- تىزىملاتقان
- 2015-5-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6171
- نادىر
- 0
- يازما
- 532
ئۆسۈش
23.42%
|
ئەسسالام قېرىنداشلار، ئۇزۇندىن بېرى گېنى ئۆزگەرتىلگەن يېمەكلىكلەر(GMO foods) توغرىسىدا بىزنىڭ توربەتلىرىمىزدە تۈزۈك پاراڭلارمۇ بولۇنمىدى. مەنچە بۇ گېن ئۆزگەرتىلگەن يېمەكلىك توغرىسىدا مەن ئالدى بىلەن ئازىراق سۆزلەپ كىشىلەرنىڭ داۋاملىق ساغلاملىق ۋە يېمەكلىك مەسىلىدە مۇنازىرە قىلىپ ئۆزئارا ئۆگىنىپ ئۆزىنى ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرىنى ئۇزۇنراق ھەم ساغلامراق ئۆمۈر كۆرۈشكە تۈرۈتكە بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ئىقتىسادى "تەرەققىيات" دۇنيانى ئۆزگەرتىۋەتتى. شۇ ئۆزگىرىشلەر بىلەن تەڭ بىزنىڭ ئىستىمالىمىزدىمۇ غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى. دۇكانلاردىكى ھەرخىل خىمىيەلىك ماددىلار قوشۇلغان تەييار يېمەكلىككە كۆندۇق. نېمىلەرنىدۇر ئويلاپ يۈرىۋاتقان بەزى مەخپى كۈچلەر گېن ئۆزگەرتىلگەن يېمەكلىكلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. ساغلاملىقىمىز بىز ئۆزىمىز بىلمىگەن ۋاقىتنىڭ ئىچىدە پۇل ئۈچۈنلا ياشاۋاتقان شۇ "غايىلىك"،"بىلىملىك" ئىنسانلارنىڭ تەھتىدىگە ئۇچرىدى. كۆرۈپ تۇرىۋاتقىنىمىزدەك ئەتراپىمىزدا يۇقۇرى قان بېسىم، دىئابىت، يۈرەك كېسىلى، راك كېسىلى، ئۆپكە كېسەللىكلىرى ئەۋىج ئالدى. دوختۇرخانىلارغا بارسىڭىز پۈتۈن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دوختۇرخانىغا كېلىۋالغانمۇ نېمە دەپمۇ ئويلاپ قالىسىز؟ ئادەم بەك جىق. نېمىشقا؟ نېمىشقا بۇنداق جىق ئادەم ئوخشاش تۈردىكى كېسەللىكلەرگە مۇپتىلا بولىدۇ؟ بۇرۇنقى زامانلاردا بولۇش ئېھتىمالى تۆۋەن بولغان بۇ كېسەللەر نېمىشقا ھازىر ئومۇمىي يۈزلۈك يۈز بېرىدىغان ھادىسىگە ئايلىنىدۇ؟ سەۋەب ئەلۋەتتە كۆپ تۈرلۈك. بۇنىڭ ئىچىدە بىز چوقۇم ئويلىنىشقا تېگىشلىك يەنە بىر سەۋەب گېن ئۆزگەرتىلگەن يېمەكلىلەر، چەتئەلدە بەزىلەر بۇنى زەھەرلىك يېمەكلىكلەر دەپمۇ ئاتايدۇ. مەملىكىتىمىزدە بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كۈچ چىقىرىۋاتقان مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى سۈي يوڭ يۈەن(崔永元) ئەپەندى بۇ قېتىملىك ئىككى يېغىندىمۇ بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرغا قويۇپتۇ. رەئىس شى جىنپىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى ھازىر ھەر جەھەتتىن خەلىق تۇرمىشىنىڭ بىخەتەر، ساغلام، تىنىچ بولىشىغا كۈچەۋاتىدۇ. ئۇنداقتا بىز خەلىق بولمىش كىشىلەرمۇ ھەر جەھەتتىن ئۆزىمىزنىڭ بىلىم ساپارىمىزنى ئۆستۈرۈپ مەركەزنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ بىر قىسىم ئۆزىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن خەلىقنىڭ مەنپەئىتىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىۋاتقان كىشىلەرگە جاۋابنى توغرا ھەم كەسكىن قىلىشقا تىرىشساق بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.
1935-يىلى روسىيە ئالىمى Andrei Nikolaevitch Belozersky تۇنجى بولۇپ ساپ بولغان يادرو كىسلاتاسىنى(dna) ئايرىپ ئالدى.
1973-يىلى سۈننى dna ياساپ چىقىلدى.
1975-يىلى ئاسىلومار يېغىنى چاقىرىلدى. ئۆزگەرتىلگەن گېننىڭ توغرا ئۇسۇلدا ئىشلىتىلىشىگە قارارلار چىقىرىلدى.
1980-يىلى گېن ئۆزگەرتىلگەن يېمەكلىك پاتنىتى سوتنىڭ ماقۇللىقىغا سۇنۇلدى.
1982-يىلى FDA گېن ئۆزگەرتىلگەن يېمەكلىكنى بىخەتەر يېمەكلىك دەپ تەستىق سالدى.
1994-يىلى گېن ئۆزگەرتىلگەن يېمەكلىكلەر ھەرقايسى يېمەكلىك بازىرىغا كەڭ تارقالدى.
1996-يىلى گېن ئۆزگەرتىلگەن يېمەكلىكتىكى ياۋايى ئوت چۆپكە قارشى تورىغا چىداملىق بولغان ياۋايى ئوت چۆپ بايقالدى.
1997-يىلى ياۋروپا ئىتىپاقى گېن ئۆزگەرتىلگەن يېمەكلىكلەرگە چوقۇم بەلگە قويۇش كېرەك دېگەن بەلگىلىمىنى چىقاردى. ھايۋانلارنىڭ يېمەكلىكلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
1999-يىلى پۈتۈن دۇنيانى گېن ئۆزگەرتىلگەن يېمەكلىك قاپلىدى. ھەم ئاساسلىق يېمەكلىك بولۇپ قالدى.
2003-يىلى گېن ئۆزگەرتىلگەن يېمەكلىكتىكى زىيانلىق ھاشارەتكە قارشى دورىغا چىداملىق زىيانلىق ھاشارەت بايقالدى.
2011-يىلى bt toxin ھامىلدار ئايالنىڭ قېنىدا بايقالدى. ھەم بۇ زەھەرنىڭ بالىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكى ئېنىقلاندى.
2012-يىلى فىرانسىيە دېھقىنى Paul Francois يېمەكلىكنى زەھەرلىك قىلىۋەتكەن بىر شېركەت ئۈستىدىن ئەرز قىلدى ۋە سوتتا يەڭدى.
2014-يىلى گېن ئۆزگەرتىلگەن يېمەكلىكنىڭ شانلىق تارىخى ئاخىرلاشتى. پۈتۈن دۇنيادىكى كىشلەر ئورگنىك يېمەكلىكلەرگە ئىنتىلىدىغان بولدى.
بۇ رەسىمدە يېشىل ئىپادىلەنگەن رايون ھازىر گېن ئۆزگەرتىلگەن يېمەكلىكنى ئىشلەپ چىقىرىشنى چەكلىگەن دۆلەتلەر. قىزىل تۇرغان رايونلار تېخى چەكلىمىگەن. گوللاندىيەدە پەقەت ئامىستىردام شەھرىنى گېن ئۆزگەرتىلگەن يېمەكلىكسىز رايون قىلىش تەكلىپى سۇنۇلغان. دېمەك گوللاندىيەدىن سۈت پاراشوكى ئېلىپ ئىچىۋاتقان قېرىنداشلارغا سەمىمىي تەكلىپىم شۇكى چەتئەلنىڭ دەپلا ئېلىۋەرمەڭلار. ئەقىل ئىشلىتىپ ياشايدىغان دەۋىرگە كىرىپ قالدۇق. بىلىم ۋە لوگىكا بىلەن ياشايدىغان دەۋىردە تۇرىۋاتىمىز. ئۆزىمىزنى ۋە باشقىلارنى قەدىرلەيلى. چەتئەلدىن ۋەتەنگە مال سېلىۋاتقان قېرىنداشلارنىڭمۇ بۇ مەسىلىگە ئەھمىيەت بېرىشىنى تەۋىسىيە قىلىمەن. قىستۇرۇپ قويۇشقا ئەرزىيدىكى ھازىر روسىيە دۇنيا بويىچە بىردىنبىر گېن ئۆزگەرتىلگەن يېمەكلىكنى پۈتۈنلەي چەكلىگەن، گېن ئۆزگەرتىلگەن يېمەكلىكنى ئىشلەپچىقارغان، ساتقانلارنىڭ ھەممىنى قانۇنى جاۋابكارلىققا تارتىدىغان دۆلەت.
ئۇنداقتا گەپنىڭ قىسقىسى ھەم مۇھىمىغا كېلەيلى بىز قانداق قىلىمىز؟ ئاددىلا قىلىپ ئېيتقانداق پۇلى بارلا پۇلىنى، كۈچى بارلار كۈچىنى چىقىرىپ روسىيەدىن گېنى ئۆزگەرتىلمىگەن ئۇرۇقنى كىرگۈزۈپ شىنجاڭنىڭ ئۆزىدە ھەقىقى گېنى ئۆزگەرتىلمىگەن يېمەكلىكەرنى ئۆستۈرۈش ۋە تەمىنلەش ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ساغلام تۇرمۇشقا كۈچىسەك ، بالىلىرىمىزنىڭ، ئاتا ئانىلىرمىزنىڭ، ئۇتۇق تۇققان دوست بۇرادەرلىرىمىزنىڭ ساغلام يېمەكلىكلەر بىلەن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىشىگە ئاكتىپ تەسىر بولار ئىدى. ھەمجىنىسلىق ھادىسىسىنىڭ كۆپلەپ پەيدا بولىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقىمۇ زور پايدىسى بولىشى مۇمكىن.
|
|