بوۋاينىڭ كونا پايپىقى (ھېكايەت)
فازىل قارىينىڭ بىر قېتىملىق تەبلىغىدىن ئاڭلىغانلىرىمغا ئاساسەن ئۆزلەشتۈرىلدى.
بۇرۇن بىر سودىگەر ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ ياش ۋاقىتلىرىدا كۈن بويى سودا بىلەن بولۇپ ئۆيىدە ئولتۇرماس ئىكەن. ياشىنىپ، پۇت- قولىدا ماغدۇر قالمىغىنىدا ئۇنىڭ ئوغلى ئۇنىڭ كەبى ئۆيدە ئولتۇرمايدىغان سودىگەرلەردىن بولۇپتۇ. بىر كۈنى ئۇ كىشى ئوغلىغا :«جان بالام،كۆزۈمنىڭ نۇرى، پۇت-قولۇمدىن ماغدۇر كەتتى، بىر كۈن يېنىمدا ئولتۇر، بازارغا چىقمىغىن! قارا، مۇشۇ ئايۋان سارايلارنى ئەينى چاغدا دادامنى ياتقۇزۇپ قويۇپ يۈگۈرۈپ يۈرۈپ پۇل تېپىپ سالغان ئىدىم. مانا ساڭا قەسىر-ئىمارەت سېلىپ بەردىم. تاپقان مال دۇنيايىم نەۋرەمگىچە يېتىدۇ. بىر پەس ئالدىمدا ئولتۇر جان بالام، ساڭا ئىككى ئېغىز گېپىم بار. بىرىنچى ۋەسىيىتىم مۇشۇ پۇتۇمدىكى كونا پايپاققا كۆنۈپ قالدىم، مەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن مېنى مۇشۇ پايپىقىمنى كىيگەن پېتىم يەرلىككە قويۇڭلار! ئىككىنچىسىنى مۇشۇ ۋاراقچىگە يېزىپ قويدۇم مېنى يەرلىكىمگە قويۇپ بولغاندىن كېيىن ئېچىپ كۆرگىن.» دەپ ۋەسىيەت قىلىپتۇ. ئاتا ئوغلىغا شۇ گەپلىرىنى ئېيتىپ بولۇپ ئەتىسى ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. ئوغۇل مېيىتنى يۇيىدىغانلارغا :«ئاتام ۋەسىيەت قىلغان، پايپاقنى سالدۇرماڭلار» دەپتۇ. ئۇلار ئوغۇلغا :«پايپاقنى يەشمىسە سۇ بىلەن يۇيغىلى بولمايدۇ، بۇ شەرىئەتتە يوق» دەپتۇ. ئوغۇل ئۇلارغا :« ئاتام شۇنداق ئېيتقان...» دەپتۇ. ئۇلار ئوغۇلغا :« ئاتاڭ جان سەكراتتا ئېيتقان گەپلەر ئۇ، بۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ، ئەگەر ئۇنىمىساڭ ئۆزۈڭ يۇيۇپ، كىپەنلەپ يەرلىكىگە قوي، بىز كىتىپ قالايلى...» دېيىشكەندىلا ئوغۇل چارىسىز قېلىپ ماقۇل بولۇپتۇ. ئۇ كىشى شەرىئەت بويىچە يۇيۇپ، كىپەنلىنىپ يەرلىكىگە قويۇلۇپتۇ. مېيىت نامىزىدىن كېيىن ئوغۇل ئاتىسىنىڭ ئىككىنچى ۋەسىىيىتى يېزىلغان ۋاراقچىنى ئېچىپ ئوقۇپتۇ. خەتتە مۇنۇلار يېزىلغان ئىدى :« كۆردۈڭمۇ بالام، راسا مال دۇنيا تاپتىم. ئاقىۋەتتە بىر ئەسكى پايپاقنى ھەم ئۆزۈم بىلەن ئېلىپ كىتەلمىدىم. مۇشۇنىڭغا قاراپ مېھىرلىك بولغىن، ئادىمىزاتنىڭ ئاقىۋىتىنى ئېسىڭدىن چىقارما. مەنمۇ ئىلگىرى پۇل تاپىمەن دەپ دادامنى تاشلاپ قويۇپ كېتىۋىرەتتىم، يۈگىرەۋىرەتتىم. مىڭ ئەپسۇسكى، دادامنىڭ ئالدىدا بىر ئاز بولسىمۇ ئولتۇرغان بولسام...».
بۇ ھېكايەتتە ھەر بىرىمىزگە بىر ئىبرەت باردۇر. قېنى قېرىندىشىم تەپەككۇر قىلىپ بېقىڭ! ئاللاھ سىزگە ئاتا قىلغان بىر كۈندىكى 24 سائەتنىڭ بىر قىسىمىنى سەرپ قىلىپ قۇللۇق بۇرچىڭىزنى ئادا قىلدىڭىزمۇ؟ ئاتا-ئانىڭىزنى رازى قىلدىڭىزمۇ؟ ئۇلارغا دۇئا قىلدىڭىزمۇ؟ ئاللاھ سىزگە ئاتا قىلغان نىئمەتتىن بىر قىسىمىنى ياخشى ئىشلارغا سەرپ قىلدىڭىزمۇ؟ بىر كۈنى ئۆزىڭىزنىڭمۇ بىر دانە سېسىق پايپىقىنى ئېلىپ كىتىشكىمۇ قادىر بولالمىغان بوۋاينڭ كۈنىنى باشتىن كەچۈرگۈچى بەندە ئىكەنلىكىڭىزنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟............... قالغىنى ھەر بىرىمىزنىڭ ئىمانىغا ئامانەت قالدى.
نەچچە كۈن ئىلگىرى مەن بىلەن قۇرداش بىرىنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ قاتتىق قورقۇپ كەتتىم. ئۇ تېخى ئەمدىلا 24 ياشقا كىرگەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان بىرى ئىدى. كىم ئويلىغان دەيسىز؟! توغرا، ئۆلۈم قېرىغىمۇ، ياشقىمۇ بار. ھەر بىر جان ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغىچىدۇر. ئىبرەت ئالايلى قېرىنداشلار! ئىمانىمىزنى تېپىۋالايلى قېرىنداشلار! بىز بىلەن بىرگە كېتىدىغىنى مال دۇنيا ئەمەس ياخشى ئەمەل ئىكەنلىكىنى دىلىمىز بىلەن، چوڭقۇر تونۇپ يېتەيلى! ئاللاھ ھەممىمىزنى ئۆز ھىدايىتىدىن ئايرىمىسۇن! ئامىن!
|