قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: karwan@

دوستلار،باغداش مۇنبېرىگە تەكلىپ بېرەيلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

94

تېما

12

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1
يازما سانى: 230
نادىر تېمىسى: 28
مۇنبەر پۇلى: 1642
تۆھپە : 2975
توردىكى ۋاقتى: 3370
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-19 16:34:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 25قەۋەتتىكى alnurدە2012-03-19 11:25يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مەن تېما ئىگىسىنىڭ پىكرىنى قوللايمەن. مۇنبەردە ھەممە ئادەمنىڭ ئەركىن پىكىر قىلىش ھوقۇقى بار، شۇڭا بىر قىسىم ئەزا ھەم باشقۇرغۇچىلار بۇنى چەكلىمىگە ئۇچراتمىساق بوپتىكەن. ئىنكاس يازغانلارنىڭ پىكىر- تەكلىپى پەقەت قانۇنغا خىلاپ بولمىسا ھەم سىياسىغا تاقاشمىسىلا ئىنكاسلارنى ئۆچۈرۈشكە بەك ئالدىراپ كەتمەيلى، بولمىسا باشقىلارنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سەپكەن بولىمىز.
باشقۇرغۇچىلار قاتتىق دىققەت قىلايلى، سىزنىڭ بىركىمنى ئۇنداق ياكى مۇنداق دەپ ئەيىپلەيدىغان، چۈشۈرىدىغان ھوقوقىڭىز يوق. ئەڭ ياخشىسى، مۇنبەر مۇھىتىنى ياخشىلاشقا ئەھمىيەت بېرىڭ. سىز پەقەت تېما تەستىقلاشقىلا ئەمەس، مۇنبەر بىلەن مۇنبەر ئەزالىرى ئوتتۇرسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ مۇنبەرنىڭ تەرەقىياتىغا كۆڭۈل بۆلىشىڭىز كېرەك. بىكار بولسىڭىزلا باشقىلارغا رەدىيە بەرمەي ھەر بىر تېما ئىنكاسلارنى ئەستايىدىللىق بىلەن كۆرۈپ تەھرىرلەپ تۇرۇڭ، نادىر تېما ئىنكاسلار بولسا ئۇلارنى باھالاپ تېما ئىگىسى ۋە ئىنكاس يازغۇچىلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ چىقىرىڭ. مۇنبىرىمىزدە نەق پۇل بېرىش ئىمكانىيىتى يوق، شۇڭا گەپ ئارقىلىق بولسىمۇ كۆڭلىنى كۆتۈرۈشكە تىرىشىڭ.
مۇنبەر مەسئۇلى بولىدىكەنمىز چوقۇم بىزدە ئىشلىگىنىمىزنى مېھنەت قىلماي جاپا تارتساقمۇ مۇنبەر ئۈچۈن ھەقسىز تۆھپە قوشۇش روھى بولۇش كېرەك، مۇنبەر تەرەقىياتى زور بولۇپ بىزنىڭ باشلىقنىڭ ئۇھ دەپ ھاردۇقى چىققاندا ئىشىنىمەنكى ھەر قايسىلىرىنى ئۇنتۇپ قالماي، ئەجرىڭىزگە قارىتا چوقۇم جاۋاپ قايتۇرىدۇ، شۇنداققۇ ئەكبەرجان؟
يەنە بىرى، ھەر بىر مۇنبەر ئەزاسى ئىنكاس يازغاندا ئۆزىمىزنى سەل بېسىۋالساق، ھەر قانچە ئاچچىقىمىز كەلگەن بولسىمۇ ئادەم تىللايدىغان قالايمىقان گەپ سۆزلەرنى ئىشلەتمىسەك، بۇنداق قىلساق مۇنبەرنىڭ پاكىز مۇھتىنى مەينەتلەشتۈرۈپ ئۆزىمىز ھەم مۇنبەرنىڭ ھەر قايسى مېھمانلارغا بولغان سەلبى تەسىرىنى ئاشۇرۋېتىدىكەنمىز.
ئاخىرقىسى، ھەر بىر مەسىلىنى تەھلىل قىلغاندا ئىسلامى بىلىملەرگە باغلىۋالمىساق بوپتىكەن. مېنىڭچىغۇ بۇ بىر ياخشى ئىش، ھەر بىر مۇنبەر ئەزاسىغا نىسبەتەن ياخشىلىققا يېتەكلەيدۇ ھەم تەربىيىۋى ئەھمىيىتى زور بولىدۇ. بىراق بىر قىسىم تورداشلار يوقۇرقىدەك ئىنكاسلارنى كۆرۈپ بەزى تېمىلارغا ئۆز كۆڭلىنى ئىپادىلەپ يېزىشتىنمۇ ئەيمىنىدىكەن ھەم ئىنكاس يازسام باشقىلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ قالارمەنمۇ دەيدىغان ئىدىيە بىلەن بولۇپ يازمايدىكەن. شۇڭا توغرا مۇئامىلە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردا چوقۇم ئىلمىيلىك بىلەن پىكىر قىلىساق دەيمەن. بۇنداق گەپلەرنى مەن بىر ئەمەس خېلى كۆپ قېتىم ئاڭلىدىم، مۇنبەرنىڭ كونا ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن باشقىلار دېيەلمىگەن بولسا مەن ئوتتۇرغا قويۇپ باقاي دەپ يېزىپ قويدۇم، خالاس!   


    باغداش تورىمىز يېڭى قۇرۇلۇپ تەرەققى قىلغان مەزگىللەردە تورىمىزنى قوللاپ ھەسسە قوشۇپ كېلىۋاتقان ئەلنۇر مۇئەللىمنىڭ تەكلىپ -پىكىرلىرىرىگە كۆپ رەھمەت : بىز يەنىلا كونا پىشقەدەم ئەزالارنىڭ داۋاملىق قوللىشىغا ، تەكلىپ پىكىرلىرىگە مۇھتاج ، ئەلنۇر مۇئەللىم ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنى چوقۇم ئورۇنداشقا تىرىشىمىز
باغداشقا باسقان قەدىمىڭىزدىن گۈل ئۈنسۇن!

94

تېما

12

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1
يازما سانى: 230
نادىر تېمىسى: 28
مۇنبەر پۇلى: 1642
تۆھپە : 2975
توردىكى ۋاقتى: 3370
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-19 16:36:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 29قەۋەتتىكى sarsan88دە2012-03-19 14:01يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مېنىڭ تەكلىپلىرىم :
1.باغداش تورى قايتا ئېچېلىغاندىن كېيىن تورلار ئىچىدە ئەڭ دەسلىپ بولۇپ ئېكران زىيارىتىنى باشلاپ خالمۇرات ئۆمىەرنى زىيارەت قىلغانىدى ، لېكىن باشلامچى بولغان بولسىمۇ داۋاملاشماي قالدى . لېكىن باغداشتېن ئۆرنەك ئالغان تورلار بۇ نى ياخشى يولغا قويۋالدى ،.
باغداش تورى ئېكران زىيارىتىنى قايتا يولغا قويغان بوللسا

2.باغداش تورى زىيالىيلار ئەڭ كۆپ كېردىغان مۇنبەر ، ئۇششاق باللار يوق دېيتەرلىك ، نادىر تېمىلار كۆپرەك ،ئوبزور خاراكتېرلىك ماقاللىرى كۆپرەك ، يەنە بىر قىسىم تور يازۈغۇچىلىرىن تەكلىپ قىلىپ ئەدەبىي ئەسەرلەرنىمۇ ئوخشاش ئېلىپ ماڭسا
.......  


 ئەسسىلام : سەمىمىي تەكلىڭىزگە كۆپ رەھمەت : سىز  بىرىنچى بولۇپ ئوتتۇرغا قويغان تەكلىپنى بىز چوقۇم پات ئارىدا يولغا قويمىز ، قالغان مەسىلىلەرنى بېكەت گۇرۇپپمىز ۋە ئەزالارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن چوقۇم ئەمەلگە ئاشقۇسى !
باغداشقا باسقان قەدىمىڭىزدىن گۈل ئۈنسۇن!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

251

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35
يازما سانى: 1277
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 8342
تۆھپە : 5069
توردىكى ۋاقتى: 1843
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-9

تۆھپىكار باشقۇرغۇچى تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-19 16:58:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىندا باغداش تورىدا سودا ئۇچۇرلىرىدىن بىر نەچچىنى كۆرۈپ قالدىم .مېنىڭچە باغداش تورى ئۇچۇر مۇلازىمەت سەھىپىسى ئېچىپ قويسا ياخشىمىكىن دەيمەن .بۇرۇن مەن <قاردۈۋىنىڭ يەرلىك قوي گۆشىنى ساتىمەن> دەپ بىر تېما ئەۋەتكەن ئىدىم ،بەك جىق تېلىفۇن كەلگەن ئىدى.لېكىن مال تەمىنلۈگىچدە مەسىلە كۆرۈلگەچكە بۇ سودا ئەمەلگە ئاشماي ،خېرىدارلارنى ئارماندا قويدى .
مېنىڭچە باغداش تورى ھەقلىق ھالدا مانا مۇشۇنداق سودا ئۇچۇرلىرىنى مۇنبەر باش بېتىگە چىقارساق .لېكىن بۇ سودا ئۇچۇرلىرىغا مەلۇم ئۆلچەم بولۇنسا ،چوقۇم ئىھتىياج كۆپ،تەرەقىيات پۇرسىتى كەڭرىرەك ئۇچۇرلار بولسا .ھەم بۇ ئۇچۇرلارنىڭ مۇنبەر باش بېتىغا چىقىرىش ھەققى بەك يوقىرى بولۇپ كەتمىسە .مەسىلەن:
بىر سودا ئۇچۇرنىڭ مۇنبەردە تەستىقلىنىشى ئون يۈەن ،بەش كۈنلۈك تەۋسىيە قىلىنىشى ئوتتۇز يۈەن دىگەندەك .
بۇنى سىناپ باقسا بولىدۇ دەپ قارايمەن .

بىلگەنلەر بىلەن

25

تېما

5

دوست

7842

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3266
يازما سانى: 315
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1893
تۆھپە : 1116
توردىكى ۋاقتى: 698
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-19 17:38:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باغداش مۇنبىرىمىزگە تەكلىپ:
1.مۇنبەردىشىمىز  توخۇتۇرنىڭ پىكرىدىن شۇنى ئويلاپ قالدىم. مۇنبىرىمىز ھەر تېمىنىڭ ئاخىرىغا تېمىغا باھا بېرىدىغان بىر قانچە رامكا كۆپەيتسەك قانداق دەيسىلەر؟!
2. باغداش ئەزالىرى بىلەن باغداش باشقۇرغۇچىلىرى ئارىسىدا ئالاقە قويۇق ئەمەس دېگەن پىكىر چۈشۈپتۇ. ئەمەلىيەتتە مۇنبەر قىسقا ئۇچۇرى يوللاشمۇ بولىدىغان چارە ئىدى. بۇنىڭدا بەزى چەكلىمىلىكلەر بار دەپ ئويلىساق مۇمكىن بولسا باغداش  كىيۇ كىيۇ توپى  قۇرۇپ چىقساق قانداق دەيسىلەر؟!
3. ھەرقايسىڭلاردىن ئۆتىنىدىغىنىم، باشقۇرغۇچىلارمۇ بۇ مۇنبەرگە تۇرمۇشتىكى ئېشىنغان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ خىزمەت قىلىۋاتقان بولغاندىن كېيىن  ھەممە سەھىپە، ھەممە تېمىلارنى تەپسىلىي كۆرۈپ بولالماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا، مەسىلە بايقىساڭلار  ۋاقتىدا ئىنكاس قىلساڭلار. ۋاقتى ئۆتۈپ كۆڭۈلسىزلىك بولمىسۇن!
4. ئىلىمنىڭ  سودا ئۇچۇرى ھەققىدىكى تەكلىپىنى مەنمۇ بەرمەكچى، بۇ پىكىرگە قوشۇلىمەن.
5. ئۇزۇندىن بۇيان باشقۇرغۇچىلىق قىلىش جەريانىدا كۆڭلۈڭلارنى رەنجىتكەن تەرەپلىرىم بولسا سىلەردىن تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سورايمەن. كەڭچىلىك قىلغايسىلەر!
ھەرقانداق بىرىمىزگە قاچان پىكرىڭلار بولسا شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە قىسقا ئۇچۇردا ياكى كىيۇ كىيۇدا خەت يېزىپ قېرىنداشلارچە ئېيتساڭلار. ئاللاھ قۇل ھەققىدىن ئۆتمەيمەن دەپتىكەن. قورقۇپ قالدىم.
6. يەنە بىرى مەندىن باشلاپ ھەممەيلەن مۇشۇ ئىملاغا دىققەت قىلساق. ئانا تىلىمىزنى سۆيۈش ئەمەلىي ھەرىكەتتىن باشلىنىدۇ.
قالغىنىنى يادىمىزغا كەلگەندە يەنە بىز بولغاندىن كېيىن دېيىشىۋالارمىز.
گۈزەل قەلب گۈزەللىككە ھامىلىدار...

0

تېما

0

دوست

5603

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   12.06%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6068
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1343
تۆھپە : 803
توردىكى ۋاقتى: 289
سائەت
ئاخىرقى: 2012-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-19 17:50:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن دەيدىغاننى كۆپچىلىك دەپ بوپتىغۇ؟  مېنىڭ بىر تەكلىپىم مىسرانىمدىكىدەك ئەزالار زىيارەت سەھىپىسى ئېچىلسا قانداق بولار؟ ئۆتكۈر پىكىرلىك ،تېمىلىرى كۆزگە كۆرۈنگەن تورداشلارنى زىيارەت قىلىپ ئۇلار بىلەن تونۇشۇپ چىقساق،يا باشقىلارنى دورىمايلىمۇ يا؟

تۆرەمنىڭ باش سۈرىتى مېنىڭمۇ كۆزۈمگە سىغمايدۇ شۇ .............  

251

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35
يازما سانى: 1277
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 8342
تۆھپە : 5069
توردىكى ۋاقتى: 1843
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-9

تۆھپىكار باشقۇرغۇچى تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-19 17:52:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ خەت بېسىش سۈرئىتىم تىز بولغىنى بىلەن دائىم ئىملا خاتالىقى سادىر قىلىمەن .مۇشۇنداق چاغدا قىسقا ئۇچۇر قىلىپ خەۋەر قىلىپ قويسڭىزلار .يەنە مۇنبەردە دىيەلمىگەن بەزى گەپلەر بولسا مۇنبەر قىسقا ئۇچۇرى ئارقىلىق دىيىشسەك .ئەگەر مۇنبەر قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتىش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىشنى بىلەلمىسىڭىز مەن دەرسلىك قىلىپ ئىشلەپ قويساممۇ بولىدۇ .
يەنە بىر تەكلىپىمنى دەۋالاي مۇشۇ يەردىلا ،قېرىنداشلار تور دىگەن مەۋھۇم دۇنيا ،مەۋھۇم دۇنيانىڭ بىر ئەۋزەللىكى بىز قارشى تەرەپنىڭ مەيلى كىم بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ئۇنىڭ قاراشلىرىغا رەددىيە بىرەلەيمىز ،لېكىن مەۋھۇملۇق ئاياقلاشقاندا بۇنداق قىلالىشىمىز مۇمكىنچىلىكى تۆۋەن بولىدۇ .
يەنى مۇنبەردىكى ئازالارنىڭ كىملىكى ئاشكارىلانسا بەزىدە دوستىمىز بەزىدە قېرىندىشىمىز بەزىدە ساۋاقدىشىمىز چىقىپ قالىدىكەن .شۇڭا مۇنبەر ئەزالىرى ئەڭ ياخشىسى ،مۇنبەردىكى ئەزالارنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاشنى توختاتسا دەيمەن .بولۇپمۇ باغداش يىغىلىشلىرىدا ئۆزىنى تونۇشتۇرغاندا ئۆز ئىسمىنىلا دىسە باغداشتىكى ئىسمىنى دىمىسە ..بۇ قارىشىمغا كۆپچىلىك قوشۇلارمىكىن؟

4

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   20.36%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  383
يازما سانى: 853
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4095
تۆھپە : 2771
توردىكى ۋاقتى: 904
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-4

تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-19 20:49:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەردىكى ئەزالارنىڭ كىملىكى ئاشكارىلانسا بەزىدە دوستىمىز بەزىدە قېرىندىشىمىز بەزىدە ساۋاقدىشىمىز چىقىپ قالىدىكەن .شۇڭا مۇنبەر ئەزالىرى ئەڭ ياخشىسى ،مۇنبەردىكى ئەزالارنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاشنى توختاتسا دەيمەن .بولۇپمۇ باغداش يىغىلىشلىرىدا ئۆزىنى تونۇشتۇرغاندا ئۆز ئىسمىنىلا دىسە باغداشتىكى ئىسمىنى دىمىسە ..

ئىلىم ئەپەندىمنىڭ يوقىرقى تەكلىپى  بەكمۇ ئورۇنلۇق بولدى . مېنىڭچە  كېيىنكى باغداش تور تەرەققىيىاتىنىڭ تېخىمۇ ئەتراپلىق ، ئازادە بولىشى ئۈچۈن ، مۇنبەردىكى ئىسىمىمىز پەقەت مۇنبەردىلا ئاتالغىنى ياخشى .
پوزىتسىيە __ ھەممىنى بەلگىلەيدۇ .

29

تېما

3

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   48.42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3149
يازما سانى: 1228
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7066
تۆھپە : 4197
توردىكى ۋاقتى: 563
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-19 23:22:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 27قەۋەتتىكى alnurدە2012-03-19 12:13يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :

جېنىم ئۇكام، بەزىدە مۇنبەرگە قاراپ ئىچىم پۇشۇپ كېتىدۇ ئەمەسمۇ............ لېكىن بۇ ئاھۇ زارغا كىرمەيدۇ جۇمۇ!
ئاھۇ زارلار توللاپ كېتىپ خەق باغداشنى دەرت تۆكىدىغان مۇنبەركەن دەپ زېرىكىپ قالمىسۇن ئەمدى؟

قانداق دېگەنلىرىم ئورۇنسىز ئەمەستۇ؟  

مۇنداقلا دەپ قويدۇم ، دىگەنلىرنىڭ ھەممىسى مۇنبەردە مەۋجۈت ئىشلار
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )