- تىزىملاتقان
- 2015-8-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-11-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8178
- نادىر
- 0
- يازما
- 888
ئۆسۈش
100%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ablimit007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-10-30 12:37
بايلارغا ھەۋەس قىلىپ كېتىشنىڭ ھېچقانچە ئەھمىيىتى يوق، باي بولۇشقا كۈچەپ، تىرىشىپ ئىشلەپ ئۆزىمىزنىڭ كەسپىدىن مۇۋاپىقىيەت قازانساق بولىدۇ، لېكىن نامرات تۇرۇپ باي قاتارىدا ياشاش ئادەمنى قاتتىق قىيناپ قويىدۇ. جەمئىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەر باشقىلار مېنى باي دېسۇن دەپ ئىلغار ماشىنا ھەيدەپ، پوزۇر كىيىنىپ يۈرۈيدۇ، لېكىن، بىراق، ئەمما ئۇلارنىڭ تارتقان دەردىنى ئۆزى بىلىدۇ. مەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۈچ ۋاقلىقىغا قۇرۇق نان يەپ گاللىرىنى نان غاجىۋەتكەنلىكىنى بىلىمەن، ئەمما ئۇلار ‹‹ئاتتىن چۈشسىمۇ ئۈزەڭگىدىن چۈشمەپتۇ›› دېگەن ماقال-تەمسىلدەك ياشايدۇ، يېيىشى قۇرۇق نان، قۇرۇق نان ئۇلارنىڭ گاللىرىدىن خۇددى ئوتنىڭ قوقاسلىرى ماڭغاندەك غاجىلاپ ماڭىدۇ، جېنى شۇنداق قىينالسىمۇ يەنىلا چىداپ باي قىياپەتتە ياشايدۇ، ئاقىۋەتتە ئۇلار يالغانچىلىققا ئورىنىۋالغانلىقى تۈپەيلىدىن قاتتىق چارچاش ھېس قىلىپ سالامەتلىكىدىن ئېغىر دەرىجىدە چاتاق چىقىدۇ. بايلار پۇل تاپقاندىكىن پۇلىنىڭ ئىشلىتىدىغان قىسمىنى جايى-جايىدا ئىشلىتىپ يېتىم-يېسىرلارغا، مائارىپقا، داۋالىنىشقا پۇلى يوق كىشىلەرگە ياردەم قىلسا ئەلۋەتتە ئۇلارنى ھەممە ئادەم ېېشىغا ئېلىپ كۆتۈرىدۇ، بۇنداق بايلار مىللەتنىڭ ئىپتىخارلىرىدۇر، بىزگە پارىخور بايلار، زومىگەر بايلار، ئاقچى بايلار، جىنايەتچى بايلار، ئوغرىلىق قىلىپ بېيىپ كەتكەن بايلار لازىم ئەمەس، بۇنداق كىشىلەرنى ئادەم قاتارىغا تىزىشقىمۇ ئەرزىمەيدۇ، بايلارنىڭ ھەممىسىنى قارىقۇيۇق ماختاشقا بولمايدۇ. مەن ئەزەلدىن بايلارغا ھەۋەس قىلىپ باقمىدىم، كىشىلەر كوچىدا لەمبورجىنى، تۇلپار، فېررارى، بېنىز، تويوتا، خوندا، خەمىر، پورسچى ھەيدەمدۇ ياكى 95-يىلىنىڭ شىيالى ماشىنىسىنى ھەيدەمدۇ ۋە ياكى ئىتالىيەنىڭ خۇرۇم ئايىغىنى، شېۋىتسارىيەنىڭ سائىتىنى، فرانسىيەنىڭ كاستۇم-بۇرۇلكىلىرىنى ۋە ئەتىرلىرىنى چاچامدۇ بۇ مەن دىققەت قىلىدىغان نۇقتا ئەمەس، مەن پەقەت كىشىلەرنىڭ بىلىمىغا، ئەخلاقىغا، جەمئىيەتتىكى قىلغان ياخشى ئىشلىرىغا، مائارىپقا تۆھپە قوشقان نەتىجىلىرىگە، قانۇنغا تۇتقان پوزىتسىيەسىگە، جەمئىيەتتىكى ناھەقچىلىققا ياكى ئادىللىققا دىققەت قىلىمەن. پۇلنى تېپىپ باي بولۇش كېرەك، لېكىن ئەڭ مۇھىمى شۇ تاپقان بايلىقلارنى نېمىگە سەرپ قىلدىڭ بۇ ناھايىتى مۇھىم مەسىلىدۇر، لېكىن پۇلنى دەپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ. پاكىز يەردىن كەلمىگەن بايلىق ئىنساننى خار-زەبۇنلىققا باشلايدۇ!!! شوخ! شوخ-شوخ!! راس! |
|