«بۈگۈن يەنە كۈن چىقمىدى»
ھاۋانى قۇيۇق تۇمان قاپلىغان ئىدى. سەھەردىكى شۇ قۇيۇق تۇمان قوينىدا ئۇزۇنغا سۇزۇلغان ئەگرى-بۈگرى يوللارنى بېسىپ تاغ چۇققىسىغا قاراپ مېڭىۋاتىمەن. ماڭغانسىرى دۇلامدىكى سومكا ئېغىرلاپ كىتىۋاتقاندەك بىلىنىپ پۇتلىرىمنى يۆتكىشىم تەسكە چۈشىۋاتاتتى. ئەمما قۇياشنىڭ چىقىشىنى كۆرۈشكە ئىنتىزار بولىۋاتقان قەلبىم مېنى داۋاملىق مېڭىشقا ئۈندەيتتى … مانا، نەپىسىم قىيىنلاشتى، ھالسىرىغان پۇتلىرىم تاش ئېسىپ قويۇلغاندەك ھېچبىر يەردىن ئاجرىغۇسى يوق ئىدى. تاغ يۇلى يانتۇ ھەم ئەگرى-بۈگرى ئىدى، ناۋادا سەللا بىخەستىلىك قىلسام، يان تەرەپتىكى تىگى يوق ھاڭغا مەڭگۈلۈك موللاق ئاتاتتىم. مۇشۇ ھالىتىم بېلەن موللاق ئاتسام، دۇنيادىن كەتكىنىمنى ئىنسى-جىنمۇ بىلمەيتتى. مەنمۇ ھازىرقى پۈتۈن جاپا-مۇشەققەت ۋە غەم-قايغۇدىن بىراقلا ئازاد بولاتتىم … ئەنە! تۈۋەنگە قاراپ ئۇچتۇم. پۈتۈن بەدىنىم يىنىكلەپ تۇلىمۇ راھەت ھېس قىلىۋاتىمەن … نېمىشقىكىن ھاڭدىكى تۇمانلار يۇقاپ سۈزۈلۈشكە باشلىدى … ئەنە، ھاڭنىڭ تىگى! … مانا، پارە-پارە بولۇپ كەتكەن گۈشلىرىم، ئەتراپقا چېچىلغان قانلىرىم … ئاچچىق بىر چۆچۈشتىن خىيالىمنى يىغدىم، ھېلىمۇ خىيالىم بولۇپ قاپتۇ، راستلا ھاڭغا ئۆزەمنى ئاتقان بولسام بۇ چاغقىچە «رەھمەتلىك» بولۇپ بولاتتىم. مېڭىۋاتىمەن، ئەمما تۇمان ھېچ سۈزۈلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ھارغىنلىق چېكىگە يىتىپ، يول لېۋىدە ئولتۇرۇپ كۈن چىقىش تەرەپكە قارىدىم. تۇماندىن باشقا ھېچنېمە يوق ئىدى … كۈتە، كۈتە، كۈن چىقىدىغان چاغمۇ بولۇپ قالغان ئىدى. تۇمان تارقىمىدى، كۈنمۇ چىقمىدى … بۈگۈن يەنە كۈن چىقمىدى. چىقمىدى ئەمەس، چوقۇم چىقتى، ئەمما مەن كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالمىدىم. …
كىيىنكى: مەن QQ دىن قانداق قول ئۈزدۈم
2011/11/19 17:58:25
مەن تولۇق ئوتتۇرىدا تۆت يىل قۇياش كۆرمىگەن، يۇرتنى سېغىنىش ھېسسىياتىنى تولۇق چۈشىنىمەن. كۆنۈپ قالىسىز…
2011/11/20 20:16:58
سىز رىمدىمۇ؟ قانداق ئەھۋالىڭىز ، كۆنۇپ كىتەلمىگەندەك كۆرۈنىسىز بۇ يازمىڭىزدىن ھە.
2011/11/21 18:44:33
ئاجايىپ يېزىپ قۇيۇپسەنغۇ؟ ئادەمنىڭ يۇرەكلىرىنى بىرقىسمىلا قىلىۋەتتى