سىزنىڭ كومپيۇتېر ۋىرۇسى ساقلاش قىزىقىشىڭىز بارمۇ؟
ماۋۇ سۇئالنى كۆرۈپلا مېنى ئالجىپ قالدىمۇ دەپ ئويلاپ قالدىڭلار ھەقىچان. لېكىن مەن ھازىرچە ئالجىپ قالمىدىم. راست سوراۋاتىمەن: سىلەرنىڭ كومپيۇتېر ۋىرۇسى ساقلاش قىزىقىشىڭلار بارمۇ؟ ياكى بولمىسا كومپيۇتېرغا يۇقىۋالغان ۋىرۇسنى ئايرىم ساقلاپ قويغان چاغلىرىڭىلار بولغانمۇ؟ …
گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەك، بۈگۈن توردىن ياپۇنىيەدە بىرەيلەننىڭ كومپيۇتېردا ۋىرۇس ساقلىغىنى ئۈچۈن جازالانغانلىق خەۋىرىنى كۆردۈم. ياپۇنىيەدە بۇنى قانۇن ماددىسىغا كىرگۈزۈپ، «قانۇن يول قويمىغان، ياكى ئورۇنلۇق سەۋەبى بولمىغان» كىشىلەرنىڭ ۋىرۇسنى كومپيۇتېرىدا ساقلىشى چەكلەنگەنكەن. شەخسىي كوميۇتېرىڭىز يېكى شەخسىي دىسكىلىرىڭىزدا ساقلىسىڭىزمۇ ئوخشاشلا بولمايدىكەن. دۆلىتىمىزدە بۇ ھەقتە بەلگىلىمە يوققۇ دەيمەن.
ۋىرۇس ساقلاشقا ھەۋىسىم بار
بۇ خەۋەرنى كۆرۈۋېتىپ كومپيۇتېر بىلەن ئەمدىلا تونۇشۇشقا باشلىغان ۋاقتلار ئىسىمگە كەلدى. 2006-يىللىرى ئىدىغۇ دەيمەن. شۇ ھېلىقى «مۈشۈكئېيىقنىڭ كۈجە كۆيدۈرۈشى» ناملىق كومپيۇتېر ۋىرۇسى ئەۋج ئېلىۋاتقان چاغلار ئىدى. ئۆزىمىزنىڭ شەخسىي كومپيۇتېرى بولمىغاچقا مەكتەپنىڭ كومپيۇتېرىنى ئىشلىتەتتۇق. بارماق دېسكىنىڭ 128 مېگابايتلىقىنى ئېلىۋالغانلار نوچى ھېسابلىناتتى. شۇ چاغلاردا ياتاقدېشىمنىڭ دەل مۇشۇنداق غەلىتە ئادىتى بار ئىدى. كومپيۇتېردا ۋىرۇس بايقالسىلا winrar دا بولاقلاپ بارماق دېسكىسىغا ساقلىۋالاتتى. «نېمە قىلىسەن؟» دېسەك، «ھېچنېمە. كۆڭۈل خۇشى شۇ!» دەپ قوياتتى. بەزىدە كومپيۇتېرخانىلاردا ئاداشلىرىمىزنىڭ كومپيۇتېرىغا QQ ئارقىلىق شۇ ۋىرۇس يۇقتۇرۇپ چاخچاق قىلىشىپ قوياتتۇق.(مەكتەپنىڭ كومپيۇتىرلىرى قايتا قوزغاتسىلا ئوڭشىلىدۇ.)
ئۆزى قۇرغان تۇزاققا ئۆزى چۈشۈش
كىيىن مەنمۇ بارماق دېسكا ئالدىم. ۋىرۇس ساقلاپ باقسا قانداق بۇلار دەپ ئويلاپ، ھەۋەسكارلىق قىلىپ ھەرخىل ۋىرۇسلارنى ئىزدەپ تېپىپ بولاقلاپ ساقلىۋالاتتىم. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن شۇ ھەۋەسكار يىللار بىلىپ-بىلمەي ئۆتۈپ كەتتى. 2008-يىلىغا كەلگەندە كومپيۇتېر سېتىۋالدىم. ۋىرۇس ۋە بارماق دېسكىلارنىڭ ئىشىمۇ ئېسىمدىن چىقىپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋىرۇسنى ساقلىغاندا، باشقىلارنى تۇزاققا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئالامەت ئىسىملار بىلەن ساقلاپ قوياتتۇق. شۇنداق قىلىپ ئۆزۈممۇ بىلىپ بىلمەي ئۆزۈم قۇرغان تۇزاققا ئۈزۈم چۈشۈپ كومپيۇتېرنىڭ سىستېمىسىنى قايتا قاچىلاشقا مەجبۇرىي بولغان ئىدىم. شۇ ئاچچىقىمدا بارماق دېسكىنى فورماتلاپ قايتا ۋىرۇس ساقلاپ باقمىغان ئىدىم.
ئاخىرقى سۆز
ئادەم ياشلىقىدا شوخلۇق قىلىپ ھەر نەرسىلەرگە ھەۋەس قىلىپ باقىدىكەن. بۈگۈن شۇ ئىشلارنى ئەسلەپ بۇ ئەسلىمە شەكلىدىكى خاتىرىنى يېزىپ باقتىم. قېنى دوستۇم، ئەمدى دەپ بېقىڭ: سىزنىڭ كومپيۇتېر ۋىرۇسى ساقلاش قىزىقىشىڭىز بارمۇ؟
كىيىنكى: كۈلكە چولپىنى ئادىل مىجىت بېلەن سۆھبەت
2011/07/26 22:10:32
مەنمۇ دەل شۇنداق ئۆزۈم قۇرغان قىلتاققا ئۆزۈم چۈشۈپ كېتىپ شۇ ئاچچقىتا ساقلاپ قويغان ۋېروسلارنى يۇيىۋەتكەن .
2011/07/27 00:42:35
ھاھا مۇنداقمۇ ئوخشاشلىقىمىز باركەن
2011/07/27 00:33:08
بىر دوستۇم بار ئىدى 4GB چوڭلۇقتىكى يان دېسكىسىغا لىققىدە مۇشۇنداق بىر نېمىلەرنى يىغىپ يۈرىدىغان، ھەتتا ۋىرۇسخورلارنىمۇ داد دېگۈزىدىغىنى بار ئىدى، مۇشۇ قايسى ۋىرۇسخور يامان،سىنايمىز دەپ قارىساق ماۋۇ كاسپىرىسكاي بىرنى قويماي يەۋىتىپتۇ…
ئاشۇ ياندىسكىنى ھېچكىم(ئۇنىڭدىن باشقا) كومپىيۇتېرىغا چېتىشقا جۈرئەت قىلالمايتى…
2011/07/27 00:43:36
ئادەم نېمىگە قىزىقمايدۇ-ھە!؟ بۇنداق غەلىتە ئىشلارغا قىزىقىدىغانلار ئاز ئەمەسكەن
2011/07/27 13:18:54
ھې ھې ھې. مەنمۇ بەزىدە ساقلاپ قوياتتىم. ئىنتىلنىڭ تور ژۇرنىلىدا بىر VBS ۋىروسىنىڭ ئەسلى كودى بارئىدى. قانچىلىك كۈچى باركىن دەپ ئېچىپ ساپتىمەن. سېستىمىنى قايتا قاچىلاشقا مەجبۇر بولغان ئدىم.
ھازىر Bat ھۆججىتىدە ئادەمنى ئاۋارە قىلىدىغان پروگراممىلارنى ياساپ باشقا ناملار بىلەن باشقىلارغا كۆچۈرۈپ بېرىمەن.
2011/07/27 17:20:00
ھەممە ئىش قىزىقىش ۋە ھەۋەسنىڭ تۈرتكىسىدە تەرەققىي قىلسا كېرەك. تېخىمۇ ياخشى نەرسىلەرنى ياساپ چىقىشىڭىزغا تېلەكداشمەن.
2011/07/29 22:52:52
قانداق ئىسىملارنى قويۇپ ساقلايتىڭلار؟
2011/07/30 07:57:07
بۇ مەخپىي ھاھاھا
2012/01/11 13:24:07
گۈزەللەر رەسىمى دىگەندەك ناملاردا ساقلايدىغاندۇ