- تىزىملاتقان
- 2012-4-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2374
- نادىر
- 1
- يازما
- 137
ئۆسۈش
12.47%
|
مەن مەرھۇم ئۆتكۈر ئەپەندىمنى 1992-يىلى يەكەندە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك تۇنجى قېتىملىق «مۇقام تەتقىقاتى مۇھاكىمە يىغىنى» غا قاتناشقىلى كەلگەندە ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولغان ئىدىم. ئۇ چاغدا مەن خىزمەتكە چىققىلى ئەمدىلا تۆت يىل بولغان، توسۇن ئاتتەك ياش يىگىت ئىدىم. شۇ چاغدىكى پائالىيەت يازىلىق تەتىل مەزگىلىگە توغرا كېلىپ، يىغىن قاتناشچىلىرىنى قارشى ئېلىپ چاۋاك چالىدىغان ۋەزىپىگە ئوقۇغۇچى بولمىغاچقا، شۇ چاغدا يەكەن 1- ئوتتۇرا مەكتىپىدە «شىنجاڭ راديو پىداگوگىكا ئۇنۋېرىستېتى» نىڭ يازلىق تەتىللىك كۇرسىغا قاتنىشىۋاتقان 300 ئەتراپىدىكى ئوقۇغۇچىنى ئورۇنلاشتۇغان ئىدى.
بۇ پائالىيەت ئالدى بىلەن ھازىرقى يەكەن مەدەنىيەت باغچىسىدىكى ئاماننىساخان ھەيكىلىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش، ئاندىن ئالتۇنلۇقتىكى ئاماننىساخان مەقبەرىسىنىڭ پۈتكەنلىكىگە لېنتا كېسىش قاتارلىق تەرتىپلەر بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. بىز 300 دەك كۇرسانت (ئەمەلىيەتتە ھەممىمز ئوقۇتقۇچى) ئاماننىساخان مەقبەرىسىنىڭ پەشتىقىدىن تاكى چوڭ يولغىچە سېلىنغان پاياندازنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ، ۋەكىللەرنى قارشى ئالىدىغان بولغانتۇق. مەن ئۇ چاغلاردا يېشىم كىچىك، ئۆزۈم شوخ، كەپسىز بولغاچقا قاتارنىڭ ئالدىدا تۇرىۋالغان بولۇپ، شۇ چاغلاردا خېلى ئېسىل بويۇم ھېسابلىنىدىغان toma ماركىلىق پىليونكا سېلىنىدىغان، فوكۇسنى ئاپتوماتىك تەڭشەيدىغان، لېنتىنىمۇ ئۆزى يۆگەيدىغان بىر ئاپاراتىم بوينۇمدا ئىدى. ۋەكىللەر كېلىشكە باشلىدى، مەن تونۇيدىغان كىشىلەردىن سابىق رەھبىرىمىز تۆمۈر داۋامەت، مەرھۇم ئۆتكۈر ئەپەندىم، مەرھۇم مەمىتىمىن نورۇز ئەپەندىم، مەرھۇمە قەمبەرخانىملار بار ئىكەن. (ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ سۈرىتىنى كۆرۈپ تونۇۋالغانمەن). يىراقتىن ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ سىيماسى كۆرۈنۈشى بىلەن شۇ كىشىنى ئاساس قىلىپ بىرنەچچە پارچە سۈرەت تارتتىم. ئۇلار بىزنىڭ دەل ئۇدۇلىمىزغا كېلىشىگە كەينىمدىكى كىمدۇر بىرى مېنى ئۇلار تەرەپكە ئىتتىرىۋەتتى. ئۆتكۈر ئەپەندىم توساتتىن قوپاللىق بىلەن ئالدىغا ژۈگرەپ كېلىپ، ئۈسىۋېتىشكە تاسلا قالغان بىر تەنتەكنى ئەيىبلەش ئورنىغا ئوڭ قولىنى تەڭلەپ مۇلايىم كۈلكىسى بىلەن يىقىلپ چۈشۈكە تاسلا قالغان مېنى يولىۋالدى. مەن ئويلىسام چۈشۈمگىمۇ كىرمەيدىغان بۇ قىممەتلىك كۆرۈشۈشتىن خۇدۇمنى يوقاتقان بولسام كېرەك. ئەپەندىمنىڭ قولىنى قانداق قويىۋەتكىنىم يادىمدا يوق. بىر چاغدا بىر قىز ساۋاقدىشىم «ۋاي-ۋۇي، نىمانداق ھېسسىياتچان بالا سىز؟ قاراڭ يىغلاپ كەتكىنىڭزنى، مەڭ بۇ ياغلىق بىلەن يۇزلىرىڭىزنى سۈرتىۋېلىڭ، خەق مازاق قىلىپ يۈرمىسۇن يەنە!» دەپ قولياغلىق تەڭلىگەندىلا يۈزلىرىمنىڭ ھاياجان ياشلىرى بىلەن پۈتۈنلەي ھۆل بولۇپ كەتكىنىنى بىلدىم.
مەن پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، شۇ چاغدىكى «يەكەن گېزىتى» دا فوتو سۈرەت مۇخبىرلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ساۋاقدىشىم نۇردۇن ئابدۇسەمەتنىڭ يارىدىمىدە ئۇنىڭ ئارتۇق ئاپاراتىدىن بىرنى بوينۇمغا ئېسىپ، مۇخبىرلار قاتارىغا سوقۇنۇپ كىرىۋالدىم. (بولمىسا ئۇلارنى يېقىندىن قايتا ئۇزاق كۆرەلىشىم، سۈرەتكە تارتالىشىم مۇمكىنمۇ؟)
سۆزلەيدىغانلارنىڭ سۆزلىرى تۈگىگەندىن كېيىن مەشرەپ باشلاندى، ئالدى بىلەن مەرھۇم ئۇسسۇل پىشۋايىمىز قەمبەر خانىم مەيدانغا چۈشۈپ، لەرزان ئۇسسۇلى بىلەن چۆرگىلەپ كېلىپ مەرھۇم مەمىتىمىن نورۇز ئاكىنى تارتتى، ئۇسسۇل تازا ئەۋجىگە چىققاندا قەمبەر خانىم شۇ چاغدىكى ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ رەئىسى تۆمۈر داۋامەتنى ئۇسسۇلغا تارتتى. ئەپسۇس، رەئىس ئۆزرە ئېيتىشنىڭ ئورنىغا سەل قوپاللىق بىلەن قولىنىڭ ئارقىسى بىلەن «بولدى، مېنى تارتماڭ» دېگەن مەنىدىكى ئىشارەتنى قىلدى. بۇ چاغدا مەرھۇم قەمبەر خانىم قانداق ھېسسىياتتا بولدى، بۇنى مەن بىلمەيمەن، لېكىن ئۆزۈم بىر خىل ئاچچىققىمۇ، ھېسداشلىققىمۇ، ھەيران قېلىشقىمۇ ئوخشىمايدىغان ئاجايىپ ھېسسىياتتا بولۇپ، قالدىم ۋە «نېمىشقىمۇ ئۇلارنىڭ ئىنچىكە ئىشلىرىغىچە كۆز سېلىپ يۈرگەن بولغىيتتىم» دەپ ئويلاپ قالدىم. كۆزۈم شۇلاردا. قەمبەر خانىم كېتىپ 15 سېكونت ئۆتتىمىكىن ئۇلارغا مەندىنمۇ بەكرەك دىققەت تۇرغان بولسا كېرەك، رەئىستىن 2-3 ئورۇندۇق نېرىدا ئولتۇرغان ئۆتكۈر ئەپەندىم ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىدىن بوينىنى سوزۇپ، رەئىسكە بىرنىمىلەرنى دېدى. شۇنىڭ بىلەن بايا ئۇسسۇلغا قوپمىغان رەئىس ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، ئۆتكۈر ئەپەندىمنى تارتىپ ئويناپ كەتتى، ھەممە ئىشقا چېپىلغاق مەن بۇ كۆرۈنۈشنىمۇ سۈرەتكە تارتىۋالدىم. كەچكىچە ئۇستازىم، شائىر تاھىر تالىپ، شۇ چاغدىكى «شىنجاڭ سەنئىتى» ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى تاش مامۇت قاتارلىقلار بىلەن بىللە يۈرۈپ، يەنە نۇرغۇن قىممەتلىك كۆرۈنۈشلەرنى سۈرەتكە تارتىپ، كەچتە ياتاقتىكىلەر ئارىسىدا پەخىرلىنىپ يۈردۈم. ئۆزۈمچە روسلارنىڭ ئارىسىدا تارقالغان «چار پادىشاھ قىلىچىنى قولىغا ئالسا پۈتۈن ئوردا تەۋرەيدۇ، تولىستوي قەلىمىنى قولىغا ئالسا پۈتۈن روسىيە تەۋرەيدۇ» دېگەن گەپنىڭ مەنىسى چۈشەندۈرۈپ يۈردۈم.
تولىمۇ ئەپسۇس، شۇ چاغدا فېليونكىدىكى بىر قىسىم سۈرەتلەرنى يۇيغۇزۇپ، قالغانلىرى ئەڭ ئىلغار يەردە يۇيغۇزۇپ، ساقلايمەن دېگەن ئارزۇيۇم كۆپۈككە ئايلىنىپ، بىر تال تاماكا نۇرغۇن ماتېرىيال بىلەن قوشۇپ، ھېلىقى بىر قىسىم رەسىملەر ھەم ھەممە نېگاتىپنى ئوت ئىچىگە ئەكىرىپ كەتتى، قەلبىمدە قالغىنى مۇشۇ ئەسلىمىلەرلا خالاس...
مەرھۇم ئۇستازىمىز، پىشىۋايىمىز ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ روھى ئارزاق خوش بولسىمۇ مەن رازى. |
|