Transformers (变形金刚) 3 بىز ئۇزۇندىن بىرى كۈتۈپ كىلىۋاتقان كىنولارنىڭ بىرى ئىدى. ئەسلىدىلا 7-ئاينىڭ 1-كۈنى قۇيۇلۇشى كېرەك بولغان بۇ كىنو دۆلىتىمىز بازىرىدىكى بەزى فىلىملەرنىڭ قويۇلۇش ئىھتىياجى ئۈچۈن 7-ئاينىڭ 20-كۈنى قۇيۇلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن ئىدى.
تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ۋاقتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنىمۇ بىلىپ بولالماي قالىدىكەنمىز. ئىسىمدە قېلىشىچە بۇ فىلىمنى كۆرگىلى بولىدىغان توپ كۆرگۈچىلەر بىلىتى(团购票)نى 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا سېتىۋېلىپ بولغان ...
تولۇق مەزمۇنى
رەسىملەرنى كۆرۈڭ! ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ كىنولار بەك ئېسىلكەن. كۆرۈشكە نىسىپ بولغاي. پەقەت بىر نەچچىسىنى ئالدىم، بۇنىڭدىن باشقا ياخشى كىنولارمۇ جىق جۇمۇ
...
تولۇق مەزمۇنى
ئىسمى: بومباي ماشىنا ئادىمى مۇھەببىتى (Bollywood)
خەنزۇچە: 宝莱坞机器人之恋
بەيدۇ قامۇسىدىكى چۈشەندۈرۈش: كىرىڭ
بۈگۈن كەچتە بۇ كىنونى كۆرۈپتىمەن. كۆرۈشىڭىزگە ئەرزىيدىكەن. گەرچە كىنو ھىندىستاننىڭ بولسىمۇ، ئەمما بۇرۇنقى ھىندىستان كىنولىرى بىلەن كونا ئوخشاشلىقىنىمۇ ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە (ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئوينايدىغان يىرى) يەنە يۇقىرى پەنتېخنىكىلىق فانتازىيەلەر بىرلەشتۈرۈلۈپ ئۆزگىچە بولۇپ چىقىپتۇ. ۋاقتىڭلار بولسا كۆرۈپ قويۇڭلار. بىرلا يىرى سەل ئۇزۇنكەن،...
تولۇق مەزمۇنى
ئىسمى: شاھنىڭ نوتۇقى
خەنزۇچە: 国王的演讲
ئىنگىلىزچە: The King’s Speech
2011-يىى 1-ئايدا چىققان كىنو. ۋەقەلىكىدىن چوقۇم رازى بولىسىز. ۋاقتىڭىز چىقسا چوقۇم كۆرۈپ قويىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئۇيغۇرچە خەتلىك نۇسخىسى چىقتىمۇ-يوق بىلمىدىم. فىلىمگە ئۇيغۇرچە خەت قوشىدىغان ئەزىمەتلەرنىڭ بۇ كىنونىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىكىنى تەييارلىشىنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن.
...
تولۇق مەزمۇنى
كىنونىڭ ئۇيغۇرچە نامى : ئىجتىمائىي ئالاقە تورى
ئىنگىلىزچە نامى : The Social Network
خەنزۇچە نامى: 社交网络
ناۋادا سىز كومپيۇتېر، تور ، IT قاتارلىقلارغا قىزىقسىڭىز، ياكى كىنو كۆرۈشكە قىزىقسىڭىز، ھاياتى كۈچىڭىز ياكى قىزغىنلىقىڭىز ئۇرغۇپ تۇرغان كىشى بولسىڭىز، بۇ كىنونى كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ. كىنو ھەققىدە تەدبىركار ئەپەندىم بلوگىدا خېلى تەپسىلىي توختىلىپتۇ. قىزىقسىڭىز كىرىپ كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ. يەنە بىر خۇشخەۋەر شۇكى، شاھ بلوگىدىكى ئەزىمەتلەر بۇ فىلىمن...
تولۇق مەزمۇنى
ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىمنى ھوزۇرىمىزغا سۇنۇپ كىلىۋاتقان شاھ ئۇيغۇر بلوگىنىڭ يەنە بىر ئېسىل ئەسىرى ۋۇجۇدقا چىقىپتۇ. ئاۋۋال ئەزىمەتلەرنىڭ بۇ كىنو ھەققىدىكى سۆزلىرىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:
راس يالغان بېنلادىن ناملىق فىلىم ھىندىستان كىنو رېژىسسورى ئابىشېك شامانىڭ تۇنجى ئەسىرى بولۇپ ھىندىستاننىڭ ناخشا چولپىنى ئەلى زەپپەر تۇنجى رول ئالغان فىلىم، مەزكۈر فىلىم ئاچچىق كومىدىيەگە تولغان بولۇپ پاكىستانلىق مۇخبىر ئەلى ئامېرىكىغا بېرىش ئۈچۈن ھەر خىل ئاماللارنى قىلىپ...
تولۇق مەزمۇنى
بۇ كىنو ھەققىدە بەك جىق سۆزلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق. بىر ئېغىز گەپ: «كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ!»
قويۇلۇشقا باشلىغىلى ئانچە ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ، بەزى باھالاش مۇنبەرلىرىدە «2010-يىلىدىكى ئەڭ ئېسىل كىنو» مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ بولدى. ۋاقت چىقسا كۆرۈپ قويۇڭ! سىز ئۈچۈن قوش ئۇزۇق، قوش نەپ!
بۇ كىنونىڭ يەنە داۋامى ئىشلىنىدىكەن. فىلىمنىڭ ئاخىرىدا كۆرگۈچىلەرنىڭ بەك قىزىقتۇرغىنى «پويىزنىڭ ئارقىسىدىكى ھېلىقى ئادەم ”خۇاڭ سى لاڭ“ مۇ؟ » بولدى.
كىنونىڭ خەنزۇچە ئىس...
تولۇق مەزمۇنى