- تىزىملاتقان
- 2016-8-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-11-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 852
- نادىر
- 0
- يازما
- 80
ئۆسۈش
70.4%
|
سەيدى : كارخانىچىلارمۇ زىيالىلار قاتارىغا كىرەمدۇ ؟
ئەيدى : ئەلگە نەپ يەتكۈزسە تۈۋىگە كەلگىچە كىرىدۇ .
________________
ئەيدى : سىزنىڭچە ، باي-كەمبەغەللىكنىڭ پەرقىنى تۈپتىن تۈگەتكىلى بولامدۇ ؟
ئەيدى : ھەممە ئادەم ئىنساپ قىلسىغۇ تۈگەتكلىى بولىتى ، لېكىن بۇنداق ھالەت خۇدانى زېرىكتۈرۈپ قويىدۇ .
سەيدى : شۇنىڭغا قارىغاندا خۇدا ئىنسانلارنىڭ تىنىچ ، خاتىرجەم ، باراۋەر ياشىشىنى خالىمايدىكەن-دە ؟
ئەيدى : خالاشنىغۇ خويمۇ خالايدۇ ، لېكىن تەرەققىيات ، يۈكسىلىش توختاپ قېلىپ ، ئىنسانلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئەخلاقىنى سىناش پىلانىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىشىدىن ئەنسىرەيدۇ .
سەيدى : خۇدا ئىنسانلارنى سىناپ نىمىگە ئېرىشمەكچى ؟
ئەيدى : ئادەمگە سەجدە قىلىشقا ئەرزىيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ شەيتاننى مات قىلىش مەخسىتىگە يەتمەكچى .
_____________________
سەيدى : « سوتسىيالىزىم بىلەن كاپىتالىزىم ئوتتۇرسىدىكى كىم يېڭىش ، كىم يېڭىلىش مەسىلىسى » ھەل بولدىمۇ ؟
ئەيدى : ھەل بولدى .
سەيدى : شۇنىڭدا ، قايسىسى يەڭگەن بولدى ؟
ئەيدى : ئەتراپىمىزدا بولۇلۇۋاتقان ئىشلارغا قارىغاندا كاپىتالىزىم يەڭگەن ئوخشايدۇ .
سەيدى : ھېلىقى « كەمبەغەللىك شەرەپ » بولغان يىللاردا سوتسىيالىزىم يەڭگەن بولغىتى ؟
ئەيدى : بىر مەزگىلغۇ يەڭگەن ، لېكىن خەلقنى ئاچارچىلىقتا قويغانلىقتىن يەنە يېڭىلىپ قالدى .
سەيدى : بۇنىڭدىن كېيىن يېڭىش ئېھتىماللىقى بارمۇ ؟
ئەيدى : بۇ ئۇلارنىڭ « سىنىپىي كۆرەش »نى ئۇنتۇپ قېلىش-قالماسلىقىغا باغلىق .
سەيدى : سىزنىڭچە « سىنىپىي كۆرەش »نى يەنە بىر قېتىم قوزغىغىلى بولۇرمۇ ؟
ئەيدى : شى شۇجى باش بولمىغان بولسا ، بۇ چاغقا قوزغۇلۇپ بولاتتى .
|
|