- تىزىملاتقان
- 2016-6-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-11-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2780
- نادىر
- 0
- يازما
- 306
ئۆسۈش
26%
|
تېما ئىگىسى، شۇنى بىلىپ قويۇڭ:
نامراتلار گويا تاغدەك ئېگىزدۇر،بايلار ئويمان يەرلەردەك پەستۇر،شۇڭا پۇل پەس يەرگە بايغا ئاقىدۇ،
بايلار كەڭ ئەمگەكچى خەلق ئاممىسىنىڭ قېنىنى شوراپ،يىلىكىنى يەپ، بەدىنىنى قۇرۇتۇپ،بۇلاپ-تالاپ ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىپ بېيىپ تىقىلىپ كەتكەن!! بايلار كەمبەغەللەرگە ئېغىر زۇلۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنى تارتىۋېلىپ شەپقەتسىز ئەزگەن!!
شۇڭا ئەمگەكچى خەلق ئاممىسىنىڭ شوئار-قوشاقلىرىنى ياخشى ئۆزلەشتۈرۈڭ:
بايلارنى يوقىتىپ،
تالا-تۈزنى قولغا ئالدۇق.
باي زۇلمىنى يوقىتىپ،
يەلكىدىن تاغ ئۆرۈدۇق.
كەڭ نامرات ئەمگەكچى خەلق بايلارنىڭ قانلىق جەبىر-زۇلۇمى ئاستىدا شەپقەتسىز يانجىلىپ،ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك ئەركىنلىكىدىن ئايرىلدى! ئازادلىقنىڭ پارلاق نۇرلىرىدىن كېيىن بايلارنىڭ يەرلىرى تارتىپ ئېلىنىپ،«چىقارمامسەن يېگەنلىرىڭنى؟! ھازىر يېڭى زامان جۇمۇ؟!»دەپ دۇتتار-راۋابلار بىلەن شاد قوشاقلارنى توقۇپ ھەقىقىي كۈلدى.
راسىت، بايلارنىڭ قەسىر،مالايلىرى چۆلدەرەپ،نامراتلار شادلاندى.
نەسىرىدىن ئەپەندى بايلارنى يوقىتىپ،كەمبەغەللەرنى گۈللەندۈرۈپ خەلققە بايلارنىڭ پۇللىرىنى تارتىپ ئېلىپ ئۈلەشتۈرۈپ بەردى.
ئوخشاش بىر كەمچىلىك ناۋادا كەمبەغەلدە بولسا سىلىق نەسىھەت بىلەن ئۆزگەرتىشكە ئۈندىسە، بايلاردا بولۇپ قالسا شەپقەتسىز،ئۆتكۈر قامچىدەك تىللىرىنى ئىشقا سېلىپ،زوق-شوخ بىلەن باينىڭ ئەيىبلىرىنى قاتتىق مەسخىرە قىلىپ،ئاۋام ئالدىدا رەسۋايى ئەزەم قىلىپ،بايلارنىڭ رەزىل ماھىيىتىنى ئېچىپ،كەمبەغەللەرنىڭ دەردىگە دەرمان بولغان.
|
|