قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 26327|ئىنكاس: 86

قىمار قىمار قىمار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

351

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   25.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7027
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 86
تۆھپە : 48
توردىكى ۋاقتى: 32
سائەت
ئاخىرقى: 2013-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 11:21:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[align=justify][align=justify][align=justify]ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم باغداش مۇنبىرىدىكى بارلىق قېرىنداشلار كەمىنە مەيخوردىن ھەممىڭلارغا سالام بولسۇن.مەن بۈگۈن باغداش تورىغا يىڭى تىزىملاتتىم.خىلىدىن بۇيان بۇ مۇنبەرگە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن. قارىسام بۇ يەرگە يىغىلغان قېرىنداشلارنىڭ ئۈنۋېرسال بىلىمى يۇقىرى،ھەققانىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك،ئۇيۇشچان ئىكەن.ئۇلۇغ ئاللادىن تىلەيدىغىنىم باغداشلىقلارغا قېرىنداشلارچە ئوتلۇق مۇھەببەت مەڭگۈ يار بولسۇن.
      ئەلۋەتتە بۈگۈن بۇ يەرگە كىرىشىم قۇرۇق گەپ سېتىش ئۈچۈن ئەمەس.بەلكى ئىنتايىن جىددىي ھەل قىلىشقا تېگشلىك تەخىرسىز بىر ئىشنى باغداشلىق قېرىنداشلار بىلەن دەرقەمدە تۇرۇپ ھەل قىلىش ياكى شۇنىڭغا تىرىشىش ئۈچۈندۇر. خۇددى ھىلىقى چاغدىكى ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغان ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن ھەق گەپ قىلغاندەك بۈگۈنمۇ بىر ھەق گەپ قىلىشىپ باقايلى.
  بۈگۈن مېنىڭ ئۇتتۇرىغا قويماقچى بولغان ئىش بولسا ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان  تەخىرسىز بىر مەسىلە. يەنى ئېلىكتۇرۇنلۇق ئويۇنچۇق( قىمار ) مەسىلىسى ھەم ئۇنىڭ ھەل قىلىشنىڭ تەدبىرى.ھازىر بۇ مەسىلە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى جىددىي كېسىپ ئېلىۋىتىشكە تىگىشلىك يامان خاراكتىرلىك ئۆسمىگە ئايلاندى.بەلكىم توردىكى قىرىنداشلارنىڭ ھەممىز بۇ ھەقتە نۇرغۇن ھېكايىلەرنى ئاڭلىغاندىمىز. كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى بىر ئۇچۇم قارا نىيەتلەر بىزنىڭ قان تەرىمىزنى ئەسلى ۋەسلىمىزنى بۇلاپ كېتىۋاتىدۇ. ئائىلىلەر ۋەيران بولۇۋاتىدۇ.ئانىلارنىڭ كۆزلىرى ياش، يۈرىكى قان، بالىلار سەرسان، ئاتىلار ھەيران. باغرى خۇن...
[align=justify]قاچانغىچە سەۋر قىلىمىز. قاچانغىچە گۆشىيىپ تۇرىمىز. مىنىڭچە ئەمدى چەكلىمىسەك بۇندىن كېيىنكى زىيان تېخىمۇ زورىيىدۇ. شۇڭا تۆۋەندىكى نوقتىلاردا تورداشلار بىلەن ھەل قىلىشنىڭ تەدبىرلىرىنى مەسلىھەتلەشمەكچى ھەم تەكلىپ بەرمەكچى:
1.مېنىڭچە مۇشۇ تېمىنىڭ ئاستىغا زىچ ئۇيۇشۇپ جامائەت پىكىرى توپلىساق.
2.توردىكى قېرىنداشلار ھەممىڭلار بۇ ئىشنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان كىشىلەرنى تونۇيسىلەر شۇ ھەقتىكى ۋەقەلەرنى مۇشۇ تىما ئاستىغا يوللىساڭلار.
3.تورداشلار بىرلىشىپ ئىمزالىق خەت يېزىپ ئالاقىدار ئورۇنلارغا تاپشۇرساق.
4.مەن بىر چ چ توپ قۇراي شۇنىڭغا يىغىلىپ ئۆتكەنكىدەك بىر ھەرىكەتكە كەلسەك ئىنشائاللا ئىشلىرىمىز ئىلگىرى بولار.
5.مېنىڭچە قانۇن ئادىل،ھۆكۈمىتىمىزمۇ ،پارتىيىمىزمۇ خەلققە كۆيۈنىدۇ.ئەگەر بىز مەقسىتىمىزنى توغرا يەتكۈزسەكلا قوللاشقا ئېرىشەلەيمىز.
قېنى تورداشلار تەكلىپ پىكىرىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر...

