جاپالىق بىر كۈن، ئۆگۈنۈشنى توختاتماڭ(1)
ئۆگۈنۈش پۇرسىتى ئادەمگە كىلىۋەرمەيدۇ. ھەم ئۆگەنگەن نەرسىلىرىڭىزنى باشقىلارغا ئۆگىتىش بىلەن مەشغۇل بولسىڭىز كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بىلگەنلىرىڭىز ئازلاپ كەتكەندەك ھېس قىلىسىز. بۇ قانداقتۇر سىزنىڭ دۆتلىشىپ كەتكىنىڭىزنىڭ، ياكى بىلىمىڭىزنىڭ ئازلاپ كەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئەمەس. پەقەت سىز پەقەت ئۆگۈتۈش بىلەن مەشغۇل بولغان ئاشۇ كۈنلەردە، ئەتراپىڭىزدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆگۈنۈش ئارقىلىق سىز بىلەن بولغان پەرقنى كىچىكلەتتى، ياكى سىزدىن ئېشىپ كەتتى. دېمەك سىزنىڭ بىلىم قۇرۇلمىڭىز بىلىپ بىلمەيلا ئارقىدا قالدى دېگەن گەپ.
بۈگۈن ئىنتايىن جاپالىق بىر كۈن بولدى. ئۆگۈنۈش ھالىتىگە كىرىش ئۈچۈن ئاجايىپ قىينالدىم. ئۆگۈنۈش جەريانىدىمۇ راۋرۇس قىينالدىم. ھازىر پۈتۈن بەدىنىم ئاغرىۋاتىدۇ …
ئۇزۇندىن بىرى ھەقىقەتەنمۇ ئۆگۈنۈش ئۈچۈن ۋاقت ئاجراتماپتىمەن. گەرچە كۈندە تۈگىمەس ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ ئۆتىۋاتساممۇ، بىلىدىغانلىرىمنىڭ بىر ئىزدا توختاپ قالغىنىغا خېلى بىر ۋاقت بولۇپ قالغىنى ئۆزۈمگە بارا-بارا ئايان بولۇشقا باشلىدى. بۇ خىل كرىزىس تۇيغۇسىنى سەزگەن ۋاقتىڭىزدا، ئەتراپىڭىزدىكىلەر سىزدىن ھالقىپ كەتكەن، ياكى سىزگە يىتىشىۋالغان بولىدۇ. بۇ ۋاقتتا قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەلۋەتتە، ھۇدۇقۇش ۋە ئالاقزادە بولۇش مەسىلىنىڭ ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ئەمەس. پەقەت بىر قەدەم بىر مىسقالدىن ئۆگۈنۈش بۇلىقىدىن بىلىم ئالسىڭىز بۇ ئەڭ ياخشى تاللاش بولۇپ قالغۇسى.
بۇ مېنىڭ ئۈچۈنجى پارچە بلوگۇم. بلوگ يېزىش جەريانىدا قانداق قىلىپ ئېغىر بېسىق بولۇشنى، قانداق قىلىپ روھىي ھالەتنى تەڭشەشنى، قانداق قىلىپ پىكىر يولۇمنى رەتكە سېلىشنى ئۆگۈنۈۋاتىمەن. گەرچە كىچىكىمدىن تارتىپلا بۇ خىل ئادەتنى شەكىللەندۈرگەن بولساممۇ، ئالىي مەكتەپكە قەدەم باسقاندىن كىيىنكى بىر مەزگىل ئىچىدە بىلىپ-بىلمەيلا بۇ ئادىتىم تاشلىنىپ قالدى. ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە، بۇ ئادىتىمنى بىۋاستە كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ داۋاملاشتۇرىۋاتىمەن. بۇ ئادىتىمنىڭ تېزراق بورۇنقى ھالىتىگە قايتىپ كىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ئۆگىنىش، ئۆگىنىش، يەنە ئۆگىنىش!
كىيىنكى: يامغۇرلۇق كۈندىكى ئەبجەش تىنىقلار
2012/03/11 11:47:02
ئۆگىنىشنى بۈگۈندىن باشلاپ كەتتىم.