قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2186|ئىنكاس: 5

مەرھۇم ئالىم، تىلشۇنىسىمىز ئابدۇرىھىم ئۆتكۈرنىڭ<< دېڭىزدىن سادا>> ناملىق نەسىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

0

دوست

143

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   47.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1540
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 144
تۆھپە : 82
توردىكى ۋاقتى: 38
سائەت
ئاخىرقى: 2012-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 17:10:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
 
مەرھۇم ئالىم، تىلشۇنىسىمىز ئابدۇرىھىم ئۆتكۈرنىڭ<< دېڭىزدىن
سادا>> ناملىق نەسىرى




[align=justify]      قاپقاراڭغۇ بىر كېچە... چەكسىز كەتكەن كۆپكۆك بىر دېڭىز... ئۇ، قاراڭغۇ كېچىنىڭ سۈرى بىلەن گويا قارا بولۇپ كۆرۈنەر ، دەھشەت بىلەن دولقۇنلىنار ، قويۇق كۆپۈكلەر چاچرىتار.  
  ئەنە ئۇنىڭ تېشىپ چىققان جۇشقۇن سادالىرى... 
  ئەنە ئۇ دېڭىز بويىدا ئاسمان بىلەن قۇچاقلاشقان تىك تاغ. ئۇنىڭ قىلىچ كەبى ئۆتكۈر تاشلىرى دولقۇنلۇق دېڭىزغا غەلىتە بىر تۈستە باقار، ئۇنىڭدىن بىر نەپەس كۆزىنى ئالماس، ھامان قاراپ تۇرار، ھامان ئىنتىلۇر. ئەنە شۇ تاغنىڭ يان باغرىدا ئاللىقانداق خىيالغا چۆمگەن بىر شائىر. ئۇ سۆز باشلاپ ، گويا دېڭىزغا ئەرز ئېيتار ، ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئاپئاق كۆپۈكلەر قاينار ...
  -ئەي دېڭىز ، نېچۈن مۇنچە دولقۇنلىنارسەن؟ توختا بىردەم ، مېنىڭ سوئاللىرىمغا جاۋاب بەر :
  نېچۈن ئۇزاق چاغلاردىن بېرى بىزگە كۈن نۇرى تەگمەس؟ نېچۈن ئاسمىنىمىز  ھامان تۇمانلىق ، ھامان بۇلۇتلۇق ، ھامان تۇتۇق؟ بىر كۈنمۇ ئوچۇق بولغىنى يوق، بىر كۈنمۇ ! ھامان بىزگە تۈن ! ئۆمۈر لاي سۇ كەبى ئېقىپ كەتمەكتە. ھەر چاغ، ھەر زامان كۆڭلىمىز سۇنۇق...
  يىللار ، ئەسىرلەر شۇنداق ئۆتتى. ھەر يىل ، ھەر ئەسىر بىزنى قاقشىتىپ ، بەك كۆپ غەنىيمەتلەرنى ئېلىپ كەتتى ، ئۆمۈرنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ئوغىرىلاپ قاچتى، لېكىن بىزگە ھېچنىېمە بېرىپ كەتمىدى، پەقەت مۇڭ بىلەن ھەسرەت ، قايغۇ بىلەن ئەلەم ، كۆزلىرىمىزدە قۇرىماس نەم قالدۇرۇپ كەتتى، بىزگە بەرگەن سوۋغىتى شۇ بولدى...
    بىز ھەمىشە نۇرغا تەشنامىز ! بىراق، ئۇ بىزدىن جامالىنى يۇشۇردى، بىر قارا پەردە ئۇنىڭ يۈزىنى توستى، ياق، بەلكى بىزنىڭ كۆزىمىزنى توستى. شۇنداق قىلىپ ، بىز ئۇنىڭدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قالدۇق، پۈتۈنلەي... شۇنىڭ ئۈچۈن ، چىرايىمىز سارغايدى، يۈرەكتىكى قان - زەرداب سۇغا ئايلاندى.
    ئاھ، قېنى ئۇ بەخىت قۇياشى ، قېنى ئۇ نۇر ؟ قېنى ئۇ گۈزەل باھار ؟
    يوق ، بىرىمۇ يوق ، بىز ھەممىمىز مەھرۇم!
    ئەنە تەڭرىتاغ ، ئالتاي، كوئېنلۇن، پامىر تاغلىرىنىڭ ئۈستىدە ھامان شۇ قارا بۇلۇتلار ، ھامان بىر قارا پەردە ... ئىلى، تارىم، ئېرتىش ۋە باغراش سۇلىرى ئۈستىدە ھامان بىر قارا تۇمان ! قاچانغىچە شۇنداق؟ قاچان بىزگە تاڭ ئاتار ؟
   يادىڭدىدۇر بەلكىم، بىزدە بىر ئەمەس، قانچە- قانچە قېتىملاپ قاتتىق بورانلار سوقۇپ ئۆتتى، بۇ بورانلار بىلەن گويا پۈتۈن جاھان تىترەپ كەتكەنىدىغۇ! بوران سوققان بىپايان دەشىت-جاڭگاللاردا قىپقىزىل قانلار دەريا بولۇپ ئاقمىغانمىدى؟ ئىگىسىز قالغان جەڭ تۇلپارلىرى تىزگىنلىرىنى سۆرەپ، كۆككە قاراپ ھەسرەت بىلەن كىشنەشمىگەنمىدى؟ گىياھلارغا ئىلىنىپ قالغان ئادەم ئۈچەيلىرى سىم تانابنىڭ سىملىرىدەك ۋىڭىلداپ ، ئەتراپقا دەھشەت سالمىغانمىدى؟ بۇ بورانلار سوقماقتا تېخى، بەلكى يەنىمۇ سوقار...
   ئەجەبا! شۇنچە بورانلار بۇ قارا بۇلۇتلارنى نېمىشقا سۈپۈرۈپ تاشلىيالماس، نېمىشقا بۇ قارا تۈن پەردىسىنى يىرتىۋېتەلمەس،نېمىشقا؟
   قاچان بىزگە تاڭ ئاتار ؟ ئېيتقىنا ، قاچان ؟
   بىلىمەن ، بوران سوقماقتا ، بوران.
   بىراق، قورقىمەنكى، بۇ بوران توختاپ قالمىغاي دەپ، يەنە بىزگە تاڭ ئاتماي قالمىغاي دەپ.
   ئېيىتقىنا،  بىزگە تاڭ ئاتامدۇ- يوق؟ ئۇ تاڭ قاچان ئاتىدۇ؟ قاچان؟ ئۇ تاڭ قايسى تەرەپتىن يورۇپ، قايسى تەرەپتىن بەخىت تۇغار؟
   دولقۇنلۇق دېڭىزدىن جۇشقۇن بىر سادا كەلدى:
   - توختا، ئەنە، تاڭ ئاتماققا ئاز قالدى. تاڭ كۈنچىقىشتىن ئاتىدۇ، ئەمما يەنە كۆپ چېلىش بورانلىرى سوقسۇن!


                                                                           1945-يىل دېكابىر     ، لەنجۇ    
   
خارلىقتىن ئۈلۈم ئەۋزەل!

9

تېما

0

دوست

4175

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   72.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6368
يازما سانى: 234
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 770
تۆھپە : 761
توردىكى ۋاقتى: 125
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 00:22:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتاقلىق ئالىم  ،تىلشۇناسىمىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزدىكى ئورنى تولىمۇ يۇقۇرى، رەھمەت سىزگە!
ھەممە ئىشتا ئوتتۇرھال بولغان ئەڭ ياخشىدۇر.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

3

تېما

7

دوست

2773

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   25.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  240
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 444
تۆھپە : 544
توردىكى ۋاقتى: 91
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 10:54:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
 ئېيىتقىنا،  بىزگە تاڭ ئاتامدۇ- يوق؟ ئۇ تاڭ قاچان ئاتىدۇ؟ قاچان؟ ئۇ تاڭ قايسى تەرەپتىن يورۇپ، قايسى تەرەپتىن بەخىت تۇغار؟
 

for ark

36

تېما

16

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4793
يازما سانى: 1202
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 4221
تۆھپە : 3702
توردىكى ۋاقتى: 919
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 13:41:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىمىمىز ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنى ھەر ۋاقىت ياد ئېتىمىز.
بەخىتلىك كۈنلەرنىڭ كېلىدىغىنىغائىشىنىمەن.

29

تېما

0

دوست

8170

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   63.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  111
يازما سانى: 345
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1945
تۆھپە : 1172
توردىكى ۋاقتى: 419
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 12:42:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت مەرھۇم ئالىمىمىزنىڭ ياخشى ئەسىرىدىن بىرنى ئوقۇغىنىم ئۈچۈن خوشالمەن.

5

تېما

0

دوست

6219

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   24.38%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3420
يازما سانى: 253
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1275
تۆھپە : 1036
توردىكى ۋاقتى: 863
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 12:54:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم ئالىم، تىلشۇنىسىمىز ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر قەلبىمدە مەڭگۇ ھايات.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )