بلوگنىڭ يېڭى ھاياتى، يېڭى قىياپەت، يېڭى قەدەم
يېقىنقى ئۇزاق مەزگىللىك ئالدىراشچىلىق ۋە داۋالغۇشتىن كىيىن، بېكەت بوشلۇقى نورمالسىزلىشىپ بلوگ يېزىشقا مۇمكىن بولمىدى. ھازىرمۇ FTP نى ئىشلەتكىلى بولمايۋاتىدۇ. «بالا كەلسە قوش كەپتۇ.» دېگەن شۇ ئوخشايدۇ. FTP ئوڭشالسا يېڭى قىياپەتنى بىلەن بلوگنى باشلىۋالسام بولاتتى … ...ئالدىراشچىلىق تۈگىدى، بلوگنىڭ يېڭى قەدىمى
ئاز-كەم بىر ئايدىن بىرى بلوگ يېزىشقا ۋاقت چىقمىدى. پەقەت تور ئارىلاش بىلەنلا كۇپايىلەندىم. بۇنداق بۇلۇپ قېلىشى بۇ نەچچە يىللىق ئوقۇشنىڭ نەتىجىسىنى چىقىرىدىغان ۋاقتنىڭ كىلىپ قالغىنىدىن ئىدى. ئۇقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىنىڭ ھەر خىل ئىشلىرىنى قىلىپ بولالماي باشقىنى يازىدىغانغا ۋاقت چىقماي قويدى. ئەمما بۇ جەريانىدا مەن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھېس قىلىپ يەتتىم. ئاز گەپ بىلەن سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ئەمما مەن بىر-بىرلەپ يېزىپ چىقىمەن. بەلكىم مەن ئۈچۈن بىر ئەسل...2011-يىللىق «بويتاقلار 2.14 بايرىمى تاكتىكىسى»
ئەسلى مەنىسى جەھەتتىن ئېيتقاندان «ئاتالمىش 2.14 بايرىمى» ئۆتكۈزۈش توغرا بولمىسىمۇ، يەنىلا بىر قىسىم كىشىلىرىمىز بۇ بايرام ئۈچۈن پايپىتەك بولىۋاتىدۇ. جۈپى بارلارغۇ بايرىمى بىلەن ئۆتىۋەرسە، بويتاقلارمۇ ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلىۋەرسە بولاتتى. ئەمما جاھاندىكى ئىشلارغا باھانە تاپقىلى بولمايدۇ. بەزى ئىشلارنى ئويلاپ يەتكىلىمۇ بولمايدۇ. بۇ يىلللىق 2.14 بايرىمىدا قايسى ئىشنىڭ ئەڭ غۇلغۇلا قوزغىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ سىز چوقۇم خىيالىڭىزغا كەلتۈرۈپ باقمىغان. ئەمىسە ق...چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدىكى «مەشرەپ» ناخشىسى
بۇ يىللىق مەركىزى تېلىۋىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە ناخشىچىمىز ئابدۇللا ئابدۇرېھىم «مەشرەپ» ناخشىسىنى ئوقۇدى. تېلىۋىزىيەدە ئانا تىلدىكى ناخشا ئاڭلىمىغىلى ئۇزۇن بولغاچقا شۇنداق خۇش ياقتى. گەرچە چاغان بىزنىڭ بايرىمىمىز بولمىسىمۇ، ئەمما دۆلىتىمىزدىكى چوڭ بايراملارنىڭ بىرى. ناخشىچىمىز ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بۇ كېچىلىكتە مەشرەپ ناخشىسىنى ئانا تىلىمىزدا ئوقۇشى يېڭى يىل كېچىلىكىدە بىزنىڭ ناخشىچىلىرىمىز ئورۇنلىغان نومۇردىن مىڭ ياخشى (ئۇ چ...سالامەتلىك بەك مۇھىم، سالامەتلىكىڭىزگە دىققەت قىلىڭ
خېلى ۋاقتلار ئىلگىرى توردا بىر پاچە ماقالە ئوقۇغان ئىدىم. ماقالىدە «پروگرامما ۋە كومپيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەت قىلىدىغانلار سالامەتلىكىگە بەك دىققەت قىلىشى، ھەرگىزمۇ بىردەملىك قىزغىنلىقى ئۈچۈن سالامەتلىكىنى بىر ياققا قايرىپ قويماسلىقى كېرەك. بىردەملىك قىزغىنلىق بىلەن بىرەر مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بەك چوڭ ئىشلارنى قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ، سالامەتلىك گۈزۈل كەلگۈسىڭىزنىڭ دەسمايىسى. ھاياتىڭىزنى قەدىرلەڭ!» دېگەن قۇرلار ئۇقۇۋاتقاندا،...كىنو: «راس يالغان بېنلادىن»
ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىمنى ھوزۇرىمىزغا سۇنۇپ كىلىۋاتقان شاھ ئۇيغۇر بلوگىنىڭ يەنە بىر ئېسىل ئەسىرى ۋۇجۇدقا چىقىپتۇ. ئاۋۋال ئەزىمەتلەرنىڭ بۇ كىنو ھەققىدىكى سۆزلىرىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى: راس يالغان بېنلادىن ناملىق فىلىم ھىندىستان كىنو رېژىسسورى ئابىشېك شامانىڭ تۇنجى ئەسىرى بولۇپ ھىندىستاننىڭ ناخشا چولپىنى ئەلى زەپپەر تۇنجى رول ئالغان فىلىم، مەزكۈر فىلىم ئاچچىق كومىدىيەگە تولغان بولۇپ پاكىستانلىق مۇخبىر ئەلى ئامېرىكىغا بېرىش ئۈچۈن ھەر خىل ئاماللارنى قىلىپ...كىملەردۇر كىملەرنىڭ يەنە كىملەرنى
كۈنلەر ئۈتىدۇ. مەن ئېكرانغا قاراپ ئولتۇرىۋاتقان مۇشۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە نۇرغۇن بۇۋاق تۇغۇلىدۇ، نۇرغۇنلىرى كۆزىنى ئېچىشقا ئۈلگۈرمەيلا ئۇ دۇنياغا كېتىدۇ. يەنە نۇرغۇن ئادەمنىڭ دۇنيادا ياشاش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ يېڭى بىر دۇنياغا سەپەر قىلىدۇ … ۋاقت ئۆتىدۇ. مەن ئېكرانغا قاراپ ئولتۇرىۋاتقان مۇشۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە نۇرغۇن ئادەم توقلۇقنىڭ دەردىنى تارتىۋاتىدۇ، نۇرغۇن ئادەم ئاچلىقتىن زارلاۋاتىدۇ. نۇرغۇن ئادەم قەھەتچىلىكتىن قۇرۇپ قاقشال بولىۋاتقاندا، نۇرغۇن ...بېيجىڭ-ئۈرۈمچى پويىز ۋاقتى 33 سائەتكە قىسقىرايدىكەن
1-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ بېيجىڭ-ئۈرۈمچى پويىز ۋاقتى 33 سائەتكە قىسقىرايدىكەن. ئەسلىدىكىن 8 سائەت ئاز ۋاقت سەرپ قىلىدىكەن. لەنجۇ،شىئەن … قاتارلىق جايلارنى ئايلىنىپ ماڭماستىن 武威 دىن ئۇدۇل 石家庄 غا بارىدىكەن.(ئارىلىقتا بىر نەچچە بېكەت بار) بۇنى ئاڭلاپ پويىزدا ئاز ئولتۇرىدىغان بوپتىمىز دەپ خۇش بولىۋاتىمەن. ئەمما كۆڭلۈمنىڭ يەنە بىر يەرلىرىدە يەنە ئاللىقانداقتۇر ئېيقىلى بولمايدىغان بىر خىل قايغۇ بار … ...
دوستانە ئۇلىنىشلار
ھەمكارلاشقان بلوگداشلار
ھەمكارلاشقان بلوگداشلار
بلوگ تۈرلىرى
تۈرلەر بۇيىچە كۆرەلەيسىز!
تۈرلەر بۇيىچە كۆرەلەيسىز!
تەلەي قاپىقىغا قاراپ بېقىڭ!
تەلەيلەر سىزنى ساقلاۋاتىدۇ!
تەلەيلەر سىزنى ساقلاۋاتىدۇ!
نۇرقۇت دۇنياسىغا كىرىڭ!
پروگراممىرلار دۇنياسى
پروگراممىرلار دۇنياسى
نۇرقۇت دۇنياسىغا كىرىڭ!
نۇرقۇتتىكى FinalDream
نۇرقۇتتىكى FinalDream
سىناغا مەرھەمەت قىلىڭ!
ئەگەشكۈچىسى 245
ئەگەشكۈچىسى 245
ئەلكۈيىگە مەرھەمەت قىلىڭ!
ئەگەشكۈچىسى 631
ئەگەشكۈچىسى 631
گۈدۈككە مەرھەمەت قىلىڭ!
ئەگەشكۈچىسى 2484
ئەگەشكۈچىسى 2484