«كىشى يۇرتلىرىدا» __ قەدەم مۇشۇ يەردىن باشلانسۇن!

ۋاقتى: 2011-10-16 / تۈر: كىشى يۇرتلىرىدا/ كۆرۈش: 738 قېتىم / 21 باھا باھا يوللاش تەلەي +1

مانا بۈگۈن ئالدىنقى قېتىم بلوگ يازمىسى يازغىنىمغا نەق ئىككى ئاي بوپتۇ. ئىككى ئاي ئىلگىرىكى بلوگ يازمىلىرى ئاساسلىقى تەۋسىيە ۋە تەشۋىقات خاراكتىرىنى ئالغان يازمىلار ئىدى. ئۇ مەزگىللەردە ھەممەيلەنگە ئوخشاش كۈن ئۆتكۈزىۋاتقان بولغاچقا شەخسىي تۇرمۇش ھەققىدە بلوگ يازغۇدەك مەزمۇنمۇ چىقمايتتى. ئەمدىلىكتە ماڭغان يوللارنىڭ ئۇزىرىشى بېلەن تۇرمۇش رېتىمىمدا ئۆزگىرىش بولدى. 7-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن باشلاپ كۈندىلىك تۇرمۇش كارتىنىلىرىمدا زور ئۆزگىرىش بولۇپ، بەزىبىر سەرگۈزەشتىلەرنى باشتىن كەچۈردۈم، ھەم نەق ئۈچ ئايدىن كىيىن باشقا بىر يۇرتلارنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم. بەلكىم بۇ جەريانلاردا كۆرگەن ۋە بىلگەنلىرىمنى بلوگ يازمىلىرى ئارقىلىق زىيارەتچىلەرگە سۇنسام، بەلكىم كىيىنكىلەرگە ياردىمى تىگىپ قالسا ئەجەب ئەمەس دېگەن مەقسەتتە بۇ بلوگنى يېزىش ئۈچۈن ئولتۇرۇپتىمەن. بۈگۈندىن باشلاپ بلوگنىڭ يېڭى بېتى ___ «كىشى يۇرتلىرىدا» تېمىسىدا زىيارەتچىلەرنىڭ ھوزۇرىدا بولىدۇ. يازمىلار ئارىسىدىن !!كۆرۈرمەنلەرگە ئازراقلا نەپ تەگسى مەن شۇنىڭدىن خوشال!

«كىشى يۇرتلىرىدا» تېمىسىدىكى بلوگلار ۋاقتقا قاراپ پارچىلارغا بۆلۈنۈپ يېزىلىدۇ. مەن دەل ۋاقتىدا يېزىش ۋە دائىم يېڭىلاشقا كاپالەت بەرمەيمەن، لېكىن چوقۇم داۋاملاشتۇرۇپ تۇرىمەن. كۆپچىلىكنىڭ قانداق پىكىر-تەكلىپ ياكى سۇئاللىرى بولسا قالدۇرسا، مەن چوقۇم ئىنكاس قايتۇرۇشقا تىرىشىمەن.

21 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  1. weyrani
    2011/10/18 09:19:47

    كىشى يۇرتلىرىدا كۈن ئالماق تەس.مانا بىزلەرمۇ شۇ كۈنلەرنى ئۆتكۇزۇپ يۇرۇپتۇق.ئىنشاللاھ ئىشلىرىڭلارنى ئوڭ قىلسۇن..

    • نۇرقۇت
      2011/10/18 15:31:38

      كەلگىلى ئەمدىلا 10 كۈن بولغان بولسىمۇ بۇ تەرىپىنى سەل-پەل بولسىمۇ ھېس قىلىپ يەتتىم، كىشى يۇرتىدا ئاسان ئەمەسكەن. ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ ئىشلىرىنى ئوڭ قىلسۇن

    • ئۇيغۇربەگ
      2011/10/19 17:08:39

      نەدە سىز قېرىندىشىم؟

  2. ھارماس
    2011/10/18 10:02:56

    مەن ئەمىسە يازمىلىرىغا قاراپ ئولتۇرىمەن… تېزراق بولسىلا.. ياخشى ئوقۇپ ھە. :razz: ئوقۇشلىرى ئوڭۇشلۇق بولسۇن.

    • نۇرقۇت
      2011/10/18 15:32:12

      رەھمەت. ۋاقتنىڭ يېتىشىچە تېز يوللايمەن.

  3. سەھرالىق
    2011/10/18 10:48:04

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! شۇنداق قىلىپ ئۆزلىرى ئىتالىيەدىن ئاڭلىتىش بېرىۋاتاملا؟ :lol: قېنى تىزىراق يازسىلا…مەن ساقلاۋاتىمەن.

    • نۇرقۇت
      2011/10/18 15:26:38

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، خۇدايىم بۇيرۇسا پات ئارىدا يېڭىلىنىدۇ.

  4. ئىزدەن
    2011/10/18 11:08:21

    مۇبارەك بولسۇن! بىزدەك سەھرالىقلارنىمۇ شەنىڭ ئىشلىرىدىن خەۋردار قىلىپ تۇرالا؟ داۋامىغا تەشنامىز!

    • نۇرقۇت
      2011/10/18 15:27:25

      رەھمەت! ئۇنداق دېيىشىپ كەتمەيلى ئەمدى، چەتنىڭمۇ سەھرالىرى بار دەيمەن

  5. كروران
    2011/10/18 11:58:36

    سىزنىڭ ئىتالىيەدىكى ئوقۇشىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى تىلەيمەن، بۈگۈندىن باشلاپ مېنىڭمۇ قۇلىقىم سىزنىڭ مۇشۇ بلوگىڭىزدا

    • نۇرقۇت
      2011/10/18 15:33:30

      ياخشى تېلىكىڭىز ئۈچۈن رەھمەت. قولىقىڭىزغا خۇش ياققۇدەك بلوگ يېزىشقا نىسىپ قىلسۇن!

  6. ئۇيغۇربەگ
    2011/10/18 13:35:55

    ھە ياخشى، ئەمدى ئاستا مۇخبىرلارنى تەكلىپ قىلىدىغان ۋاقىت كەلدى!

    • نۇرقۇت
      2011/10/18 15:28:26

      بۇنداق كىچىك خەۋەرگە مۇخبىر تەكلىپ قىلىش كەتمەس، پەقەت شۇ كۆرگەنلەردىن باشقىلارنىمۇ خەۋەردار قىلاي دېگەن يەرلا بار. كىيىنىلەرگە نەپ تىگىپ قالسا ئەجەب ئەمەس.

  7. نەزەرى
    2011/10/18 14:49:07

    مانا مۇخبىرمۇ تەييار بولدى. سۇئال سوراشقا، دەبدەبىلىك گەپ قىلىشقا مىنىڭ ئازراق ئېپىم بار.
    قىنى باشلايلى… :razz:

    • نۇرقۇت
      2011/10/18 15:29:47

      ھاھا قانداق باشلايمىز؟ ئۆزلىرىدىن قورقىدىغان بولۇپ قالدى كىشى، ئالدىنقى قېتىم يوللىغان يازمىلىرىغا قاراپلا چۆچۈپ كەتتىم. بۇ ئىشلارنى بەك داغدۇغا قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى :lol:

  8. پرېستان
    2011/10/19 00:14:09

    ئېنتېرمىلان AC مىلانلارنى كۆرۈپ تۇرغانسىز ھە؟ … :mrgreen: رەسىملىرىڭىز بولسا ئەۋەتىڭ، تەڭ ھۇزۇرلىنىمىز ;-)

    • نۇرقۇت
      2011/10/19 00:15:28

      ياق تېخى، بۇ يەردە تېخى مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بىجىرىش بېلەن ئاۋارە

  9. جۇلالىق
    2011/10/24 18:32:48

    نۇرقۇت ئىنىم، ئاخىرى تېنىچ-ئامان يېتىپ بېرىپ ئوقۇشلارنى باشلاپ بوپسىزدە؟
    ئوقۇشىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا تىلەكداشمەن!
    تىرىشىڭ! بۇنداق پۇرسەت ھەممە ئادەمگە نىسىپ بولىۋەرمەيدۇ. نەچچە يىلدىن كېيىن ھەر تەرەپتىن يېتىشكەن نۇرقۇتنى كۈتۈۋالغىلى ئالدىڭىزغا چىقىمىز. ;-)

    • نۇرقۇت
      2011/10/25 23:02:45

      رەھمەت ھەدە. مەن ئورۇنلۇشۇپ بولدۇم، خۇدايىم بۇيرۇسا دېگىنىڭىزدە بولغاي. ئالاقىلىشىپ تۇرايلى. خۇدايىمغا ئامانەت.

  10. ئارسلان
    2012/02/11 00:36:37

    سالام نۇرقۇت ئەپەندى، سىز بىلەن ئالاقە قىلسام بولاتتى، مۈمكىن بولسا ئېلخەت ياكى تېلفۇن نۇمۇرىڭىزنى بارسىڭىز. چەتئەلدىكى تۇرمۇشىڭىزنىڭ ئەھمىيەتلىك، كۆڭۈللۈك ئۆتۈشىنى تىلەيمەن.

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ.)

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (مەخفىي)

بېكەت ئادرېسى

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif