قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: ziya

جۇڭگۇ پەن تەتقىقات ئىقتىدارىنى يوقاتتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

17

تېما

28

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.71%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4354
توردىكى ۋاقتى: 1730
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-2 08:18:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-2 09:10  

   http://bbs.bozqir.net/forum.php?mod=viewthread&tid=6034&extra=&page=1
بۇ خەۋەردىن قارىسام ئامىركا گەرسىن پىدائىلېرىغا بولكا پىشۇرسىمۇ پارتىلايدىغان ئۇن ياساپ بېرەلىگەن بولسا دۆلىتمىز ئۇلاردىن ئىشىپ يەپ چىچكەندىن كىيىن پارتىلايدىغىنىدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندەك. بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ دۆلىتىمىز تەرەققىياتتا ئالدىغا ئۈتۈپتۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئەمما بۇرۇنقى ئىشلارنى ئويلىسام مۇشۇ ماقالىمۇ بەك تۇغرا.

بىر رىكشا سۆرەيدىغان ماشىنا ئادەم ياسىغان خەنزونىڭ نەچچە مەھسۇلاتىنى دۆلىتىمىزنىڭ ئىلمى تەتقىقات ئوورۇنلېرى سىتىۋالغان، ئەمما شۇ كىشىنى تەتقىقات ئورنىغا تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتمىگەن. تەتقىقات ئورنى ئاتالغان يەرلەر دائىم شەخىسلەرنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭىدۇ، شەخىسلەر يىڭى تۈرنى ئېلان قىلسا دۆلەت ئورگانلېرىدىكى چوڭ قالپاقلىقلار تىلفون قىلىپ قانداق تېخنىكا ئىشلەتتىڭ ئۇچۇر سورايدۇ. 2006- يىلى بايقىغان تۈردە 2007-يىللېرى تورغا چىقىرىپ مەبلەغ ئىزدىسەم نەچچە تەتقىقات ئورنىدىن قانداق تېخنىكا ئىشلەتكىنىمنى سوراپ تىلفون قىلغان ئىدى. تىخى ئۇ تۈردىمۇ بىر ئاي ئىلگىرى ئىچكىرىدىكى بىر شىركەت شۇ خىل تېخنىكىغا ئۇخشايدىغان دەسلەپكى مەھسۇلاتىنى بازارغا چىقاردى. ئەمدى مەن قىلسام كەشپىيات پاتىنتى ئەمەس يىڭى تىپلىق قوللىنىشچان تېخنىكا دەپ ئىلتىماس قىلىدىغان بولدۇم. بۇ تۈرۈمنىڭ بۇنچىلا كەينىگە سۈرلۈپ كىتىشىدە يامۇلدىكى چىركىن سوتچىلارنىڭ تۆھپىسى بەك زور ئەلۋەتتە...
  ماۋۇ تىمىدا دىيىلگەن ئۆز ئورنىغا خىرىس دەپ بىلىشمۇ بەك ئېغىر. 2007- يىلى مىنى دۆلەتنىڭ چوڭ بىر تەتقىقات ئورنىنىڭ خەنزو باشلىقى مەن بىلەن پارىڭلىشىپ، قۇياشقا ئەگىشىدىغان ئەۋرىشكەمنى كۆرۈپ قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن شۇ يەردكى چوڭ قالپاقلىق ئۇيغۇر بىرى يول مىڭىپ <<خەنزوچىنى ياخشى بىلمەيسەن>> دىگەندەك سەۋەپلەر بىلەن مىنى ئىشلەتمەيدىغان بولغان. شۇ چاغدا يەنە بىر تۇرمۇشتا قولىنۋاتقىلى نەچچە يىل بولغان ئاددىغىنا نەرسىنى كۆرسەتسەم، خەۋىرى يوق بولغاچقا ‹‹قانداق گەپ بۇپ كەتتى›› دەپ ھەيران قالغان ئىدى. ئەسلى شۇ چوڭ قالپىغى بىلەن شۇ ۋاقىتتا بار نەرسىلەرنى بىلىپ، ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ تۇرغان بولسا ھەر نەرسىلەرنى ياراتقان بۇلاتتى شۇ كىشىمۇ. ھەقىقەتەن ياخشى تۇرمۇش ۋە تىمىدا دىيىلگەندەك مۇناسىۋەتكە قاتراپ ئۆز كەسپىدە بىخوتلاشقان گەپ. ئاندىن ئۇيغۇر يوق 500 خەنزو بار بىر قۇياش ئىنىرگىيە شىركىتىگە بېرىپ تەڭشەپ -ئۆلچەش ئىشخانىسىغا خىزمەتكە چۈشتۈم، ئۇلار خەزوچىنى بىلمەيدىكەنسەن دەپ قۇياي دىمىدى...
كىيىن يەنە بىر ئىدارىگە بارسام ، چوڭ قالپاقلىق يەنە بىر ئۇيغۇر ئاكاش ئۇنى-بۇنى سورىسا بىلگىنىمنى دەۋېرىپتىمەن، بىر چاغدا ئالدىنقى قىتىمقى ئىدارىدىكىدەك ھاسىراپ-ھۈمۈدەپ قىزىرىپ يۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن شۇ چاغدا ئاكۇمۇلياتورنىڭ نىمىلىكىنىمۇ دەپ بېرەلمىگەن خەنزو يولداشلارنى قۇبۇل قىلىپ، مىنى خەنزوچىغا بەك راۋان ئەمەس دەپ ئىشقا ئالمىدى...
ئىككى يىلغا يىقىن ۋاقىتتىن كىيىن ئالدىنقى قىتىم بارغان ئىدارىدە مەن ياسايمەن دىگەن تۈرنى ئىچكىرىدىن سىتىۋىلىپ ئەكىلىپ ئىدارىگە بىرنى ئورنىتىپتۇ. ئۇنىڭغا يانچۇقتىن چىقمىغاندىكىن...
  بۇ يولداشنىڭ دىگىنى ھەقىقەتەن يوق ئىشلار ئەمەس، يىقىنقى يىللاردا قوي باققانلارغا تۇلۇقلىما بېرىدىغان ئىشتىمۇ قوي باققانلارغا بىر تىيىن يوق، يۇلى بارلار بىر قۇيى بولمىسىمۇ مىليونلاپ ئالىدۇ. سوتسىيالىستىك ئۇلۇغ جۇمھورىيتىمىزدە چىرىكلەشمىگەن بىر ئورۇن بار دىسە ئىشىنىشكە مەنمۇ ئامالسىز!...

17

تېما

28

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.71%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4354
توردىكى ۋاقتى: 1730
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-2 08:55:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dost يوللىغان ۋاقتى  2011-12-22 12:35
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مەن مەزكۇر تېمىنىڭ تەرجىمانى «تىر ...

  باغداشتا بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرەتتى، بۇ ئىنكاسىڭىز چۇقۇم باشقۇرغۇچىلارنىڭ نەزىرىدىن ئۈتىدۇ.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5394
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13436
توردىكى ۋاقتى: 6619
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-2 09:23:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2015-1-2 08:55
باغداشتا بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرەتتى، بۇ ئىنكاسىڭىز چۇ ...

بۇ تېمىنى كائىناتتىن مەن ئەكىلىپ باغداشقا چاپلىغان.ئەينى ۋاقىتتا مەنبەنى ئۇلىنىش قىلىپ قويماپتىكەنمەن.مىنىڭچە چوڭ ئىش يوق.

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5394
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13436
توردىكى ۋاقتى: 6619
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-2 10:25:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5394
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13436
توردىكى ۋاقتى: 6619
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-2 10:28:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىلمى ساھەگە يامرىغان چىرىگلىك

سۈيدۈڭ پولكى

چىركلىك جەميەت ئورگانىزىمنىڭ چىرىپ سۈپتى ئۆزگەرگەنلىكنى كۆرسىتىدۇ يەنى خەلق ھاۋالە قىلغان ئاممىۋى ھوقۇقتىن قالايمىقان پايدىلىنىپ .ئوز نەپسگە چوغ تارتىش ھەركىتىنى كورسۇتىدۇ .ئۇنىڭ ماھىيىتى ئىجىدىمائى ئەخلاق ۋە ھەركەت نىزامنىڭ چىكىنىشى ۋە بۇزۇلۇشى بولۇپ, ئۇنى تەشكىل قىلىدىغان ئامىللار ئۇنىڭ سوبېكتى،مۇددىىاسى, ۋاستىسى، ئۇسۇل شەكلى،ۋە نەتىجىسى قاتارلىقلارنى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى، ئىپادىلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ،جەمىيەتنىڭ سىياسى، ئىقتىساد ،پارتىيە- ھۆكۇمەت ئورگانلىرى،ئىلىم-پەن،مائارىپ ،ئاخپارات-نەشىريات،مەمۇرى ،قانۇننى ئىجرا قىلىش ئورگانلىرى،ئەدلىيە ئورگانلىرى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ ھەممە ساھەسىدە ئۆزئىپادىسنى تاپىدۇ.
بۇيەردە تىلغا ئالدىغىنىمىز ئىلمى ساھەدىكى چىركلىكنىڭ ئىپادىلىرى بولۇپ، نۆۋەتتە ئىلىم ساھەسنىڭ ساغلام تەرەققى قىلشى ،پەن –تېخنىكا ،جەمىيەتنى ئىلگىرلىتىشتە زور سەلبى تەسىر لەرنى كۆرسۇتىپ ،توسالغۇلارنى پەيدا قىلماقتا. .
1. تۆۋەن سەۋىيەنىڭ ئۈزلۇكىسز تەكرارلىنىشى .
بۇنىڭدا ئالى مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك ماتىرىياللىرى ،تەكرارلاش ماتىرىياللىرى،ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تەكرارلاش ماتىرياللىرى ئەڭ گەۋدىلىك .1998-يىللىق سىتاتىكىغا ئاساسلانغاندا ،ئىلىمىزنىڭ ھەرخىل نەشىرىياتلىرىدا نەشىر قىلنغان ھەرخىل نۇسىخىدىكى«ماركىزىملىق پەلسەپە »دەرسلىكىدىن 300خىلى نەشىر قىلنغان بولۇپ بۇ دەرسلكنىڭ %95تى جوڭگۇ خەلىق ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ پىراففىسورى لى شىيۇلننىڭ باش تەھرىر لىكىدە تۈزۈلگەن «دىيالىتىك ماتىرىيالىزىم ۋە تارىخى ماتىرىيالىزىم ئاساسلىرى»دىن ئۆزگەرتىلگەن، تەڭشەلگەن نۇسقىسىدۇر. بۇندىن باشقا «سىياسى ئىقتىساد»،«شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى »،«ماركىزملىق مىللەت نەزەريىسى» قاتارلىق دەرسلىكلەر ۋە ئۆزلۈگىدن ئۈگەنگۈچىلەر ئۈچۈن تۈزۈلگەن ھەرخىل تەكرارلاش ماتىرىياللارمۇ مۇشۇ جۈملىگە كىرىدۇ . پەقەت باپ پاراگىرافلىرى تەڭشەپ قويۇلغان. ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تەكرارلاش ماتىرياللىرى تېخىمۇ شۇنداق.

2. ساختىلىق قىلىپ ،ئىلمى ئەسەر يارىتىش. باشقىلارنىڭ ئىلمى ئەمگەكلىرنى ئوغۇرلاش ۋە كۆچۈرۈش
ئالى مەكتەپلەردىكى بىر قىسم ئوقۇتقۇچىلار ،كەسپى تەتقىقات ئورۇنلىردىكى خادىملار ئالى ئۇنۋان ئېلىش ئۈچۈن مۇناسىۋەت ئىزدەپ ،پۇل خەجلەپ ئۆزلىرنىڭ كەسپى قابىليىتى ،بىلىم قۇرۇلمىسغا زىت ئەسەر- ماقاللارنى ئېلان قىلپ ،ئالى دەرىجىلىك ئونۋانلارغا نائىل بولماقتا.ئۇلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان تور بېكەتلىرمۇ ناھايىتى كۆپ . ئىككى جۇملە ئۇيغۇرچە قازاقچە بىلمەيدىغانلار ئۇيغۇر، قازاق تىلى، مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىپ كىتاپ، ماقالىلەرنى يازغانلارچۇ تىخى؟!. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە «كۆپ ھوسۇل ئىلىىۋاتقان »لارمۇ كوپ.
بەزى ياش ،ئوتتۇرا ياش مۇتەخەسىسلەر ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئېچىدە نەچچىلىگەن كىتاپ 100پارچىدىن ئارتۇق ئىلمى ماقالە ئېلان قىلغان .تەكشۈرۈشلەردىن مەلۈم بولىشچە بۇلارنىڭ كۆپى باشقىلارنىڭ ئىلمى ئەمگەكلىرىدىن ئوغۇرلانغان بولۇپ .كۆپ قىسمى ئىلمى ئەخلەتلەردۇر.نەشىرياتلارغا پۇل بولسا بىسىۋىرىدۇ.

بۇ خىل ھادىسە ئاللقاچان ئىلمى ساھەدىكى زۇر ئاپەتكە ئايلاندى .بۇ نىڭ دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ ،يامىراپ تىزگىنلىمەك تەس بولۇپ قالدى .بۇخىل ئەھۋال باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىردىن ئالى مەكتەپنىڭ پىراففىسۇرلىرىغىچەبىرىپ چىتىلىدۇ.بۇيەردىكى ماھىيەتلىك مەسىلە تۈزۇلمە ۋە كىشلەرنىڭ ئار- نۇمۇسنى تاشلىشىدن ئىبارەت.بۇخىل ئەخۋال تەبىئى پەنلەردە سەل ياخشىراق ،ئەمما ئىجىدىمائى پەنلەردە بىر قەدەر ئېغىر.
3. «يۇقۇرى ئوقۇش تارىخى »چىركلىگى .
بەزى تۆۋەن، ئوتتۇرا، يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار، ئوقۇتقۇچىلار ھەرخىل يوللار بىلەن نوختىلىق ئالى مەكتەپلەرنىڭ «ماگستىرئاسپىرانىت ،دوكتۇرلىرى ئاسپىرانىت»بولۇپ يىتىشپ چىقتى .ئۇلار بۇ يۇقۇرى ئوقۇش تارىخنىڭ مۇھىم ھالقىلىق باھالاشلىرنىڭ بىرىگىمۇ قاتناشمىغان . ئۇلار ئۇ مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن مۇناسىۋەت ئىزدەپ، يىتەكچى ئوقۇتقۇچىلارنى قولغا كەلتۇرىدۇ.
4.ئىلمى ئۇنۋان باھالاش ھالقىلىردىكى چىركلىك
ئالى ،ئوتتۇرا دەرىجلىك مەكتەپلەر،كەسپى ۋە تەتقىقات ئورۇنلىردىكى خادىملارنىڭ ئىلمى ئۇنۋان ئېلىشىدا تۈۋەندىكىدەك ساختىلقلار ساقلانماقتا.بۇنىڭ بىرى ،ئۇنۋان ئىلىشتىكى تىل ئىمتىھانىدىكى ساختىلىق .ئۇن جۈملە ئېنگلىس تىلى ئۇخمايدىغان پىراففىسۇر،دوتسىنتلار كۆپىيىپ كەتتى .يەنەبىرى ،ئۇنۋان باھالاش .جەريانىدا شۇخىل ئىلمى ئۇنۋانغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئەسەر- ماقاللار«يۇقۇرى باھا»لارغا ئىرىشىپ ،ئۆتكەلدىن ئۆتمەكتە .ئاخىردا يەنە بىرى ،ئالى ئۇنۋان ئېلىش دېسىسرتاتسىيىسىدىن كۆپلىگەن «دوتسىنىت »«پىراففىسۇر»لار «مۇدىر ۋىراج»لارمۇ تۇسالغۇسىز ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ. ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئىچىدە ساختا «ئاسپىرانت »«دوكتور»لار كوپىيىپ كەتتى.
5.ئۆزلۈگىدىن ئۆگۈنۇپ،ئىشتىن سىرتقى ئۆگۈنۇپ دىپلۇم ئېلىشتىكى چىركلىك .
رايۇنىمىزدا بۇخىل ئالى مائارىپ شەكلى يۇلغا قۇيۇلغاندىن بىرى ،تولۇق كۇرۇس پۈتتۈردىغانلاردىن ئىلمى ماقالا يىزىپ ،دىسىسرتاتسىيە ياقلاش تەلەپ قىلنغاندىن كېيىن «ماقالا زاكاس قىلىش »،«ماقالا يېزىپ بىرىش »ئىشلىرى جانلىنىپ كەتتى .بىر قىسىم ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى بۇ بازارغا كىرىپ خىلى كۆپ نەپكە ئېرشتى.شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلىغان لاياقەتسىز تولۇق كۇرۇس سىتودىنىتلىرى مەيدانغا كەلدى .
6.ئىلمى ئەسەر ،ماقالىلارنى باھالاپ مۇكاپاتلاشتىكى چىركلىك .
بەزى ئورۇنلاردا ئىلمى .ئەسەر- ماقالىلارنى ،ئىلمى تېخنىكىلىق نەتىجىلەرنى باھالاش باشلانغاندا ،بىر قىسم كىشلەر پۇل خەجلەپ ھەرخىل شەرەپلەرگە ئىرىشپ ئۇنى،ئۇنۋان ياكى يۇقۇرغا ئۆرلەشنىڭ دەستىكى قىلماقتا .
7بېسىش ھەققى چىرىكلىگى
نەشىريات ،گېزىت – جورنال نەشىرىيات ئورۇنلىرى ئەسەرنى «بىسىش ھەققى »تۈزۇمنى يۇلغا قۇيغاندىن كېيىن «ئەخلەت» ئەسەرلەر يامىراپ كەتتى .يېقىنقى يىللاردىن بىرى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ئۇنۋان باھالاشتا ماقالا تەلىۋى ئوتتۇرغا قويۇلغاچقا بەزى سودا گېزىتلىرى ،ھەتتا پارتىيە گېزىتلىرىمۇ ئەسەرنىڭ سۈپىتىگە قارىماي ،200- 300يۇەن ھەق ئالغان .بەزىلىرىنى مۇھەرىرلەر قۇراشتۇرۇپ يىزىپ بىرىپ «قوش ھەق » ئالغان ئەھۋاللارنى دائىم ئۇچىرتىپ تۇرىمىز.بەزى گېزىتخانىلارنىڭ بۇنداق مۇھەررىرلىرى ئۇقۇ-ئوقۇتۇش تەتقىقاتىنىڭ ئۇنۋېرسال «مۇتەخەسسسلىرى»بولۇپ قالماقتا. ئادەتتىكى ژورناللارنىڭ بېسىپ بېرىش ھەققى 700يۇەندىن1200يۇەنگىچە، ئاتالمىش«يادرولۇق» ژورناللارنىڭ 3000يۇەندىن10000يۇەنگىچە بولماقتا.بۇنىڭ بىلەن كۆپلىگەن «دوتسىنىت »«پىراففىسۇر»لار «مۇدىر ۋىراج»لار كوپىيىپ كەتمەكتە.
8. بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەردىكى «مايسىنى تارتىپ ئۆستۇرۇش» ئۇسۇلىمۇ ئىلمى ساھەدىكى چىرىكلىكلەرنىمۇ تىزلەشتۇرىۋەتتى. بەزى ئالىي مەكتەپلەر ئوخشىمىغان ئۇنۋاندىكى ئوقۇتقۇچىلارغا بىر يىلدا مۇنچە پارچە ماقالە ئىلان قىلىش كۆرسەتكۇچى چۈشۈرۈپ بۇنى ئۇلارنىڭ ئۇنۋان، مۇكاپات، دەرىس ئۆتۇش ھەققى قاتارلىقلارغا باغلىۋالغانلىقتىن ئوقۇتۇشقا، ئادەم تەربىيەلەشكە سەل قاراپ «كۆرسەتكۇچ» نى ئورۇنلاشقا كىرىشىدۇ.بۇنىڭ بىلەن كۆچۇرمىچىلىك، پۇلغا زورلاش ئەۋىج ئىلىپ كەتتى. ھەتتا بەزىللىرى ئابرويلۇق ئاپتۇرلارنىڭ ئىسمىنىىڭ كەينىگە كۆپ يوللار ئارقىلىق ئىككىنجى ئاپتۇرلۇق ئىسمىنى قوشۇۋالىدۇ. مۇناسىۋەت ئارقىلىق دۆلەت، ئۆلكە، ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك تەتقىقات تېمىللىرىغا ئىگە بولىدۇ.
يۇقۇرقى ھادىسلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە سەۋەپلەر كۆپ بولسىمۇ ،ئەمما ماھىيەتلىك سەۋەپ تۈزۇلمە ۋە ئونىڭغا ماسلىشىپ كەلگەن باھالاش، نازارەت قىلىشتەك يورۇشۇش مىخاينىزىمىڭ كەم ياكى يوق بولۇشىدىن ئىبارەت .بۇ خىل ھادىسىلەر نۈۋەتتە ئېلىم-پەننىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.
يېغىپ ئىيىتقاندا، ئېلىمگە، مائارىپقا ساختىلىق قىلغان مىللەت ۋە ئەل زاۋاللىققا يۇزلىنىدۇ.




66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5394
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13436
توردىكى ۋاقتى: 6619
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-2 10:37:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

خەلقنىڭ ئىلىم-پەن ئىشلىرىدىكى نازارەتچىلىك،قاتنىشىش ھوقۇقىنى ئىتراپ قىلىش لازىم

1



   خەلقنىڭ ئۆز «زىيالى»،«ئالىم»،«مۇتەخەسىس»،«پىرافىسۇر»،«دوكتۇر»لىرنىڭ قىلىۋاتقان «ئىلمى ئەمگەك»لىرىدىن خەۋەر تىپىش،نازارەت قىلىش،پىكىر قاتناشتۇرۇش ،ھەتتا تەتقىقاتقا قاتنىشىش،مۇستەقىل تەتقىقات ئىلىپ بىرىش ھوقۇقى بار.بۇنداق ھوقۇقنى ئىتراپ قىلىش ئىلىم-پەن تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۇرۇش،ئىلىم-پەننى ساغلام تەرەققى قىلدۇرۇش ئۆچۆن پايدىلىق.

ئىھتىمال،يۇقۇرقى سەرلەۋھە بەزى كىشىلەرنى خاپا قىلىپ قويۇشى،بەزىلىرى مىنى ساۋاتسىزلىقتا ئەيىپلىشى مۇمكىن.
ئۇلارنىڭ «ھە»دىگەندىلا  «ئىلىم-پەن دىگەن مەخسۇس كەسپى ئىش تۇرسا،خەلق ئۇنىڭغا قانداق نازارەتچىلىك قىلالايدۇ،قانداقمۇ قاتنىشالايدۇ»دىيىشى تۇرغانلاگەپ.
شۇ سەۋەپتىن ئالدى بىلەن يۇقۇرقى تەشەببۇسۇمنىڭ ئاساسلىرى ئۇستىدە قىسقىچە تۇختۇلۇپ ئۇتىمەن.
1.«خەلق»دىگەن نىمە؟.خەلق ـ بەكمۇ كەڭ مەنىلىك ئۇقۇم.ئۇ،«زىيالى»،«ئالىم»،«مۇتەخەسىس»، «پىرافىسۇر»،«دوكتۇر»لاردىن تارتىپ بىر دۇلەت بىر رايۇننىڭ نىڭ بارلىق پۇقرالىرىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.
2.ئادەتتىكى كەسىپتىن بىخەۋەر پۇقرالار كەسپى ئىشنىڭ تەپسىلاتلىرىنى نازارەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولمىغىنى بىلەن نەتىجىسىنى سۇرۇشتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان بولىدۇ.
3.نەتىجىلىرىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىنى خەلق چۇشۇنىدىغان تىلدا دوكىلات قىلىش«زىيالى»،«ئالىم»،«مۇتەخەسىس»،«پىرافىسۇر»،«دوكتۇر»لارنىڭ ۋەزىپىسى،مەجبۇرىيىتى.
4.«خەلق»ئىچىدە ئىلىم-پەن ئىشلىرىغا قاتنىشىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئادەملەرنىڭ مەۋجۇتلىگىنى ئىنكار قىلش پاكىتلارغا ئۇيغۇن ئەمەس.
5.پەن-تىخنىكىنى ئومۇمىلاشتۇرۇش پەقەت خەلقنىڭ قاتنىشىشى ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشىدۇ.
6.باشقىلار.

2



  باج تۆلىگۆچى خەلقنىڭ ھۆكۆمەت خىراجىتى بەدىلىگە ھەقلىق تەتقىقات،ئۇقۇتۇش ...ئۇقۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا بولغان نازارەتچىلىك ھوقۇقى تارتىپ ئىلىنسا ياكى ئىتىراپ قىلىنمىسا شۇ ساھەلەرنىڭ سۇپەت ۋە ئۆنۆمىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ.ئەمىلى ئۆنۆم- خەلق ئەڭ تەلپۆنىدىغان ۋە چۆشۇنەلەيدىغان مەسىلە.پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار جەزمەن ئەمىلى ئۆنۆم دوكىلاتى بىرەلەيدىغان بولىشى كىرەك.دۆلەت مەخپىيەتلىگىگە چىتىشلىق بولمىسىلا ئاشكارىلاپ،خەلقنىڭ دوكىلاتتىكى مەزمۇنلارنىڭ چىن ياكى ساختىلىغىنى بىلىش، تەكشۇرۇش،پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىنى ئىتىراپ قىلىش ۋە ھۆرمەت قىلىش كىرەك.بىر قانۇن-تۆزۆملۆك جەمىيەتتە بۇنداق ھوقۇقنى تارتىۋىلىشقا،ئىتىراپ قىلماسلىققا ئەسلا بولمايدۇ.
خەلق بۇ كىشىلەردىن«نىمە ئىش قىلدىڭ؟»،«قىلغان ئىشىڭنىڭ قانداق ئەمىلى  ياكى نەزەريەۋى قىممىتى بار؟»،«مەن قىلدىم دەۋاتقان بۇ ئىشلىرىڭنى سەن مۇستەقىل قىلدىڭمۇ ياكى باشقىلار ئىلگىرى قىلىپ بولغانمۇ؟»،«ئوخشاش تۆردىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى ئىچىدە، سىنىڭ بۇ تەتقىقات نەتىجەڭنىڭ قانداق ئەۋزەللىگى بار؟»،«نەتىجە تۆلەنگەن بەدەلگە چىقىش قىلالامدۇ؟»...دىگەندەك سۇئاللارنى سورىيالايدىغان ،جاۋابىغا ئىرىشىپ بۇ جاۋاپنىڭ توغرا -خاتالىغىنى تەكشۆرۆپ نازارەت قىلالايدىغان بولىشى لازىم.
ھازىر دۆلىتىمىزدە ئىلىم -پەندىكى چىرىكلىكنىڭ سۆكۆت قىلغىلى بولمايدىغان يەرگە يەتكەنلىگى ھەققىدە ھۆكۆمەت تەرەپ ئاخباراتلىرىدا ئاز بولمىغان ئۇچۇرلار تارقالماقتا.بۇنىڭ سەۋەپلىرى ئەلۋەتتە ئاز ئەمەس،ھۆكۆمەتنىڭ فۇنكىسيىلىك تارماقلىرى يىتەرلىك بولماسلىق،رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالماسلىقتىن باشقا خەلقنىڭ نازەرەتچىلىك ھوقۇقىنى قوزغاتماسلىق،ھۆرمەت قىلماسلىق نورغۇن سەۋەپلەر ئىچىدىكى مۇھىم بىر سەۋەپ.

3



«خەلق»بىلەن«زىيالى»لارنى كەسكىن مەنىدە ئىككى لاگىرغا ئايرىۋتىش تىگى تەكتىدىن ئالغاندا بىر زىدىيەتلىك مەسىلە.زىيالىلار خەلىقنىڭ تەركىۋى قىسمى بولۇپ بۇيەردىكى پەرىق پەقەت ئىش تەقسىماتى ۋە مەخسۇسلىشىشتىكى پەرىقتىنلا ئىبارەت.مەيلى قانۇنى،مەيلى ئەخلاقى نۇقتىدىن ئىتايلى «پۇقرالىق پەرقى» بولمايدۇ ۋە بولماسلىغى كىرەك.
«زىيالى»لىق بىر خىل ئالاھىدە ئىمتىياز ئەمەس.ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇ بىر خىل مەجبۇرىيەتتۇر.«مەجبۇرىيەت»دىيىشىمدىكى سەۋەپ «زىيالى»بولغان ئىكەنسىز«نەتىجە»ڭىز بولىشى كىرەك.دىھقاننىڭ،باغۋەننىڭ،..ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ  نەتىجىسى بولغىنىغا ئوخشاش ياراتقان خاس نەتىجىڭىز بولىشى كىرەك.دىھقان دىھقانچىلىق مەھۇلاتلىرى ئىشلەپ چىقىرىپ ئۇزىنى ۋە جەمىيەتنى قامدىغىنىدەك «زىيالى»لارنىڭمۇ ئۇز«مەھسۇلاتى»بولىشى،بۇ«مەھسۇلات»لارئىلىم-پەن ۋەجەمىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۆرۆشكە پايدىلىق بولىشى لازىم.
ئىشلەپ چىقارغان دىھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى يوق ئادەمنى دىھقان ئاتاشقا بولمىغىنىدەك،ئىلمى نەتىجىلىرى يوق ئادەمنى «زىيالى»ئاتاشقا بولمايدۇ.دىھقان ھىچبولمىغاندا ئۆزىنىڭ تىرىكچىلىگىگە  يەتكىدەك ئاشلىق ئىشلەپ چىقىرىپ جەمىيەتكە يۆك بولمايدۇ.ھۇكۇمەت خىراجىتى بىلەن قالپاققا ئىرىشكەن ۋە مۇئاش ئىلىپ تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان«زىيالى»لارئەگەر نەتىجە ياراتمىسا خەلىققە يۆك بولغىنى بولغان،چۆنكى ئۇلارنى ئوقۇتۇپ شۇ مۇقامغا يەتكۆزگەن،ھازىرقى شۇ كۇرىستا ئۇلتۇرغۇزغان خەلىقنىڭ پۇلى،خەلىقنىڭ قان-تەرى.«زىيالى»لاردا جەمىيەتكە بولغان قەرىزدارلىق تۇيغۇسى يوقاپ كەتسە ياكى بۇنداق تۇيغۇ زادىلا مەۋجۆت بولمىسا ئىشنىڭ بۇزۇلغىنى شۇ.
بۇ يەردە ھەممە ئادەم چۆشۆنەلەيدۇ دىيىشكە بولىدىغان بىر ئاددى ھىساپ بار.ئۇ بولسىمۇ سىزدەك بىر«زىيالى»نى ھازىرقى ھالىڭىزغا ئەكەلگىچە خەلق سىزگە قانچىلىك پۇل خەجلىدى،ھازىر يەنە قانچىلىك پۇل خەجلەپ سىزنى بىقىۋاتىدۇ؟ـــــــــــــ مانا بۇلار بەدىلىگە سىز نىمە نەتىجە ياراتتىڭىز؟،بۇ «نەتىجە»ڭىز نىڭ خەلق بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟دىگەنلەرگە توغرا جاۋاپ بىرىش.
ھەدىسىلا خەلقنى «ساۋاتسىز»لىقتا،«نادان»لىق»تا ئەيىپلەپ ،سېسىق كىبرىنى كۆرسىتىدىغان بىر قىسىم بىلەرمەنلەرخەلقنىڭ مۇشۇنداق ئاددى ھىساۋىغا مەڭدىمەي جاۋاپ بىرەلىشى ناتايىن.
خەلق ئۆز ئەمگەك نەتىجىلىرى بىلەن سىزنى تەربىيىلەپ ھازىرقى«زىيالى»لىق كۇرسىغا ئولتۇرغۇزۇش بىلەنلا قالماي،يەنە مۇئاش بىرىىۋاتقان ئىكەن ،سىز مەلۆم مەنىدە خەلىقنىڭ نەتىجىسى بولۇپ ھىساپلىنىسىز.دىمەك ئەمدى سىز ئۆزىڭىزنىڭ نەتىجىڭىزنى كۆرسۆتۆڭ.نەتىجە»سۆرۆشتۆرۆدىغان بۇنداق ھىساپ كىتاپقا خەلق ئەڭ ئۇستا ۋە ئەڭ ئامىراق،سىزمۇ ئامىراقمۇ؟،سىزنىڭ ئامىراق بولىشىڭىز ناتايىن!.
سىز ئەگەر بىر«زىيالى» بولسىڭىز شۇنى ئۇنتۇماڭكى؛ سىز بىلەن خەلىقنىڭ مۇناسىۋىتى ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋىتىگە ئۇخشۇشۇپمۇ كىتىدۇ.سىزنىڭ ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا خەلىقتىن ئۆستۆن تۇرىشىڭىز،ئايرىلىپ«مۇستەقىللىق»جاكالىشىڭىز مۆمكىن ئەمەس.ماھىيەتلىك ھىساپ-كىتاپتا سىز ھامان پاسسىپ ئۇرۇنغا چۆشۆپ قالىسىز،پەقەت سىزدىن مۇشۇنداق بىر ھىساپ ئىلىنمىغانلىغى ئۆچۆنلا بەزى خام خىياللارغا ئەسىر بولۇپ قالدىڭىز،شۇ!.



http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=8827


66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5394
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13436
توردىكى ۋاقتى: 6619
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-2 15:10:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2015-1-2 08:18
http://bbs.bozqir.net/forum.php?mod=viewthread&tid=6034&extra=&page=1
بۇ خەۋەردىن قا ...

ھازىر بۇنداق ئىشلارنىڭ بوغىنىدىن  ئەمەس،بولماي قالسا ئەجەپلەنسەك بولىدىغان يەرگە كەلدۇق.چۈنكى بۇنداق تەتۆرلىكلەر بەك ئومىلىشىپ كەتتى.تويۇقسىز بۇنداق ئىشلار يۇز بەرمەيدىغان بولۇپ قالسا،راسىتمۇ-يالغان،مەن ئويغاقمۇ،دەپ ئۇزىمىزنى چىمداپ باقىدىغان يېرىگە كەلدى.

----كىتابخۇمار----

9

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1360
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1035
تۆھپە : 3812
توردىكى ۋاقتى: 735
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-2 16:25:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىنىڭ ئاپتۇرى نىمە ئىش قىلىدىغان ئادەمدۇ ؟ كارامەت يازىدىغان ئادەمكىنا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )