لائىلاھە ئىللەللاھ
سىزنى بىزنى ياراتقان،
بۇلبۇل قىلىپ سايراتقان.
يەككە- يىگانە ئاللاھ،
لائىلاھە ئىللەللاھ . . بىزگە قۇرئاننى بەرگەن،
قايماقۇ ناننى بەرگەن.
مېھرىبانىمىز ئاللاھ،
لائىلاھە ئىللەللاھ . . كىم ئوقۇسا قۇرئاننى،
سۆزلىمىسە يالغاننى.
ياخشى كۆرىدۇ ئاللاھ،
لائىلاھە ئىللەللاھ . . قولدا قۇرئانىمىز بار،
دىلدا ئىمانىمىز بار.
بىزنى ئاسرايدۇ ئاللاھ،
لائىلاھە ئىللەللاھ . . بالىلار قېنى كېلىڭ،
قۇرئاننى يادلاپ ئېلىڭ.
قاچان قۇرئان ئوقۇلسا،
ئولتۇرۇپ قۇلاق سېلىڭ. ----------------------------------- گەر سورىساڭ . گەر سورۇساڭ خۇدانى ،
ئۇ كۆيۈمچان رەھماندۇر.
كائىناتنى رەھمە قىپ،
توغرا يولغا سالغاندۇر . . گەر سورىساڭ پەيغەمبەر،
ئۇ بىر بۈيۈك ئىنساندۇر .
ئۇ دۇنيانى ھەم دىننى ،
كامىل قىلىپ يانغاندۇر. . گەر سورىساڭ كىتابىم ،
ئۇ تەڭداشسز قۇرئاندۇر.
ئىككى ئالەم دەستۇرى،
بىز گە مىراس بولغاندۇر. . گەر سورىساڭ دۈشمىنىم،
ئۇ لەنىتى شەيتاندۇر .
كۇپرى ئۈچۈن جاكاچى،
ئازغۇنلارغا سۇلتاندۇر . . دىينىمىز بەخىت ئۇلى،
يولى ئاسان راۋاندۇر .
ئۆچۈرىدۇ كۇپرىنى ،
مۇئمىن ئۇندا ئاماندۇر. .................................................. مۇسۇلمانمىز . گۈزەل ئىسلام دىن بىزگە،
ئوخشار يورۇق كۈندۈزگە.
بۇدىن دەيدۇ توغرا بول،
بۇ دىن دەيدۇ پاكىز بول. بۇ دىندىن يەنە گۈزەل،
بارمىدۇ باشقا بىر يول. .
پەيغەمبىرىم مۇھەممەد (س.ئە.ۋ(،
ئىككى دۇنيا قۇياشى.
پەيغەمبەرلەر ئىچىدە،
يوقتۇر ئۇنىڭ تەڭدىشى. .
كىتابىمىزدۇر قۇرئان،
ئوقۇيمىز ئۇنى ھەرئان.
كۆپ شۈكۈرلەر ئاللاھقا،
مۇسۇلمانمىز، مۇسۇلمان. ...................................................... ﯻﺴﻼﻣﺪﯨﻜﻰ ﯪﻳﻼﺭ ، ﯻﺴﻼﻣﻰ ﻛﺎﻟﯩﻨﺪﺍﺭﺩﺍ
ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ-ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﯪﻳﻼﺭ ﺑﺎﺭ؟
ﮔﻪﺭ ﺑﯩﻠﻤﯩﺴﻪﯓ ﻛﻪﻝ ﯪﺩﺍﺵ
ﯸﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﻩﻱ ﻗﯘﻻﻕ ﺳﺎﻝ. . ﻣﯘﻫﻪﺭﺭﻩﻣﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﺎﺭ
ﯬﺭﺍﻓﺎﺕ ﺑﺎﺭ ﺑﯘ ﯪﻳﺪﺍ
ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﺴﺎﯓ ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ
ﻗﺎﻟﻘﺎﻧﺪﯗﺭ ﮔﯘﻧﺎﻫﻼﺭﻏﺎ. . ﻣﯘﻫﻪﺭﺭﻩﻣﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻨﻼ
ﻛﻪﭘﻘﺎﭘﺘﯘ ﻣﺎﻧﺎ ﺳﻪﻓﻪﺭ
ﯪﻧﺪﯨﻦ ﯻﻜﻜﻰ ﻗﻮﺷﻤﺎﻕ ﯪﻱ
ﺭﺍﺑﺒﯩﯱﻝ ﯬﯞﯞﻩﻝ-ﯪﺧﯩﺮ . . ﯪﺭﻗﯩﺪﯨﻨﻼ ﻛﻪﻟﮕﯩﻨﻰ
ﺟﯘﻣﻪﺩﯨﻴﻪﻝ ﯬﯞﯞﻩﻟﺪﯗﺭ
ﻧﯚﯞﻩﺕ ﻛﯜﺗﯜﭖ ﺗﯘﺭﻏﯩﻨﻰ
ﺟﯘﻣﻪﺩﯨﻴﻪﻝ ﯪﺧﯩﺮﺩﯗﺭ. . ﯬﺟﻪﭖ ﺗﯩﺰﻻ ﻛﻪﭘﻘﺎﭘﺘﯘ
ﻳﻪﺗﺘﯩﻨﭽﻰ ﯪﻱ ﺭﻩﺟﻪﺑﻤﯘ
ﺷﻪﺋﺒﺎﻥ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻞ
ﺭﺍﻣﯩﺰﺍﻧﻐﺎ ﯪﺯ ﻗﺎﭘﺘﯘ. . ﻛﻪﻟﺪﻯ ﯰﻟﯘﻍ ﺭﺍﻣﯩﺰﺍﻥ
ﯬﯓ ﺷﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻚ ﯸﺴﯩﻞ ﯪﻱ
ﻳﺎﺧﺸﻰ ﯻﺸﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ
ﯪﻟﻼﻫ ﺭﻩﺯﺍﺳﯩﻨﻰ ﯪﻝ. . ﺯﻩﭖ ﺗﯩﺰﻻ ﺗﯜﮔﻪﭖ ﻛﯩﺘﯩﭗ
ﻧﯚﯞﻩﺕ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺷﻪﯞﯞﺍﻟﻐﺎ
ﯪﻟﺘﻪ ﻛﯜﻥ ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﺴﺎﯓ
ﺗﻪﯓ ﺑﯩﺮ ﯲﻣﯜﺭ ﺗﯘﺗﻘﺎﻧﻐﺎ. . ﻣﺎﻧﺎ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺯﯗﻟﻘﻪﺋﺪﻩ
ﯪﺭﻗﯩﺪﯨﻨﻼ ﺯﯗﻟﻬﻪﺟﺠﻪ
ﺑﯘ ﯪﻳﻨﯩﻤﯘ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺗﻘﯩﻦ
ﯪﻟﻼﻫ ﺑﯧﺮﻩﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﻪ. . ﺗﯜﮔﻪﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﯪﻳﻼﺭﻣﯘ
ﺗﯜﮔﯩﻤﯩﺪﻯ ﯲﻣﺮﯨﻤﯩﺰ
ﺳﺎﯞﺍﺏ ﯻﺸﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ
ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﻤﯩﺰ. .
ھەج قىلىمەن بىر كۈنى ھەجدىن كەپتۇ دەپ ئاڭلاپ،
يوقلاپ كەلدۇق بوۋامنى.
ھەممە ئېيتىپ «مۇبارەك»، .
تەبرىكلىدۇق مومامنى. دادام دېدى: ھەج دېگەن-،
ئىسلامنىڭ چوڭ پەرزىدۇر.
ئادا قىلىش چىن دىلدىن، .
ھەرمۇسۇلمان قەرزىدۇر. ئانام دېدى: ھەج بىلەن،
يۇيۇلاركەن گۇناھلار.
پاكلىناركەن پاك- پاكىز،
گۇناھكارلار، گۇمراھلار. بوۋام دېدى: ھەج ئۈچۈن،
تاۋاپ قىپتۇ كەئبىنى.
قىپتۇ ھەمدە زىيارەت،
مەدىنىنى، مەككىنى. مەنمۇ ئاللاھ خالىسا،
ھەج قىلىمەن بىر كۈنى.
«قارىھاجىم» بولىمەن،
ياخشى ئوقۇپ كەلگۈسى. |