- تىزىملاتقان
- 2014-1-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 268
- نادىر
- 0
- يازما
- 19
ئۆسۈش
89.33%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ashtal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-26 02:03
ئەسسالامۇئەلەيكۇم!مەنمۇ خەن خەن(韩寒)نىڭ ئەسىرنى ئوقۇشقا ئامراق.ئۇنىڭ تەپەككۇرى ئوچۇق،جۈرئەتلىك،نەچچىمىز دېگۈىمىز كەلگەن لېكىن دىيەلمىگەن گەپنى ئۇ دىيەلەيدۇ.ئۇنڭدا جۈرئەت بار.بىز ئۇيغۇرلاردىمۇ بۇنداق كىشلەر بار.ھەتتا نەچچە قېتىم پويىزدا نورغۇن ئوچۇق پىكىرلىك كىشلەر بىلەن ئۇچراشتىم،ھەم ئۇچۇرىشىپ تۇرۇشنى ئۆمۈد قىلمەن.
بىزمۇ شۇنداق پىكىر قىلالايمىز،ھەم تامامەن قىلساق بولىدۇ،لېكىن قىلالمايمىز.بۇنداق دېسەم بەك زىديەتلىك گەپكەن دەپ قالماڭلار يەنە .بۇ يەردە دىمەكچى بولغىنىم شۇكى،بىز ۋە ئۇنىڭ تۇرۋاتقان مۇھىتى ئوخشىمايدۇ.بىز بىر دۆلەت ،بىر تۈزۈم ئاستىدا ياشاۋاتقان بولساقمۇ،لېكىن ئۇ خىل تۈزۈملەر بىزگە كەلگەندە ئىشلىمەي قالىدۇ ياكى ئەكىس تەسىر بېرىپ قويىدۇ.....گۈلەن ئەپەندى گەپ قىلدى،سۆزلىدى،ھەمىمىز ياقتۇردۇق،لېكىن ئاخىرغا كەلگەندە ھېچ كىشى لام-جىم دىيەلمىدى....
زۇلپىقار باررات ئۆزباش خېلى ماقالىلەرنى يازدى،لېكىن ئوقۇيدىغان كىشى بەك ئاز.خۇددىى خەن خەن دېگەندەك ھەمىمىز توردا خالساق خان ،خالىساق شاھ بولۇپ كۆرىنىمىز،ئەمەلىيەتتە ئۇندىن بەكلا يىراق......
مەن ھازىر خەن خەننىڭ ‹‹ياشلىق›› (《青春》)دېگەن كىتابىنى ئوقۋاتىمەن.كىتابنىڭ مۇقاۋىسىگە ‹‹بۇ ئەۋلاد ياشلاردىكى ئۆمۈد قەيەردە››دەپ سوراق شەكىلدىكى بىر جۈملە سۆزنى قېتىپ قويۇپتۇ.بۇ كىتابنى ئوقۇپ بەزى يەرلىرنى ياقتۇردۇم بەزى يەرلىرنى ياقتۇرۇپ كەتمىدىم ،بەزى يەرلىرنى مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىزدەك ھېس قىلدىم.ئەلۋەتتە ،ئۇنداق يەرلىرنى ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىمەن.ئاساسەن ئۆزىنىڭ شەخىسى كۆز قارشىنى ئەركىن بايان قىپتۇ.
كىتابنىڭ كىرىش سۆزىدە ئۇ ئۆزىنىڭ شەخسي كۆز قارشىنى مۇنداق دەپتۇ:
مەنچە ياشلار ھېچ قانداق ئارزۇغا ،ھېچ قانداق يۆنلىشكە ،ھېچ قانداق ئۆمۈدكە مۇھتاج ئەمەس،خۇددى شۇدەۋىردە ياشاۋاتقان بىر كىشى ئۆزىنىڭ يەنە بىر ياخشى دەۋىرىگە يېتشەلمىگەنلىكنى ھېس قىلىنغا ئوخشاش. بۇ يولنىڭ ئاخىرى يوق،سەن ئەزەلدىن يالغۇز ئەمەس.(تەرجىمىنى ياخىشى قىلالمىغان بولشىم مۇمكىن،ئامال بار تۈزتۈپ چۈشنىڭ.)
مانا مۇشۇنداق بەزى ئۆزىنىڭ قاراشلىرنى دېگەن، بۇ خىل قاراشنى مەن قوللىمايمەن،لېكىن ھۆرىمەت قىلمەن.
ئەگەر سېلىشتۇرما قىلىپ ياكى ئۆزىمىزگە ماس كىلدىغانراقلىرنى ئوقۇساق بولاتتى دېسەڭلەر،مەن بىر نەچچە ماقالىنى تەۋسىيە قىلاي.
زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ‹‹ياشلار ئويلىنىشقا ۋە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر ››.
نەزىرە مۇھەممەد سالىھنىڭ‹‹ئەقىلدىن باشقا كۆز كېرەك››.(<<شەرق يۇلتۇزلىرىنى ئىزدەپ>>نىڭ بىر پارچىسى)
ئابدۇقادىر جالالدىدىنىڭ ‹‹ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا››.
شەخسي كۆز قارشىم:
ئەگەر ھۆكىمەتكە ياكى بەزى چوڭ جامائەت خاراكتىرلىك مەسلىلەر بولسا ھەممىز شۇنداق قىزغىنلىق بىلەن مۇلاھىزە قىلىمىز،شۇئارلانى تولايمىز.لېكىن ئەمىليىتىمىزدە ئۇنداق قىلمايمىز.بىرى بىز ئۇيغۇر دېگەن شۇنداق خەق ،بىز بۇنداق خەق دەپ ئۆزىمىزنى چۈشۈرىمىز،لېكىن شۇ ئۇيغۇردىن بولغان ئۆزىمىزنىڭ نېمە قىلشىمىز ياكى ئەڭ ئاددىيسى ئۆزىمىزدىن باشلاشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى پىرىنسىپ ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالىمىز.
شۇنىڭ بىلەن بايقاش نوقتىمىزنى خەقكە تىكىمىز،ئاندىن ئۇندىغەي بۇندىغەي دەپ بىر تالاي غەيۋەتلەرنى قىلىمىز.ئۆزىمىزدە بار بولغان كېسەلنى(شەخىستىكى) ئۇنتۇپ قېلىپ باشقىلارغا تەنبىھ بېرىشكە ياكى نەسىھەت قىلىشقا ئالدىرايمىز.مۇشۇ چوڭ بولغان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بىر شەخىستىن بىر شەخىستىن تۈزۈلدىغانلىقىنى،ھەممە كىشى ئۆزىنى تۈزىسە شۇ شەخىستىن تۈزۈلگەن جەمىئەتنىڭمۇ تۈزۈلدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىپ،ھەمىمىز بىردەك گۇناھنى بىر-بىرىمىزىگە ئارتىپ قويمىز.شۇنىڭ بىلەن كالتەك تەگەسە جىم تۇرىدىغان چىۋىن چاقسا ۋاي دات دەيدىغان ئەھۋال بارلىققا كېلىدۇ.
مەن ياقتۇردىغان جۈملە:
ھەر كىشى تالانتىلىقلاردەك تەپەككۇر قىلسا بولىۋېرىدۇ__ئېنىشتىيىن.
مەن ياقتۇردىغان ئۇيغۇر خەلق ماقالى:
ئۆزىڭى بىل ،ئۆزگىنى قوي.
|
|