قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
ئىگىسى: qurbanbek

گېنى ئۆزگەرتىلگەن يېمەكلىك (قۇربانبېك)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

13

دوست

6171

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   23.42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36190
يازما سانى: 532
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1864
توردىكى ۋاقتى: 871
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-22 16:32:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
probable يوللىغان ۋاقتى  2016-3-22 16:03
ماڭا بۇ تېمىدا مۇنداق ئىككى مەسىلە مۈجمەل بىلىندى،  1. گ ...

رەھمەت سوئالىڭىزغا،
1. ئەسلى بۇ تېمىنى يوللىغاندا مۇھىم سۆزنى قىزىل رەڭدە بوياپ قويغان ئىدىم. بويالغان سۆزنىڭ ئىچىدە روسىيە دېگەن سۆز يوق ئىدى. ئەمما باشقۇرغۇچى تەھرىلىگەندە چىرايلىقراق چىقسۇن دەپ ھەممە خەتنى كۆك رەڭدە قىلىپ قويۇپتۇ. مەنچە بەزىلەر شۇ سەۋەبتىن ماقالىنى خاتا چۈشىنىپ قالدىمىكىن. ئۇندىن باشقا روسىيە گېن ئۆزگەرتىلگەن يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىشنى چەكلىگەن دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇرۇقنىڭ ساغلاملىقى جەھەتتە بىر قەدەر ئىشەنچىلىك. سىز بۇ جەھەتتىكى خەۋەرلەرگە دېققەت قىلىپ باقسىڭىزمۇ جوڭگو روسىيەدىن يېقىندا ساغلام ئۇرۇق كىرگۈزدى. ئەمەلىيەتتە ئۇرۇقنى كىرگۈزۈش ئۇنداق ئاسان ئىشمۇ ئەمەس. ئالىمەن دېسىلا ئۇلارمۇ سېتىۋەرمەيدۇ. يالۋۇرۇپ ئالىدىغان گەپ تېخى. ئۇرۇقنى ئېلىپ كىرەلمىگەن بىلەن ساغلام يېمەكلىكلىرى بولسا شىنجاڭ بازىرىغا ئېلىپ كېرىپ ساغلام ئوزۇقلانساق بولىدۇ. ئەلۋەتتە روسىيەدىن باشقا جايلاردىن ساغلام ئۇرۇقنى تاپالىساڭلار شۇ يەردىن ئېلىپ كىرسەڭلارمۇ بولىدۇ. بۇ يەردىكى مەسىلە زادى ئېلىپ كىرگەن ئۇرۇق گېن ئۆزگەرتىلگەنمۇ ئەمەسمۇ. نەدىن ئېلىپ كىرىش چوڭ مەسىلە ئەمەس.

2. ھەمجىنىسلىق توغرىسىدا ئايرىم تېما ئېچىپ چۈشەندۈرۈشۈم كېرەكمۇ ياكى ئەمەسمۇ بىلمىدىم. ئەمما ھەمجىنىسلىق ھادىسىسى گېن ياكى گېننىڭ ئىپادىلىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشكەن. بۇ توغرىسىدا تەتقىقاتلار ئىشلىنىۋاتىدۇ. شۇڭا مەن گېن ئۆزگەرتىلگەن يېمەكلىكلەر ھەمجىنىسلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ كەسكىن ئېيتمىدىم. پەقەت مۇمكىن دېدىم. مېنىڭ بىلىشىمدە كۆپ كىشىلەر ھەمجىنىس دېسىلا بىلەرمەنلىك قىلىپ سۆزلەۋېرىدۇ. نېمىشقا پەيدا بولىۋاتىدۇ؟ بۇ ئىش نېمە بىلەن مۇناسىۋەتلىك؟ بۇنى ئويلىشىپ باقمايدۇ. ھەمجىنىس بىرەرسى بىلەن چىرايلىق ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىپ ئۇلارنىڭ ھېسىياتىنى چۈشىنىپ بېقىش، ئۇلارغا قانداق مەسلىھەت بېرىشنىمۇ بىلمەيدۇ. ھازىرقى ئەھۋالنى چۈشىنىشتە ئۇنداق رادىكال پىكىرنى ئاز قىلىپ مەۋجۇت بولىۋاتقان مەسىلىگە قانداق مۇئامىلە قىلىمىز، كەلگۈسىدە يۈز بەرمەكچى بولغان ناچار ئىشلارنىڭ ئالدىنى قانداق ئالىمىز دېگەندە. بەك مۇھىم بولسا بۇ توغرىسىدىمۇ بىر نەرسە يازسام بولىدۇ. ئەمما ماقالىنى نۇرغۇن ئادەمنىڭ توغرا ئىستىمال قىلالماي قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا يازمىدىم. پەقەت مۇشۇ ماقالىنىڭ كەينىگە شۇ بىر جۈملە گەپنى قىستۇرۇپ قويدۇم. ماقالىگە دېققەت قىلغانلار مېنىڭ مەقسىتىمنىمۇ ئاز تولا بىلەلەيدۇ. رەھمەت.
uyghuray

4

تېما

0

دوست

5565

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   11.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12828
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 79
تۆھپە : 1761
توردىكى ۋاقتى: 123
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-4
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-22 21:00:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاملاشمىغان ئىنكاس يازىدىكەنسىلەر. بىراۋ گېنى ئۆزگەرتىلگەن يېمەكلىكنىڭ قانداق تەسىرى بولۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈپ قوياي دەپ يېزىپتۇ. ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدە گېنى ئۆزگەرتىلگەن يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىگە «گېنى ئۆزگەرتىلگەن» دېگەن ئەسكەرتىشنى باسىدۇ. يېگىسى كەلگەنلەر يەيدۇ، بولمىسا گېنى ئۆزگەرتىلمىگەنلىرىنى يەيدۇ. بىزدە گېنى ئۆزگەرتىلگەنمۇ ياكى ئۇنداق ئەمەسمۇ بىلمەي يەۋېرىمىز. يەنە بىرسىڭلار ھەمجىنىسلىقنىڭ گېپىنى چىقىرىپسىلەر. يا تېمىدا ئۇ توغرىسىدا گەپ بولمىسا. رۇسىيەدىن ئەكىرسە نېمە بوپتۇ؟ ئەجىبا سىز بىزلەر يەۋاتقانلار ئىچىدە باشقا دۆلەتنىڭكى يوقمىدۇ؟ رۇسىيە دەپ رۇسنىڭ نامى قويۇلغىنى بىلەن تۈرك تىللىق مىللەتلەرمۇ جىق سالماقنى ئىگىلەيدۇ.
راست گەپنى دېسەم قۇربانبېك بۈگۈن ھەر ھالدا ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنراق نەرسە يوللاپتۇ، شۇڭا بۇ يازمىسىنى قوللايمەن. بۇ گېنى ئۆزگەرتىلگەن يېمەكلىككە قارىتا يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىمۇ بەك ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ. قالايمىقان سۆزلەپ ئۆزۈڭلارغا ئىش تېپىۋالماسلىقىڭلار ئۈمىد قىلىمەن. ھەرقانداق مۇنازىرىدە شەخسنىڭ شەخسىيىتىگە تېگىدىغان گەپلەر بولۇنمىسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
19#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
20#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

4

تېما

0

دوست

5565

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   11.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12828
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 79
تۆھپە : 1761
توردىكى ۋاقتى: 123
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-4
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-22 21:08:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qurbanbek يوللىغان ۋاقتى  2016-3-22 16:32
رەھمەت سوئالىڭىزغا،
1. ئەسلى بۇ تېمىنى يوللىغاندا مۇھ ...

ھەمجىنىسلىق ئارقىلىق ئەيدىز كېسىلى يۇقۇش ئۇيغۇرلىرىمىزدا يېڭى مەنبەلەرنىڭ بىرى بولۇۋاتقانلىقىنى ئەلداۋانىڭ خەۋىرىدە كۆرگەن. ھازىر رىياللىققا كۆڭۈل بۆلمەي، شۇنداق خاتا يولغا كىرىپ قالغانلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىشقا تۇتۇش قىلىۋاتىمىز. ئۇلارنى چۈشىنىشىمىز، ئۇلارنىڭ نېمىشقا بۇ يولغا كىرىپ قالغانلىقتەك سەۋەبلەرنى بىلمەي تۇرۇپ، جەمئىيىتىمىزدىكى ئۇ ئىشنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدىنى ئېلىش قۇرۇق گەپ. دەل شۇ يەكلەش سەۋەبلىك ئۆزىدە ئەيدىز كېسىلى يۇقتۇرۇۋالغان ھەمجىنىسلار يەنە باشقا ھەمجىنىسلىرىغا ۋە يات جىنىسلىرىغا ئەيدىزنى تارقىتىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ ھەرگىزمۇ قۇرۇق گەپ ئەمەس. ئىشەنمىگەنلەر ئەلداۋا تورىغا كىرىپ ئىزدىنىپ باقساڭلار بىلىسىلەر.
مەن ئۇيغۇرنىڭ ئاغزىدىن «مەن ھەمجىنىس» دېگەن گەپنى 2010-يىلى ئاڭلىغان. شۇ چاغدا قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەيلا قالغان. ئۇ بالىغا كۆپ نەسىھەتلەرنى قىلغان بولدۇم، ئەمما ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرمىدى. كېيىن ئۇ ئالىي مەكتەپكە بېرىپتۇ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ قانداق بولغانلىقىنى بىلمەيمەن. ئۇنداق ئادەملەر تاشقى كۆرۈنىشىدە ۋە سۆز ھەرىكەتلىرىدە نورمال ئادەملەردىن پەرقلەنمەيدىكەن، ئەمما ئۇلار پىھان قەلبىدە ۋە پىنھان ۋاقىتلىرىدا شۇ نىجىس ئىش بىلەن مەشغۇل بولىدىكەن. شۇڭا بۇنداق ئىشلارنى توسۇشتا شۇ ئىشنىڭ يۈز بېرىش يوللىرى ۋە سەۋەبىنى بىلمەي تۇرۇپ تېزگىنلىگىلى بولمايدۇ.  

0

تېما

3

دوست

5492

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   9.84%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35151
يازما سانى: 395
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1684
توردىكى ۋاقتى: 467
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-22 22:02:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alpbeg يوللىغان ۋاقتى  2016-3-22 21:08
ھەمجىنىسلىق ئارقىلىق ئەيدىز كېسىلى يۇقۇش ئۇيغۇرلىرى ...

پىنھان ۋاقىتدا ،پىنھان قەلبلىردە  مۇشۇنى چۇشەنمدىم    پىنھان دىگەننى   بىر ئادەمۇ؟

6

تېما

7

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   4.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7556
يازما سانى: 521
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1332
تۆھپە : 2787
توردىكى ۋاقتى: 3266
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-22 22:14:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇربانبېك ئورۇس توغرۇلۇق سۆزلىمىسىڭىزمۇ بوپتىكەن بايا. سىزنىڭ ئورۇس توغرىسىدىكى ھەرقانداق سۆزىڭىز ھەرقانداق ۋاقىتتا رىئاكسىيە قىلىدۇ.
سىز مەيلى نىمىگە ئېتىقات قىلىڭ بۇ بىز ئۈچۈن بەرىبىر. بىز سىزنى مەسخىرە قىلمايمىز، تىللىمايمىز. ئەمما ھەددىڭىزدىن ئېشىپ ئۇيغۇرنىڭ كىملىگى، ئېتىقادى، ئىسلام، تۈرك قاتارلىقلارغا ھۇجۇم قىلسىڭىز ياكى مەسخىرە قىلسىڭىز بىز سىز بىلەن چىقىشالمايمىز.
بىرااق: ماۋۇ تېمىڭىزدىن مەمنۇن بولدۇم. پەقەت ئورۇس توغرۇسىدىكى سۆزلىرىڭىزنى ھىساپقا ئالمىغاندا.

0

تېما

0

دوست

13

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   4.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  59952
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 4
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-22 23:21:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇنايىۋىچ ئەپەندىمدىن سوراپ باقسام،  ھەمجىنىس ئۆزلىرى تەرغىپ قىلغاندەك گىن ئۆزگەرتىشلىشتىن ياكى گىنى ئۆزگەرگەن يىمەكلىكتىن بولسا ۇنداقتا مەسىھى ۋە ئىسلامى ئىتىقاتلاردىكى ھەمجىنىسلار دەۋزىخىدۇر دىگەن گەپكە لوگىكىلىق زىتلىق پەيدا بولۇپ قالامدۇ قانداق....
چۈنكى گىننى ھەمجىنىسلار ئەمەس بەلكى سىرىتقى ئامىل ئۆزگەرتىدۇ دەپ گۇناھ ئۇنىڭغا بولمايدۇ ئەمەسمۇ.......
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )