دۇنيا يېڭىلىق يارىتىش دەرىجە قاتارىدا كورىيە، ياپونىيە، گېرمانىيە ئالدىنقى 3 ئورۇنغا تىزىلدى
ئالغا باسماي بىر ئىزىدا توختاپ قالغان دۇنيا ئىقتىسادىغا نىسبەتەن، ئەڭ ياخشى دورا يېڭىلىق يارىتىش. بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقى بىر قانچە كۈن ئىلگىرى 2015-يىلى دۇنيادىكى ئەڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچىگە ئىگە ئالدىنقى 50 دۆلەت ۋە رايوننى دەرىجىگە تۇرغۇزغان بولۇپ، جۇڭگو 22-ئورۇندا
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 23-يانىۋار خەۋىرى: ئالغا باسماي بىر ئىزىدا توختاپ قالغان دۇنيا ئىقتىسادىغا نىسبەتەن، ئەڭ ياخشى دورا يېڭىلىق يارىتىش. بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقى بىر قانچە كۈن ئىلگىرى 2015-يىلى دۇنيادىكى ئەڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچىگە ئىگە ئالدىنقى 50 دۆلەت ۋە رايوننى دەرىجىگە تۇرغۇزغان بولۇپ، جۇڭگو 22-ئورۇندا تۇرغان، بىراق يۇقىرى پەن-تېخنىكا ۋە پاتېنت تېخنىكىسى كۆرسەتكۈچى دەرىجە قاتارىدا ئالدىنقى 3-ئورۇندا تۇرغان.
بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقى ئوخشىمىغان دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ تەتقىقات كۈچى، يېڭىلىق يارىتىش، يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىركەت، ئالىي مائارىپ، تەتقىقاتچى خادىم ۋە پاتېنت تېخنىكىسى قاتارلىق 6 چوڭ كۆرسەتكۈچكە ئاساسەن ئۇنىۋېرسال دەرىجىگە تۇرغۇزغان بولۇپ، كورىيە 1- ئورۇندا تۇرغان، ئىككىنچىدىن بەشىنىچىگە بولغانلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ياپونىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە، ئىسرائىلىيە قاتارلىقلار، ئامېرىكا 6- ئورۇندا تۇرغان، جۇڭگو 22-ئورۇندا تۇرغان. شياڭگاڭ 34-ئورۇندا تۇرغان.
بىراق جۇڭگو يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىركىتى ۋە پاتېنت تېخنىكىسى دەرىجە قاتارىدا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان. يۇقىرى پەن-تېخنىكا قاتارىدا ئالدىنقى 5-ئورۇندىكىلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئامېرىكا، جۇڭگو، ياپونىيە، كورىيە، كانادا. ئامېرىكىنىڭ گۇگول، فېيسبۇك قاتارلىق يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىدىن قارىغاندا «يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى» كىشىنى چۆچىتىدۇ. جۇڭگودا بولسا تېڭشۈننىڭ بازاردىكى قىممىتى 147 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئالدىنقى ئورۇننى ئىگەللەيدۇ.
پاتېنت تېخنىكىسى جەھەتتە كورىيە سامسۇڭنىڭ تۆھپىسىدە پاتېنت سانى جەھەتتە بىرىنچىلىككە ئېرىشتى، ياپونىيە 2-، جۇڭگو 3-ئورۇندا تۇردى. ئادەتتە بىر دۆلەت پاتېنت سانى قانچە كۆپ بولسا، ئۇلارنىڭ پەن-تېخنىكا جەھەتتىن ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، بۇ جۇڭگونىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
تەرجىمىدە: ئاينۇر
http://www.okyan.com/html/news/Tech/2015/0123/8244.html
|