كىملەر بىلەن كىملەر …(1)
(ئەبجەش خاتىرە)
ئالەم بوز رەڭگە كىرگەن. چۈشۈم ئوخشايدۇ دەپتىمەن. ئەپسۇس!چۈشۈم ئەمەسكەن. بۇران ئۇچۇپ تۇرغان قاق سەھەردە ئېغىر قەدەملىرىمنى سۆرەپ ئاشخانىغا قاراپ ماڭدىم. ئىشقىلىپ مېڭىۋاتىمەن، بەلكىم تاماق يىيىش ئۈچۈن، ۋەياكى تاماق يىيىش مەجبۇرىيىتىمنى ئادا قىلىش ئۈچۈن …
يول ۋە ئاشخانا، ئەنە تۇنۇش ئاۋاز تۇنۇش چىرايلار، مانا ناتۇنۇش ئاۋاز ناتۇنۇش چىرايلار …
قاسساپنىڭ پىچىقى ئاستىدا تىپىرلاۋاتقان مالغا ئوخشاش تەرەپ-تەرەپكە ئۆزىنى ئۇرۇۋاتقان تىرىك مەۋجۇدات. ئەنە ئۇلار مىدىرلاۋاتىدۇ، بەلكىم ئۆزىنىڭ تىرىكلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ۋەياكى پەقەتلا مىدىرلاش ئۈچۈن، خۇددىي بىز نەپەس ئېلىش ئۈچۈنلا نەپەس ئېلىۋاتقاندەك …
ھودۇقۇشمۇ، چۆچۈشمۇ بىلمىدىم. ئەتراپىمغا ئەنسىز قاراپ قويدۇم. ئەنە تۇنۇش ئاۋاز ناتۇنۇش چىرايلار، مانا ناتۇنۇش ئاۋاز تۇنۇش چىرايلار …
…
ئەنە شۇنداق كىشىلەر. مانا كىملەر بىلەن كىملەر …
…