- تىزىملاتقان
- 2011-9-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 11760
- نادىر
- 19
- يازما
- 569
ئۆسۈش
4.4%
|
«‹شىنجاڭنىڭ 50 يىلى› توغرىسىدا بىرنەچچە پىكىر» دىكى ئنكاسلارغا تولوقلىما
(مەخمۇت ئېلى ئاتتىلا ئونسۇ)
توردا مەرھۇم يازغۇچى خېۋېر تۆمۈرنىڭ « ‹شىنجاڭنىڭ 50 يىلى› توغرىسىدا بىرنەچچە پىكىر» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان كۆرۈرمەن تۈرلۈك ئىنكاسلارنى يېزىپ قالدۇرۇپتۇ. مەن ئۇ ئىنكاستىكى بەزى نائېنىق مەسىلىلەرنى كۆپچىلىككە ئايدىڭلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە بەزى تارىخىي ھەقىقەتلەرنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن بۇ ئىنكاسنى مەزكۇر تېمىغا يازغان ئىدىم. بۈگۈن يەنە ئايرىم مۇستەقىل تېما قىلىپ يوللاشنى مۇۋاىق تاپتىم. كۆپچىلىكنىڭ توغرا چۈشۈنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
ئېھتىرام بىلەن بۇرادىرىڭلار ئاتتىلادىن!
بۆرھان شەھىدىنىڭ قانداق ئادەملىكى بۈۇرۇندىنلا كۆپلىگەن كىشىلىرىمىزگە ئايان.
ئۇنىڭ ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، مەمتىلى تەۋپىق، لۇتپۇللا مۇتەللىپ كەبى ئەزىمەتلىرىمىزنى قانلىق قېلىچىدىن ئۆتكۈزگەن، قۇمۇل-تۇرپان ئىنقىلابى، خوتەن-قەشقەرلەردىكى مىللىي كۆتۈرىلىشلەر ۋە ئۈچ ۋىلايەت ئازادلىق ئارمىيسنى باستۇرۇش ئۈچۈن قۇمۇل-تۇرپان ۋادىسى ۋە تەڭرى تېغى ئېتەكلىرىدە، شىخۇ، جىڭ، ماناسلاردا نەچچە مىڭ ئوغلانلىرىمىزنى قانلىق قىرغان، سىتالىن ھۆكۈمىتىنىڭ ھىيلە-مىكىرسى بىلەن قانچە قېتىملىق كۈرەشچان ھاياتىمىزنى قان-ياش دېڭىزىغا غەرق قىلغان ياڭ، جىن، شېڭ دېگەنلەر بىلەن ھەم جاڭ جىژجۇڭ، تاۋ سىيۈ بىلەن ئېغىز بۇرۇن يالاشقانلىقى، بولۇپمۇ شىنجاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولۇش ھارپىسىدا ھەققانىيەتنى ياقلاپ، ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى ۋەكىلى سۈپىتىدە ئەمەس گومىنداڭنىڭ خەلقنى قىرغىن قىلىشتا بىۋاستە قورال كۆتەرگەن گېنىرالى تاۋ سىيۆ بىلەن بىرگە ھەقىقەتكە قايتقانلىقى ھەممىنى ئاشكارىلايدۇ.
بۆرھان شەھىدى ئىلگىرى ئۆزىنى قازان تاتارلىرىدىن دەپ ئاتىغان. بىراق كېيىن ئۆزىنى ئۇيغۇر دەۋالدى. تاتارلارمۇ ناھايتى ئېسىل، بىزگە كۆپ ياردەم قىلغان خەلق. ئەگەر مۇسا جارۇللاھ، ئابدۇللا توقاي، غاسپىرالىغا ئوخشاش تاتار زىيالىلىرىنىڭ روھى تاتارلاردىن بۆرھاندەك بىر ئادەمنىڭ چىققانلىقىنى بىلسە قانچىلىك قورۇلۇپ كېتەر-ھە!
شۈكۈر يالقۇنمۇ ئىلگىرىكى بىرقاتار ئەسەرلىرىدە ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ ئاتىغان، ھەتتا ھازىرقى زامان شىنجاڭ ئۆزبېك ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشى (شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادېمىيسى چىقارغان مەخسۇس ماتېريال) توغرىسىدىكى كىتابچىغىمۇ كىرگۈزۈلمىگەن ئىدى. ئۆزبېكىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن شۈكۈر يالقۇن دېگەن ئىسىمىنى شۈكۈر يارقىنغا ئۆزگەرتتى، ھەتتا «مەن ئۆزبەك، مەن بىر ئۆزبەك يازغۇچىسىدۇرمەن!» دەپ جار سالدى.
ئىسھاقبېك مۇنۇنۇپقا كەلسەك ئەسلى قىزىلسۇنىڭ قىزىلبۇي دېگەن يېرىدىن بولۇپ، يۇرتىدا مەلۇم مەدەنىيەت سەۋىيسى ھازىرلىغاندىن كېيىن سوۋېتقا چىقىپ كەتكەن ھەمدە 30 ياشقا كىرگەندە بېشكەكتە تولوق ئوتتۇرنى پۈتتۈرۈپ قىزىلبۇيغا ھاكىم بولغان. كېيىن ئارمىيىدە ھوقۇق تۇتقان. 1937-يىلى خوجىنىياز ھاجىنىڭ قالدۇق قىسىملىرى ھىمىتنىڭ سېيىدا شىڭ شىسەي قىسىملىرى بىلەن جەڭ قىلغاندا، ئىسھاقبېك قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا كەلگەن 5-بىرگادىنىڭ بىرگادا قوماندانى، لېسكىن تانكا قىسىم قوماندانى ھەم ھەربى مەسلىھەتچى بولغان. پۈتۈن شىنجاڭ تىنچىتىلىپ، شىڭنىڭ ھوقۇقى مۇستەھكەملەنگەندىن كېيىن شىڭ جەمىئىيەتتىكى ئۇقۇمۇشلۇق زىيالىلار، جامائەت ئەربابلىرى، دىنىي ئۆلىمالار، بايلار، يۈزلۈك كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلغاندا ئىسھاقبېك مۇھىم رول ئوينىغان. 1939-يىلى ئىسھاقبېكنىڭ ئورنىنىڭ تەدرىجى ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ شىڭ ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ قالغان ھەم يوقۇتۇشقا ئۇرۇنۇپ ئۈرۈمچىگە چاقىرتقان. شىڭنىڭ تەبىئىتىنى بىلگەن ئىسھاقبېك سوۋېتكە قېچىپ كەتكەن. 1942-يىلى سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشى ھالقىلىق پەيتكە كەلگەندە «ئەمدى سوۋېت تۈگەشتى» دەپ قارىغان شىڭ سىتالىندىن يۈز ئۆرىگەن. سىتالىن شىڭدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن شۇ يىلى سوۋېت يېرىدىكى شىنجاڭدىن چىققان ئىشەنچلىك كىشىلەرنى يىغىپ مەخپىي تەربىيلىگەن ھەمدە ئۇلارغا ئۆزبەك، ئۇيغۇر، قازاقلاردىن بولغان سوۋېت قىزىل ئارمىيسى ئەسكەرلىرىنى قوشۇپ شۇ يىلىلا شىنجاڭغا كىرگۈزۈپ ئادەم كۆپەيتىشكە سالغان. 1944-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى نىلقا ئازادلىق ئىنقىلابى پارتلىغاندا مەخپىي كىرگەن سوۋېت كىشىلىرى ۋە سوۋېت ئارمىيسى ئىنقىلابقا سۇقۇنۇپ كىرىپ تېزلا ھوقۇقلۇق شەخسلەرگە ئايلانغان. ئىسھاقبېك ۋە لېسكىنلەرمۇ ئىنقىلاب سېپىگە كۆز بوياپ كىرىپ، بىرسى گېنىرال لېيتنانت، بىرسى ھەربىي مەسلىھەتچى بولغان. ئەمىلىيەتتە لېسكىن بارلىق ھەربىي ئىشلارنى كونتۇرۇل قىلغان. ئىسھاقبېك ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن ھەربىي ئىشلارنى باشقۇرغان. بۇنىڭ بىلەن ئىنقىلابنىڭ ھەقىقىي ئەزىمەتلىرى قورچاققا ئايلىنىپ قالغان. بىز دەۋاتقان ئالتە باتۇرنىڭ ئۈچى دەل سوۋېت قىزىل ئارمىيسىنىڭ ئەسكەرلىرىدۇر.
|
|