كۈلكە چولپىنى ئادىل مىجىت بېلەن سۆھبەت
كۈلكە جاننىڭ ئۇزۇقى! ھەممىمىز كۈنلىرىمىزنىڭ كۈلكە ئىچىدە ئۈتۈشىنى ئارزۇ قىلىمىز! بۇ كۈلكىلەر بىزلەرگە ھەر خىل شەكىللەردە يىتىپ كېلىدۇ. ئىتوت شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر خىل كۈلكە مەنبەسى شەكلى. ئۇيغۇر ئىتوتچىلىق سەنئىتىنىڭ يول ئاچقۇچىلىرى ئاز بولمىغان كۈلكە ئۇزۇقلىرىنى بىزگە سۇنغان ئىدى.
كۈلكە چولپىنى ئادىل مىجىتنى كۆپچىلىكىمىز تونۇيمىز. ئۇيغۇر ئىتوت سەھنىسىدە ئادىل مىجىت خېلى مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلدى دەپ ئويلايمەن. مانا مىسرانىم تورى بۇ كۈلكە چولپىنىمىزنى زىيارەت قىپتۇ. زىيارەت مەزمۇنىنىڭ چېتىلىدىغان دائىرىسى خېلى كەڭكەن. ناۋادا بىرەر ئىتوتنىڭ كىلىپ چىقىش ئارقا كۈرۈنۈشى، ئورۇنلىنىش جەريانى، ئىتوت كىچىلىكىنىڭ ئارقىسىدىكى ئىشلار، سەنئەتكار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكى ئىشلار، سەنئەتكارنىڭ پىكىر-تەكلىپ، تەنقىدە-تەربىيەلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىشى ھەققىدە بىر قاتار پاراڭلارنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆھبەتنى كۆرۈپ باققايسىز.
ئەسلى مەنبە: http://bbs.misranim.com/read.php?tid=56640
كىيىنكى: دىكتور ئابدۇقادىر ھاشىم ئاكىمىزغا بېلەت تاشلاڭ
2012/03/07 18:35:32
مۇشۇنداق ئىتوت ۋە فىلىملەرنى بلوگقا قانداق قوشىدۇ؟ تەلىم بەرسىڭىز…