ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن ئەلكۈيىدە سۆھبەت
ئۇيغۇر سەنئىتى جۈملىدىن ئۇيغۇر ناخشا – مۇزىكىلىرى چارچىغان قەلبىمىزگە مەلھەم بولسا،دىل ئارامىمىزغا ئىلھام بولۇپ ھەممەيلەننىڭ سۆيۈپ ئاڭلىشىغا ئەۋلادتىن ئەۋلاتقا داۋام ئىىتىپ كىلىۋاتىدۇ،مەنىۋى تۇرمۇشىمىزغا ئۆزىنىڭ ئاۋازى بىلەن ئىزچىل بىزگە ھەمراھ بولۇپ كىلىۋاتقان،مەيلى چوڭلار بولسۇن مەيلى كىچىكلەر بولسۇن ھەممەيلەن ناخشىلىرىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلاپ كىلىۋاتقان شۇنداق بىر پەخىرلىك ئۇيغۇر ئوغلانىمىز بار، ئۇ بولسىمۇ ئابدۇللا ئابدۇرېھىم.
بالىلىق ھاياتىنى قەدىمىي دولان موقاملىرى،دولان مەشرەپلىرى قوچىدا ئۆتكۈزۈپ،سەبى چاغلىرىدىن باشلاپلا مىللىي ناخشا – مۇزىكا سەنئىتىمىزگە ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان،ناخشا -مۇزىكا سەنئىتىنى تېگى ماھىيتىدىن چۈشىنىپ،ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىش يولىدا نۇرغۇنلىغان قان – تەرىنى سىڭدۈرۈپ،پىشىپ يىتىلىپ ،ئوزۇندىن بويان ھەممەيلەننىڭ قەلبىنى تىترىتىپ كىلىۋاتقان تالانتلىق ئەل سۆيگەن ناخشىچىمىز ئابدۇللا ئابدۇرېھىمغا قىززىقمايدىغان ، ئۇنىڭ ئىش -ئىزلىرىنى بىلىشكە ئىنتىزار بولمايدىغان،ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن تور ئارقىلىق سىردىشىشنى خالىمايدىغان تورداش بولمىسا كېرەك.ئەلكۈيى تورىدىمۇ ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇنلىغان ياخشى مۇنازىرەلەر بولۇپ تۇرىدۇ ئەلۋەتتە،ئەلكۈيى تورى كەڭ تورداشلارنىڭ بۇ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە بۈگۈنكى ئەلكۈيى ئېكرانىنىڭ يېڭى سانىغا <<ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن ئەلكۈيى ئېكرانىدا سۆھبەت>> نامىدىكى بىر مەيدان ياخشى سۆھبەت ئويۇشتۇرۇپ ھۇزۇرىڭلارغا سۇندۇق،ياقتۇرۇپ كۆرۈشىڭلارغا تىلەكداشمىز.(ئەلكۈيى تورىدىن ئۆز پېتى ئېلىندى.)
ئەسلى مەنبەسى:http://bbs.alkuyi.com/read.php?tid=11294
كىيىنكى: «كىشى يۇرتلىرىدا» __ قەدەم مۇشۇ يەردىن باشلانسۇن!
2011/08/19 23:01:32
ئەجەپ ياخشى بوپتۇ.نۇرقۇت تورى تەرەققىياتى تېزكەن جومۇ!
2011/08/20 23:13:55
بۇ سۆھبەتنىڭ نۇرقۇت تورى بىلەن ئالاقىسى يوق. ئەلكۈيىدىكىلەر ئېلىپ بارغان. بۇ يەردە پەقەت كۆپچىلىككە تەشۋىق قىلىندى.
2011/08/23 14:41:05
ئىسىل زىيارەت بوپتۇ، ئابدۇللا ئاكىمىزنىڭ سۆزلىرى شۇنچە ئورۇنلۇق، ئارتۇقچە ياكې تېمىدىن چەتنىگەن سۆزلىرى يوق. ئاۋۇ مۇخبىر ئاچاشنىڭمۇ ھەم.
2011/09/01 01:48:51
سۈرئەتنى سۈزۈك ئۆلچەملىك ئاپتۇ، تېلۋىزىيە ئىستانسىدىن بېرىپ ئېلىشىپ بەردىمۇ قانداق؟
2011/09/03 12:14:48
ئىشقىلىپ سۈپىتى ياخشى چىقىپتۇ، كەسپى سۈرەتچىلەر ئالغان بولىشىمۇ مۇمكىن.
2011/10/06 01:13:26
ياخشى چىقىپتۇ، شۇ قارسام مۇخپىر قىز ئازراق جىددىلەشتىمۇ يە؟سۆزلىرى ياخشى مۇكەممەل ئەمەمسمۇ قانداق بۇندىن كىيىن شۇ دىققەت قىلسا تېخىمۇ مۇكەممەل بولغۇدەك دەپ قاردىم.