بىلەن مۇناسىۋەتلىك؟ بۇنى ئويلىشىپ باقمايدۇ. ھەمجىنىس بىرەرسى بىلەن چىرايلىق ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىپ ئۇلارنىڭ ھېسىياتىنى چۈشىنىپ بېقىش، ئۇلارغا قانداق مەسلىھەت بېرىشنىمۇ بىلمەيدۇ. ھازىرقى ئەھۋالنى چۈشىنىشتە ئۇنداق رادىكال پىكىرنى ئاز قىلىپ مەۋجۇت بولىۋاتقان مەسىلىگە قانداق مۇئامىلە قىلىمىز، كەلگۈسىدە يۈز بەرمەكچى بولغان ناچار ئىشلارنىڭ ئالدىنى قانداق ئالىمىز دېگەندە. بەك مۇھىم بولسا بۇ توغرىسىدىمۇ بىر نەرسە يازسام بولىدۇ. ئەمما ماقالىنى نۇرغۇن ئادەمنىڭ توغرا ئىستىمال قىلالماي قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا يازمىدىم. پەقەت مۇشۇ ماقالىنىڭ كەينىگە شۇ بىر جۈملە گەپنى قىستۇرۇپ قويدۇم. ماقالىگە دېققەت قىلغانلار مېنىڭ مەقسىتىمنىمۇ ئاز تولا بىلەلەيدۇ. رەھمەت. |
|