- تىزىملاتقان
- 2011-6-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 14281
- نادىر
- 0
- يازما
- 584
ئۆسۈش
10.7%
|
ئىنتېرنېت تورى ھەر خىل ساھەلەر بويىچە بىلىم بېرىدىغان،سودا پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان،دۇنيا يېڭىلىقلىرى بىلەن تەمىن ئېتىدىغان،خەلق ئاممىسىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى دېيىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان،چىنلىق دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقۇرى بولغان بىر ئاخبارات تۈرى.بۇنى تەرەققى قىلدۇرۇش،خەلققە ھەقىقى نەپ يەتكۈزىدىغان ھالغا كەلتۈرۈش ئاسان ئەمەس.بۇنىڭ ئۈچۈن يۇقۇرى تېخنىكىلىق ئېقتىدارغا،يۇقۇرى باشقۇرۇش سەۋىيىسىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
باغداش تورى ،باغداش مۇنبىرى ھازىر ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى ئالدىنقى قاتاردا كېتىۋاتقان مۇنبەرلەرنىڭ بىرى،مۇنبەرنى تەرەققى قىلدۇرۇش،خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان سورۇنغا ئايلاندۇرۇش ھەر بىرىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى دەپ قارايمەن.شۇڭا مەن تۆۋەندە مەن ھېس قىلغان بەزى قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقاي،توغرا دەپ قارالسا ئويلىشىپ بېقىشىمىزنى ئۈمىت قىلىمەن.
1.مۇنبەردە تورداشلار بەزى ۋاقىتلاردا ئورۇنسىز ئىشلار ئۈچۈن بىر-بىرى بىلەن پۇت تېپىشىپ قالىدىغان ئىشلار بار،بىر مەسىلىگە ھەر بىر كىشىنىڭ كۆز-قارىشى،پىكىر قىلىش ئۇسۇلى ئوخشاش ئەمەس،باشقىلارنى ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئۇنىڭ پىكرىنىڭ خاتا دەپ قارىغان يېرىمىز بولسا ئىلمى نۇقتىدىن پىكىر قىلساق،ھەرگىزمۇ شەخسى پىكىر ھوقۇقىغا دەخلى قىلمىساق،ئىناق،ئىتتىپاق بولۇپ مۇنبەرنى تەرەققى قىلدۇرساق.
2.مۇنبەر مۇئەييەن بىلىم-سەۋىيىگە،مۇئەييەن باشقۇرۇش سەنئىتىگە ئېگە باشقۇرغۇچى بولغاندا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ،مۇنبەر مۇھىتىنىڭ ياخشىلىنىشنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.باشقۇرغۇچىلار مۇنبەر تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزىنى تۇتىۋېلىشنى بىلىشى، باشقىلارغا ئۈلگە بولىشى كېرەك،ئۆز خائىشىنى مۇنبەر ئىشتىراكچىلىغا مەجبۇرى تېڭىپ،سەن قانچىلىكتىڭ ئۇنداق دەيدىغانغا دېگەندەك سۆز ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سەپمەسلىكى كېرەك.ھەتتا،پىكىر ئىختىلاپى كۆرۈلگەندە ئۇنى ھەل قىلىشقا ماھىر بولىشى،ھەرگىز ئۆزى باشلامچى بولۇپ مۇنبەر كەيپىياتىنى بۇزماسلىقى كېرەك.
3.ھەرقايسى مۇنبەرداشلارنىڭ مۇنبەردە ئۆزى تىكلىگەن مەلۇم ئورنى بار،ياخشى نامغا ئېرىشمەك بەك تەس،ئەمما ناچار نامغا قالماق بەك ئاسان.مۇنبەرداشلارنىڭ قوللانغان ئىسمى ياكى ئىشلەتكەن باش سۈرىتى بەزىلەرنىڭ كۆزىگە سىغمايدىغان ياكى ھەسەت قىلىدىغان ئىشلانىمۇ يوق دېگىلى بولمايدۇ،بۇنداق ۋاقىتتا پىكرىمىزنى ئايرىم ئۇچۇر كۆزنىكى ئارقىلىق كۆزقارىشىمىزنى دېسەك،كوللىكتىپ سورۇندا پىكىر ئىختىلاپى پەيدا قىلمىساق،ئادەم قېنى قىزىغاندا بەزى قىلىشقا تېگىشلىك بولمىغان سۆزلەرنى ئاچچىقىدا قىلىپ سېلىپ شۇ كىشىنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يېتىدىغان ئىش بولمىسا.
يۇقۇرقىلار مېنىڭ شەخسىي قاراشلىرىم،ھەر بىرمىز ئۆزىمىز ئويلىغاننى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق مۇنبەر تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەمگىكىمىزنى ئايىمىساق دېگەن مەقسەتتە بۇ تەكلىپنامىنى يوللىدىم.قېنى دوستلار،مەرھەمەت.
|
|