يامغۇرلۇق كۈندىكى ئەبجەش تىنىقلار
قاتتىق بوران، سىم-سىم يامغۇر. قاياقلارغىدۇر ئالدىراۋاتقان قەدىمىم تۇيۇقسىلا تېيىپ كەتتى. قاتتىق چۆچۈپ كەتتىم. ئارقىدىنلا ھەيرانلىق ئىلكىدە ئۈزۈمگە كۈلۈپ كەتتىم. مەن ساقمۇ ياكى …….
…
قولۇمدا كۈنلۈكۈم ، گۆركىرەر بوران .
قەدىمىم يۆتكىلەر تەسلىكتە ئاران.
ئەنسىزلىك ئىچىرە كۈلۈپمۇ قويدۇم،
ئۈلۈمۈم باغرىمدا يىغلايدۇ پىنھان .
قەدىمىم قايانغا يەتتىكىن تەنھا ،
يىقىلغان شۇ دەمدە ئەلەمدە جاھان.
كىملەرگە تەلمۈرۈپ ئەسلىدىم كىمنى،
ئېيتقىنا بۇ دەمدە نىگار سەن قايان.
يوللىرىم كەتمەكتە مەندىن يىراقلاپ ،
تىنىقىم قاچقۇن بولۇپ كەتتىكىن قايان؟
ئۆزۈمنى يۈتتۈرۈپ قويدۇم تۇساتتىن،
سەن كىمۇ دىگەنگە «مەن» دېدىم ئاران.
…
كۈلۈپ قوي دوستلىرىم ، مىنىڭ سۆزۈمگە ،
بىر ساڭا تەلمۈرۈپ باققان كۆزۈمگە .
كۈلۈۋال ،قانغىچە كۈلۈۋال دوستۇم !
…
ئۆزۈمنى ئەسىر ئېلىپ قۇچتۇم مەن زەپەر.
مەنزىل بىر! ھەممىمىز ئۆمۈر كارۋانى!
…
«تەنھا» دەپ مەسخىرە قىلار ئۈزىچە .
مەجنۇنتال بەك نازۇك ئىمىش سۆزىچە.
يۈرىكىڭ سوقسىلا ھايات ئىدىڭمۇ ،
سەن نېمە ،ئۆزۈڭ كىم ئەۋلاد سۆزىچە.
…
مىسرالار ھەققىدە ئىلاۋە:
بۇ مىسرالار 2010-يىل 4-ئاينىڭ 25-كۈنى تىزىلغان ئىدى. بۈگۈن خاتىرەمنى ۋاراقلاۋېتىپ ئۇچرىتىپ قالدىم. ئۆتمۈشنى ئەسلىگەندە خىيالىمىزغا نېمىلەر كەلمەيدۇ-ھە! …
2010/12/11 15:00:22
قانداق، تاپالايمەن دىگەنغۇ مەن خا خا
2010/12/12 00:37:20
يەتكەن قەدەملەرگە مۇبارەك بولغاي
2010/12/11 22:55:23
ياۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋ!
شېئىرغىمۇ ھەۋىسىم بار دەڭە….
2010/12/12 00:36:55
ھاھا ھەۋەسكارنىڭ ھەۋىسى دەڭە بۇ. كومپيۇتېرغا ھەۋەس قىلىشتىن بۇرۇن مۇشۇنىڭغا بەك ھەۋەس قىلاتتىم