ئۇلۇغ ئاللادىن ئ

4

تېما

8

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   41.99%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5764
يازما سانى: 1309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5741
تۆھپە : 4302
توردىكى ۋاقتى: 1199
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 18:45:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئويلاپسىز بولۇپمۇ قومۇلنىڭ ياشلىرى بەك قىزىپ ئويناپ كېتىپتۇ.
بەزى ئۆيى چېقىلغان مىلىيونېر لارباشچىلاپ كىرىپ كەتتى.
بۇمەسىلەھازىرئەڭ جىددى ھەل قىلىدىغان مەسىلە.بىزچوقۇم سىزبىلەن بىللەبۇياخشى ئىشقا ئاتلىنىمىز.
نۇرغۇن بالىلار ماشىنىسىنى ،ئۆيىنى ئۇتتارغاندىن سىرىت يانا نۇرغۇن قەرىزگەبوغۇلۇپتۇ.
مېنىڭمۇ3-4دوستۇم شۇلارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

5

تېما

0

دوست

6701

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   34.02%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1515
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1545
تۆھپە : 1006
توردىكى ۋاقتى: 699
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 19:04:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز، ھەربىر قېرىندىشىمىزنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن ھەممىمىز تەڭ كۈچ ۋە ئەقىل چىقىرايلى.

ئۇلۇغ ئاللادىن ئ

4

تېما

8

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   41.99%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5764
يازما سانى: 1309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5741
تۆھپە : 4302
توردىكى ۋاقتى: 1199
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 19:50:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ئېلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇقخانىلارنۇرغۇن ئۆيلەرنى سورىۋەتتى  -دە،!
قومۇل ياشلىرى ئۆيى چېقىلغان نامرات بەگزادىلەربەس-بەستە ئۇتتۇرۇپ خۇددى چوڭ ئىش قىلىۋەتكەندەك پو ئېتىپ يۇرىدۇ،ئاتابۇۋېلىرىدىن مىراس قالغان تەۋەررۈك زېمىنلىرىغائازىراق پۇل بەرسەدۇنيانى بېرىۋەتكەندەك خوش بولۇپ يەرساتقان پۇلغائېسىل ماشىنا ئېلىپ قالغان پۇلنى قىمار ئويناپ ئۇتتۇرۇۋېتىپ ماشىنىسىغا مايمۇقۇيالماي ،ھەشەمەتلىك ئۆيلىرىدىن سىرىتقىمۇچىققۇدەك پۇلى قالمىغان ،يانا ئۆي ساتىمىز دەپ يۈرگەنلەرئازئەمەس......
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن

4

تېما

3

دوست

4708

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   90.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6538
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 338
تۆھپە : 1298
توردىكى ۋاقتى: 369
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 20:07:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە....
مەنمۇ ئەينى ۋاقىتتا ئويناپ باققان،كىيىن ئۆزىمنى تارتىۋالغانتىم....ئۇنىڭدا نەچچە يۇزنى ئۇتتۇرۋەتسەڭ تەلەي يوقكەن دەپ،نەچچە ئون كوي ئۇتۇۋالساڭ بېشىنىڭ ئاسمانغا تاقاشقۇدەك بوپ كىتىدىكەن....بولسا مۇشۇنىڭڭغا قانۇندىن پايدىلىنىپ بىر ئىش ئېلىپ بارسا ئۇنىمى تېخىمۇ ياخشى بۇلىدىغۇ دەيمەن.

10

تېما

0

دوست

7004

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   40.08%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2666
يازما سانى: 278
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1694
تۆھپە : 1002
توردىكى ۋاقتى: 280
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 20:55:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى توغرا تەكلىب!  بۇ توغرىسىدا مەنمۇ بىر تېما يوللاپ تەستىقلانمىغان، باغداش باشقۇرغۇچىلىرى <<دوڭمەنچىڭ>>دىن قورقۇپ قالدىمۇ ياكى تەلەپپۇزۇم بەك قاتتىق كەتتىمۇ بىلمىدىم. بۈگۈن يەنە شۇ گەپنى قوشۇمچە قىلاي. مېنىڭ قومۇللۇقلارلا ئەمەس قەيەرلىك بولسا بولسۇن، ئۆي سېتىپ تاپقان ياكى باشقا قانداق يول بىلەن تاپقان پۇللىرىنى ئۇتتۇرىۋەتكىنى بىلەن كارىم يوق. ئۇنداق ئۆزىنى قۇتقۇزالمىغان ئادەمدىن ئەتىراپىمدا تولا... ئۇلاردىن يۈز كوي قەرز سورىسا چىقمايدۇ لېكىن كۈندە قىمارخانىدا مىڭ كويلاپ ئۇتتۇرۇپ تۇرىدۇ. ئۇنداق ئادەملەر ئۈچۈن مۇنبەردە زېھىن خورىتىشنىڭ قىلچە زۆرۈرى يوق.
    ئەڭ مۇھىم بولىۋاتقىنى تېخى قورامىغا يەتمىگەن مەكتەپ يېشىدىكى ئوقۇغۇچىلار. ئۆتكەن يىلى بىزنىڭ بۇ يەردىن ئوندەك بالىنى ئوغۇرلىق جىنايىتى بىلەن قولغا ئالدى، ھەممىسى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى. شۇ مەزگىلدە پۈتكۈل قومۇل رايونى ئىچىدە 50~60قىچە بالا قولغا ئېلىنغان. بەلكىم سوراق خاتىرىسىگىمۇ ئۇلارنىڭ بايانى بويىچە قىمار ئويناش ئۈچۈن ئوغۇرلىق قىلغانلىقى خاتىرىلەنگەن بولسا كېرەك؟! جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن ئاتا-ئانا غۇلغۇلا قىلىشىپ ئاشۇ قىمارخانىلارنى ئۇر-چاق قىلىشنىمۇ ئويلاشقان بولسا كېرەك،شۇ مەزگىلدە ئاتالمىش بۇ <<ئېلىكتىرۇنلۇق ئويۇنچۇقخانا>> ۋاقتىنچە تاقىلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە <<قانۇنلۇق>> ھالدا تىجارەت باشلىدى. ئۇ يەردە قىمار ئويناۋاتقانلار ئىچىدە يەنە دائىم ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنى كۆزگە چېلىقتۇرغىلى بولىدۇ. مېنىڭچە بۇ قىمارخانىلارنى چەكلەش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. بۇنىڭ كەينىدە يەنە قارا گورۇھ تۈسىنى ئالغان يوقۇرىسى ھوقۇقدار چىرىك ئەمەلدار تۆۋىنى ئىشرەت كوچىسىدىكى لۈكچەككىچە بىرلەشكەن غايەت زور بىر ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائى كۈچ بار. شۇنداقتىمۇ مۇنبەر ئەھلى بەل قويىۋەتمەي، بىردەك ئاۋاز قوشۇپ ئورتاق كۈچ چىقارسا مەلۇم دائىرە ئىچىدە ئۈنۈم بېرىشى مۇمكىن. لېكىن ئومۇميۈزلۈك چەكلەش ھازىرقى شارائىتتا تەس... بىلمىدىم ، ئاشۇلارغا ئوخشاش ۋاستە تاللىماي زەربە بەرسە ئۈنۈمى قانداق بولاركىن؟! http://www.uqur.net/

11

تېما

4

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   23.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3437
يازما سانى: 805
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 4522
تۆھپە : 2838
توردىكى ۋاقتى: 2921
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-3

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 21:20:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۆمكىن بولماس ئىشتىن بىرگە تۇتۇش قىلىپ قاپسىلەر قېرىنداشلار . شۇنداقتىمۇ سىلەرنى قوللايمەن . ئاشۇ يەرگە كىرىپ قىمار ئويناۋاتقانلارنى توسۇپ ، شۇ قىمارخانىلارنىڭ كىرىم مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلاپ تىجارەتتىن توختاتقىلى بولارمىكى . ئۇ تىجارەتچىلەرنىڭ ئارقا تەرەپتىكى قۇماندانىنى سۈرۈشتۈرۈپ چىقالايدىغان ئىش بولسا ، ئەڭ تۆۋىنى ناھىيە دەرجىلىك ، يۇقىرسىنىڭ چىكى يوق رەھبىرى كادىرلار بوپ چىقدۇ ! شۇڭا ئۇ قىمارخانىلارنى ،قانۇنى ئورۇنلارغا شىكايەت قىلىپ تاقاتقۇزماق بەكمۇ مۈشكۈل ئىش ، بۇرۇنمۇ قەشقەر شەھرىنىڭ يوپۇرغا ناھىيەسىدە شۇنداق ئەھۋال كىلىپ چىققان ، دىيىشنى دەيدىكەن لىكىن قول يەنىلا كەينىگە ئىگىلمەيدىكەن .
ئەرزىمەس بۇ جېنىم ئۇيغۇرۇم ئۈچۈن بەش دۈشمەنگە يارامۇ ؟

29

تېما

8

دوست

8209

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   64.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  111
يازما سانى: 348
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1945
تۆھپە : 1184
توردىكى ۋاقتى: 419
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 22:14:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تەكلىپ، ئەگر موشۇ ئىش روياپقا چىقىپ قالسا، نۇرغۇن بۇزۇلۇش ئالدىدا تۇرغان ئائىلىلەر قۇتقۇزۇۋېلىنىپ، يىتىم بولۇش ئالدىدا تۇرغان بالىلار يىتىم بولمايتتى، خېلى كۈچ چىقارمىسا بۇ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىققىلى بولماسمىكىن، بىزنىڭ ئۆينىڭ يېنىدا بىرسى باتتى، ئوقۇغۇچىلار شۇنداق كۆپ كىرىدۇ، كىيىن كىشىلەر ئەرز قىلغاندىن كىيىن تەكشۈرەپ تاقىۋەتكەن ،لېكىن بىر ھەپتىدىن كىيىن يەنە ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئوقىتىنى قىلىۋەردى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )