- تىزىملاتقان
- 2014-3-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-11-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4802
- نادىر
- 4
- يازما
- 249
ئۆسۈش
93.4%
|
باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا ئەدەبىيات دەرسلىكىمىزدىكى "نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى"نى شۇنچىلىك سۆيۈپ ئوقاتتىم. ئەپەندىنىڭ يۇمۇرىستىك خاراكتىرى، ھەققانىيلىقى، نامرات سۆيەرلىكى مىنى ئۆزىگە رام قىلغان ئىدى. ئاپامغا يالۋۇرۇپ تۇرۇپ كىتابخانىدىن "نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى" دىگەن كىچىك كىتاپچىلەرنى سېتىۋىلىپ زوق-شوخ بىلەن ئوقۇپ كەتكەنلىكىم ھىلىمۇ ئىسىمدە. ئۇ كىتابلاردا يوقسۇللارنى ياقلاپ بايلار بىلەن قىلغان بەس-مۇنازىرىلىرى ھەم ئۇلارنى مات قىلغان يۇمۇرىستىك جاۋابلىرى كۆپ ئۇچراتتى. لەتىپىلىرىدە بايلار "يوغان قورساق، ئاچكۆز، پىخسىق، زالىم، شەخسىيەتچى" قىلىپ تەسۋىرلىنەتتى. بىزنىڭ سەبىيلىكىمىزدىكى "باي" تەسەۋۋۇرى ئەنە شۇ چاغدىن باشلاپ شەكىللەنگەن دىسەم خاتالاشمايتتىم. شۇ سەۋەبتىن سىنىپىمىزدىكى "باي" نىڭ بالىلىرىغا باشقىچە قارايتتۇق. گەرچە بىزنىڭ لەتىپىلەردىن ئالغان "باي" تەسەۋۋۇرلىرىمىز ئوخشاش بولسىمۇ، ئەمما سىنىپتىكى "باي" نىڭ بالىلىرىغا نىسبەتەن ئوخشىمىغان پوزىتىسيە تۇتاتتۇق. بەزىلىرىمىز "پىخسىق، ئاچكۆز"نىڭ بالىسى دەپ بوزەك قىلىپ "ھەققانىيەتچى" بولۇش يولىنى تاللىساق، بەزىلىرىمىز "ئۆھتەم، زالىم" نىڭ بالىسى دەپ قورقۇپ يىقىنلاشماسلىق، بىتەرەپ تۇرۇش مۇئامىلىسى قىلاتتۇق. ھەتتا يەنە بەزىلىرىمىزمۇ يوق ئەمەستىكى، " پىلى بولمىسىمۇ، چىشى چىقار" دەپ مەقسەتلىك يىقىنلىشاتتى. دىمەك، ئۆتمۈش زاماندا ياشاپ ئۆتكەن، قايسى مىللەتكە تەۋەلىكى ئېنىق بولمىغان بۇ سىرلىق شەخس نامىدىكى تۈرك قەۋىملىرى ئارىسىدا تا بۈگۈنگە قەدەر تارقىلىپ يۈرگەن ئۇ لەتىپىلەر ئۇزۇن تارىختىن تارتىپ بىز ئۇيغۇرلارنىڭمۇ "باي" تەسەۋۋۇرىغا ئوتىغۇچ بولۇپ كەلدى.
كىشىلەرنىڭ بايلارغا نىسبەتەن ئىجابىي ياكى سەلبىي قارىشى شۇ دەۋىرنىڭ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۇشىنى تۈرتكە قىلىدۇ. سىياسىي ئارقا كۆرۈنۇش بولسا شۇ قەۋىمنىڭ مەدەنىيەت ۋە دىن قاراشلىرىنى مەنبە قىلىدۇ. بىزدە "باي" تەسەۋۋۇرى ھىچبىر زامان تۈز سىزىق شەكىلدە داۋام ئەتمىدى ھەم ئەتمەيدۇ. خەلق ھەر دەۋىر سىياسىي ھۆكۈمرانلىقىنىڭ "باي" ئۇقۇمىغا بەرگەن تەبىرىگە مايىللىشىدۇ. ئەمما، شۇنى كىسىپ ئىيتالايمەنكى، 11-ئەسىردىن كىيىنكى تەسەۋۋۇپچىلىقنىڭ "پىرامىدا" قىياسىدىكى ئىشانلىق ئىدىيىسى كىرگەندىن تارتىپ بىزدە بايلارغا نىسبەتەن سەلبىي قاراش كۈچەيدى. " باي بولۇش" - دۇنياغا بىرىلىش، دۇنيالىقنى ئاخىرەتلىكتىن ئۈستۈن كۆرۈش دىگەن سۆزلەر بىلەن مەنىداش مەنىدە قوبۇل قىلىندى. سىياسىي ھۆكۈمرانلىقنىڭ "باي" تەبىرىگە ئاساسەن، مۇتلەق كۆپچىلىك پۇقرالار تەرىپىدىن تەركىدۇنيالىق، نامراتلىق بولسا ياشاش يولى قىلىپ تاللىۋىلىندى. بايلىق پەقەت بىر قىسىم ھوقۇقپەرەسلەر تەرىپىدىن كونترۇل قىلىندى. ھوقۇق ۋە بايلىقنىڭ ئاز سانلىقلار قولىغا مەركەزلىشىشى ئۇلارنى ئازدۇردى، ئاچكۆزلەشتۇردى. مانا بۇ سەۋەب خەلقنىڭ قەلبىدىكى "باي" تەسەۋۋۇرىنى سەلبىيلەشتۇردى. بىزدە بايلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ئېقىپ يۈرگەن ماقال-تەمسىللەر خىلى بار، مەسىلەن : پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ، پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ. گاچا بولسىمۇ باينىڭ بالىسى سۆزلىسۇن. باينىڭ مىلى- كەمبەغەلنىڭ كۆز يېشى. بايغا كۈندە بايرام كۈندە توي، كەمبەغەلگە كۈندە قايغۇ كۈندە ئوي. سۇ سايغا ئاقىدۇ، پۇل بايغا. باي بىلەن دەۋالاشما، باتۇر بىلەن چېلىشما... دىگەندەك بايلارغا نىسبەتەن سەلبىي قاراشتىكى ماقال-تەمسىللەر نۇرغۇن. ئەمماكى، شۇ دەۋىرلەردە بايلار سىپىدىن ئورۇن ئالغان نى دۇرۇست نىيەتلىك ھەقىقىي بايلىرىمىز ھەم ياشاپ ئۆتكەن. ئۇلار خەلقنىڭ ئارمانىغا ھەم دەرمان بولۇپ ئۆتكەن، ئەلۋەتتە .
ھالا 20-ئەسىرگە كەلگەندە، ماركىس ۋە ئىنگىلىس "باي" ئۇقۇمىغا يىپيىڭى بىر ئېنىقلىما بەردى. ئۇلار ئۆز نەزەرىيىلىرىدە "باي، ئاقسۆڭەك" ئاتالغۇلىرىنىڭ ئورنىغا "بۇرژۇئا، پومشىچىك" ناملىرىنى ئىلىپ تەنقىدلىدى. بايلىقنى مۇتلەق دۆلەت كونترۇل قىلىشنى، خەلققە تەڭ باراۋەر تەقسىم قىلىشنى سوتسىيالىستىك ھاكىمىيەتنىڭ ئاساسىي مىزانى قىلىش ئىدىيىسىنى تارقاتتى. روسيە ۋە جوڭگۇدىكى بارلىق خەلقلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاپەت ھىساپلانغان " مەدەنىيەت ئىنقىلابى " دەۋرىدە سىياسىي ھۆكۈمرانلىق تەرىپىدىن خەلقنىڭ "باي" تەسەۋۋۇرى قايتىدىن يىپيىڭى شەكىلدە تىكلەندى. بۇ دەۋىردە باي بولۇش - خەلقنىڭ قىنىنى شوراش، خەلقنىڭ ھەققىنى يىيىش، خەلقنى ئېزىش دىگەن سۆزلەر بىلەن ئوخشاش مەنىدە سۇيئىستېمال قىلىندى. ئۇيغۇر بايلىرى بارلىق مۈلكىنى دۆلەتكە تاپشۇردى. بايلار كەمسىتىلدى، خەلق باي بولۇشتىن ۋاز كەچتۇرۇلدى. "قورساق توق، كىيىم پۈتۈن بولۇش" ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئىھتىياجى بولدى. 80-يىللارغا كەلگەندە، دۆلەتنىڭ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى ئۆزگەردى، "باي" ئۇقۇمىغا قايتىدىن تەبىر بىرىلدى. بۇ دەۋىردىن باشلاپ باي بولۇش - خەلقنى بىيىتىش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئۆزىنى كۈچلەندۇرۇش دىگەن مەنىلەر بىلەن شەرھلەندۇرۇلۇشكە باشلىدى. 21-ئەسىردە خەلقئارانىڭ "باي" ئۇقۇمىغا بەرگەن تەبىرى يەنە ئۆزگەردى. يەنى تۈنۈگۈن باي بولۇش -ماركىلىشىش ئىدى، بۈگۈن بولسا باي بولۇش - يەرشارىلىشىش ھىساپلاندى. پەن-تىخنىكا تەرەققىياتى ۋە سودا ئەندىزىسىنىڭ ئىزچىل يىڭىلىنىپ تۇرۇشى ئىنسانلارنىڭ "باي" تەسەۋۋۇرىنى ئۈزلۈكسىز يىڭىلاپ تۇردى. ئەمما بۇ يەنىلا مەدەنىيەت ۋە دىن مەنبەلىك سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشنى تۈرتكە قىلىشنى داۋام قىلىدۇ.
بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ "باي" تەسەۋۋۇرى غەرپ دۆلەتلىرى كۆزىدىكى "يەرشارىلىشىش"دىن تىخى يىراق. ھازىر بىز "ئۆزلىشىش"نىڭ ئەڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا. تىخى يەنە جوڭگۇلاشمىدۇق، ماركىلاشمىدۇق. "ئۆزلىشىش" كۆپىنچە مىللىي ھىسياتنى مەنبە قىلىپ تەرەققىي قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، "ئۆزلىشىش" باسقۇچىدىكى كارخانىلار ئۆزلىرىنى مىللەتنىڭ ۋەكىلى ياكى ئوبرازى دەپ بىلىۋالغاچقا، مىللىي ھىسياتتىن داۋاملىق پايدىلىنىدۇ. "ئۆزلىشىش" باسقۇچىدىن ھالقىغاندىن كىيىن، مىللىي ھىسياتقا ئىھتىياج قالمايدۇ. ئەمما بۇ باسقۇچتىن ھالقىماق ئىنتايىن تەس. بىزنىڭ تەرەققىياتىمىزنى كىشەنلەپ تۇرغان نۇرغۇن سەۋەب بار، ئەڭ چوڭ سەۋەب يەنە ئۆزىمىز. بىز يىراق ۋە يىقىن ئۆتمۈشتىكى "باي" تەسەۋۋۇرلىرىمىزدىن تىخى ئۈزۈل-كېسىل قول ئۈزمىدۇق. خۇددى نەچچە مىڭ يىل بۇرۇنقى شاما دىنىدىكى بەزى ئادەتلەرنى بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر يۈدۈپ يۈرگەنگە ئوخشاش بۇرۇنقى سەلبىي "باي" تەسەۋۋۇر پايتىمىلىرىنى سۆرەپ يۈردۇق. بايلارغا بولغان قارىشىمىزنى تىخى ئىلمىيلاشتۇرالمىدۇق. شۇ سەۋەب بايلىققا نىسبەتەن توغرا پوزىتسىيە تۇتالماستىن قىممەت قارىشىمىزنى بۇزدۇق. بەزىلىرىمىز ئۆزىمىزدە مەۋجۇت ئىلغار قىممەت قاراش ئورنىغا، سىرتنىڭ چاكىنا "بايلىق" قارىشىنى دەسستەتتۇق. ھەتتا، ئۇنى ئىلغارلىق دەپ ماختاندۇق. ئەمما، ئاللاھقا مىڭ شۈكرىكى، ئەجداتتىن ئۈدۈم قالغان بىزدىكى تىجارەتكە ھىرىس / تىجارەتكە ماھىر ئىرسىيەت بۈگۈنكى "ئۆزلىشىش" باسقۇچىگىچە كىلەلىشىمىزدىكى مۇھىم بىر سەۋەب بولدى.
بىزنىڭ كاللىمىزدا شۇ نۇقتا ئايدىڭ بولۇشى كىرەك، دۇنيادا ئىنسانىيەت ئۇنۇتمايدىغان، ئۇزۇن زامان خاتىرىلەپ ئەسلەيدىغان كىشىلەر بولسا پەيغەمبەرلەر، مۇتەپەككۇرلەر، پەيلاسۇپلار ھەم ئادىل ھۆكۈمرانلاردۇر. لىكىن، بۇ كىشىلەر بىر مىللەت ئىچىدىن يا نەچچە يۈز يىلدا بىر، ۋە ھەتتا نەچچە مىڭ يىلدا بىر چىقىدۇ. بۇنداق كىشىلەرنى تەربىيلەش ئۈچۈن داۋاملىق زېھىن ئاجىرتىش بىر مىللەتتىن تەلەپ قىلىنمايدۇ. بىراق، بۈگۈنكى كۈننىڭ شەرتلىرى ئاستىدا، مەلۇم مىللەت، مەلۇم دۆلەتنىڭ ھەر ئاي، ھەر يىل ئىزچىل تەرەققىي قىلىشىدا ھەم كۈچلىنىشىدە، شۇ مىللەت، شۇ دۆلەت ئەڭ ئىھتىياجلىق كىشىلەر -كارخانىچىلاردۇر، جۈملىدىن بايلاردۇر. بايلار قوشۇنى خىل ھەم كۈچلۈك بولغان مىللەت ياكى دۆلەتنىڭ دۇنيادا تۇتقان ئورنى كۈچلۈك بولىدۇ. ھازىر قىلغان گىپىنىڭ توغرىلىقى ئەمەس، قىلغان گىپىنىڭ پۇللۇقلىقى بەكرەك دىققەت تارتىدۇ. بىز مەۋجۇتلىقىمىزنى دۇنياغا ھىس قىلدۇرىمىز دەيدىكەنمىز بايلار توپىنى كىڭەيتىشىمىز، خىللاندۇرىشىمىز كىرەك. بۇنىڭدىن باشقا بەك چوڭ ئۈمىدلىك يول يوق. بىر دوكتۇر مەلۇم تەتقىقات ئورنىدا مائاش ئىلىپ مەلۇم بىر تۈردە پۈتۈن ئۆمرىنى سەرپ قىلىۋىتىشى مۇمكىن. بىراق، بىر كارخانىچى ۋاقتى كەلسە نەچچە يۈز دوكتۇرغا مائاش بىرىپ نەچچە مىڭ تۈرنى تەتقىق قىلالىشى مۇمكىن. بىزدە ئاتا-ئانىلار ئىدىيىسىنى ئازاد قىلىشى، بالىلىرى ئۈچۈن مەمۇرلۇقنى بىردىنبىر "جان ساقلاش" مەنبەسى قىلىۋىلىپ، پەرزەنتىنىڭ ھايات بىغىنى بىر ئۆمۈر شۇنىڭ بىلەن تىمىتىپ سۇغۇرماسلىقى كىرەك. چۈنكى بۇ تۆمۈر تاۋاقنىڭ چېقىلىدىغانلىقى يىقىن كەلگۈسىدە يۈز بىرىدۇ. شەخسىي كارخانىلار بىلەن ئارىسىدىكى پەرقنى كىچىكلەتكەنلىكى ئۆزىلا بىر شەپە. پەرزەنتلەرنى ئىگىلىك تىكلەشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، يىقىلىشتىن قورقمايدىغان قىلىپ تەربىيلەش نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئاتا-ئانىلاردىن تەلەپ قىلىنماقتا ھەم ئاتا-ئانىلار شۇنىڭغا مەجبۇر. تەۋەككۈلچىلىكتىن قورقمىغان كىشى ھامان يىڭىدۇ، ئۇتۇق قازىنىدۇ. دۇنيا ۋەزىيىتى يىڭى-يىڭى "باي" ئۇقۇمى ئىنىقلىمىلارنى دۇنياغا سۇنىۋاتىدۇ. سىزمۇ "باي" تەسەۋۋۇرىڭىزنى فورماتلىۋىلىڭ !
|
|