تەبىئەتتىكى ئۈچ گۆھەر _ _ قۇياش نۇرى ، ھاۋا ، سۇ .
سۆزلىشىشتىكى ئۈچ گۆھەر _ _ ئۆزلىرى ، رەھمەت ، كەچۈرۈڭ .
جاھاندارچىلىقتىكى ئۈچ گۆھەر _ _ كىچىك پېئىللىق ، ئەدەپ ، ئاپىرىنئېيتىش .
يېتىلىشتىكى ئۈچ گۆھەر _ _ تىنچلىق ، مېھىربانلىق ، سالماقلىق .
ئائىلىدىكى ئۈچ گۆھەر _ _ خوشاللىق ، قىزىقچىلىق ، كۆيۈمچانلىق .
ياخشى ئائىلىدىكى ئۈچ گۆھەر _ _ مۇلايىملىق ، خوشال _ خوراملىق ، تىنچلىق .
يىمەك _ ئىچمەكتىكى ئۈچ گۆھەر _ _ كونتىرول قىلىش، چەكلەش ، شۈكرى قىلىش .
ساغلاملىقتىكى ئۈچ گۆھەر _ _ پىيادە مېڭىش ، نەپسىنى يىغىش ،مۇلايىم بولۇش .
ساياھەتتىكى ئۈچ گۆھەر _ _ كۆپ كۆرۈش ۋە ئاڭلاش ، ئامانلىق ۋەخوشاللىق ، تېجەشلىك .
مالىيە باشقۇرۇشتىكى ئۈچ گۆھەر _ _ خامچوت تۇرغۇزۇش ، كىرىمنىئاشۇرۇپ ، چىقىمنى تېجەش ، تىرىشچان _ ئىقتىساتچىل ۋە توغرا بولۇش .
بىلىمدىكى ئۈچ گۆھەر _ _ جانلىق ، ئەتراپلىق ، ھەقىقى بولۇش .
ئىلىم تەھسىل قىلىشتىكى ئۈچ گۆھەر _ _ كۆپ ئوقۇش ، كۆپ يېزىش ، كۆپئويلىنىش .
دوستلىشىشتىكى ئۈچ گۆھەر _ _ سەمىمىيەت، نىيىتى دۇرۇس بولۇش ، تەقدىم قىلىش .
كۆڭۈلدىكى ئۈچ گۆھەر _ _ چىنلىق ، ئاقكۆڭۈللۈك ، كەڭقورساقلىق .
ئاتا _ ئانىلاردىكى ئۈچ گۆھەر _ _ تەربىيىلەش ، مەسئۇل بولۇش ، شان _شەرەپ .
بەختلىك بولۇشتىكى ئۈچ گۆھەر _ _ يېيەلەيدىغان ، ئۇخلىيالايىدان، كۈلەلەيدىغان بولۇش .
مەسىلە ھەل قىلىشتىكى ئۈچ گۆھەر _ _ يۈزلىنىش ، بىر تەرەپ قىلىش ، ۋازكېچىش .
مەنبەسى: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى |