بەخت ۋە مۇۋەپپىقىيەت
سىز ئۇچراشقان نەرسە كۆپەيگەنسىرى شۇنىڭغا ماس ھالدىكى تەسىراتلىرىڭىز كۆپىيىدۇ. ئىلگىرى پەقەت باشقىلارنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلىغىنىڭىز بېلەن ئۆز كۆزىڭىز بېلەن كۆرگەن ۋە ھېس قىلغىنىڭىزنىڭ پەرقلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدىكەنسىز. بۈگۈن توردا بەخت ۋە مۇۋەپپىقىيەت ھەققىدىكى بىر كىچىك پارچە دېققىتىمنى تارتتى. ئوقۇپ كۆرسەم خېلى توغرا يەكۈنلەنگەندەك قىلىدۇ. ناۋادا مەن خاتا چۈشىنىۋالمىغانلا بولسام، بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تىرىشساقلا قىلغىلى بولىدۇ. بەلكىم بەزىلىرىنى قىلىش تەسكە توختىشى مۇمكىن، لېكىن مۇشۇ ئىشلارنى قىلالىساق ئاددىي-ساددا ئۆتكەن شۇ تۇرمۇشىمىزنىڭ بەخت ۋە مۇۋەپپىقىيەت ئىچىدە ئۆتكەنلىكىنى ھېس قىلالىشىمىز مۇمكىن. تۇرمۇشىڭىزنىڭ مەركىزى سىز ۋە سىز ياخشى كۆرگەن كىشىلەردۇر، ھەرگىزمۇ ئارقىڭىزدىن قۇرۇق گەپ قىلىدىغان كىشىلەر ئەمەس! شۇڭا باشقىلارنىڭ گىپى ئۈچۈن ئۆزىڭىزنىڭ تۇرمۇش يولىڭىزنى ئۆزگەرتمەڭ! سىز ئۇلار ئۈچۈن ياشىمايسىز!
ئۇ پارچىدە تىلغا ئېلىنغىنى تۆۋەندىكى 22 تۈرلۈك ئىشكەن. كۆرۈپ بېقىڭ! ئوقۇپ بېقىڭ! ئاندىن ئوبدان ئويلاپ بېقىڭ: سىز بەخت ۋە مۇۋەپپىقىيەتكە قانداق قارايسىز؟ سىزنىڭچە تۆۋەندىكى ئىشلارنىڭ سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى بەخت ۋە مۇۋەپپىقىيەتتە ئېگەللىگەن ئورنى قانچىلىك؟ (تىرناققا ئېلىنغان قىسمىنى مەن قوشۇپ قويدۇم، ئەسلى پارچىدە يوق.)
1. توغرا ئادەم بېلەن توي قىلىش. بۇ ھاياتىڭىزدىكى بەخت ۋە قايغۇنىڭ 90% نى بەلگىلەيدۇ.(قىلىشقا تىرىشىڭ!)
2. ئۆزى ياقتۇرغان ئىشنى قىلىش، ۋاقتنى ئۆزى ياقتۇرغان كىشىلەر بېلەن بىللە ئۆتكۈزۈش.(قىلىشقا تىرىشىڭ!)
3. باشقىلارنىڭ كۈتكەن يىرىدىن چىقىش، ھەم بۇنى خۇشاللىق دەپ بىلىش.(مېنىڭچە بۇ قىيىن نۇقتا. باشقىلارنىڭ كۈتكەن يىرىدىن چىقىش ئاسان ئەمەس.)
4. ئۆزىڭىز قىلالايدىغان دەرىجىدىكى ئاكتىپ ۋە قىزغىن ئادەم بولۇڭ.(قىلىشقا تىرىشىڭ!)
5. ئۆزىڭىزنى ۋە باشقىلارنى ئەپۇ قىلىشنى بىلىڭ.(قىلىشقا تىرىشىڭ!)
6. كەڭ قۇرساق بولۇڭ.(قىلىشقا تىرىشىڭ!)
7. مىننەتدار بولۇڭ. باشقىلارنىڭ سىز ئۈچۈن قىلغانلىرى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىشنى بىلىڭ.(قىلىشقا تىرىشىڭ!)
8. ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇڭ، يېرىم يولدا بەل قۇيىۋەتمەڭ!(قىلىشقا تىرىشىڭ!)
9. ئىقتىسادچىل بولۇڭ. ھەرقانچە ئاز بولسىمۇ، ئارتۇقچە خەجلىمەڭ.(قىلىشقا تىرىشىڭ!)
10. باشقىلارغا ئۆزىڭىز ئۇلارنىڭ سىزگە قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى كۈتكەنگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىڭ.(قىلىشقا تىرىشىڭ!)
11. كەمچىلىكىڭىزنى تۈزىتىپ، ئۆزىڭىزنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈڭ.(قىلىشقا تىرىشىڭ!)
12. ساپالىق بولۇڭ.(قىلىشقا تىرىشىڭ!)
13. بەختنىڭ ھوقۇق، بايلىق ۋە ئابروي ئۈستىگە ئەمەس، بەلكى سىز سۆيگەن، ياقتۇرغان، ھۆرمەتلەيدىغان كىشىلەر بېلەن بولغا ئالاقە ئۈستىگە قۇرۇلىدىغانلىقىنى چۈشىنىڭ.(قىلىشقا تىرىشىڭ!)
14. ساداقەتمەن بولۇڭ.(قىلىشقا تىرىشىڭ!)
15. سەمىمىي بولۇڭ.(قىلىشقا تىرىشىڭ!)
16. تەشەببۇسكار بولۇڭ. ئۆزىڭىزنى قوزغىتىشنى بىلىڭ.(قىلىشقا تىرىشىڭ!)
17. مۇستەقىل كۆز-قارىشىڭىز بولسۇن، خاتا بولغان تەقدىردىمۇ.(قىلىشقا تىرىشىڭ!)
18. ھاياتىڭىزدىكى ھەممە ئىشقا ئۆزىڭىز ئېگە بولۇڭ. باشقىلاردىن رەنجىمەڭ، قاقشىماڭ، ھەم ئاغرىنماڭ.(قىلىشقا تىرىشىڭ!)
19. قەيسەر ھەم يۈرەكلىك بولۇڭ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەلۇم ئىشنى قىلمىغىنىڭىز ئۈچۈن ئەپسۇسلىنىدىغان ئىش بولمىسۇن.(قىلىشقا تىرىشىڭ!)
20. ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەنلەرنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىڭ.(قىلىشقا تىرىشىڭ!)
21. ئانىڭىزنى رەنجىتمەڭ.(قىلىشقا تىرىشىڭ!)
2011/12/10 23:52:09
知足者常乐 دېگەن گەپنى قانداق تەرجىمە قىلساق مۇۋاپىق بولار؟ مەن مۇشۇ گەپنىڭ مەنىسىگە بەك يېتىۋاتىمەن.
يۇقارقى ماقالىنى ئوقۇپمۇ مۇشۇ گەپنى قايتا ئەسلەپ قالدىم.
2011/12/10 23:52:48
كۈلەمەن ! خا خا
«ئاران 1 تاللا باھا يېزىلىپتۇغۇ؟ بىچارە ماقالە كۆمۈلۈپ كەتمىسۇن، باھا يېزىپ كۆتۈرۈپ قويۇڭ!
»
2011/12/10 23:53:19
بۈگۈن بىر گۈل چىقىرۋىتەيمۇ؟
2011/12/10 23:54:03
قىلغىلى ئىشى يوقكەن نەزەرباينىڭ دەپ قالماڭلار بۇرادەرلەر…
2011/12/10 23:54:54
راست قىلغىلى باشقا ئىش چىقمىدى. خا خا
2011/12/10 23:55:33
ئېنكاسىمغا ئېنكاس يازمايدىغان نۇرقۇتجان ئەمدىغۇ يازار….
2011/12/11 00:29:41
قارىم، قەيەردىكى ئىنكاسلىرىغا ئىنكاس يازمىغان بولغىيدىم؟ ماۋۇ تېمىدا بۇران چىقىپ كېتىپتۇغۇ ئەمدى
2011/12/11 04:36:52
نەزەرجان، بەگلىككە باسىلا ئىنكاس ساقلاۋاتىمىز
2011/12/11 00:27:32
«قانائەتچان كىشىلەرگە خۇشاللىق ھەمراھ!» دەپ ئالساقچۇ؟
2011/12/12 08:00:50
ماۋۇ تەرجىمىمۇ بولغۇدەك. ئاۋۇ تەرجىمىنى قىسىپ «قانائەتچانلار مەمنۇنىيەتچىلەردۇر» دېسەكمۇ بولغۇدەك.
2011/12/11 01:18:50
ھەقىقەتەن نۇرغۇنلىرىنى قىلىشقا تېرىشساق بولغۇدەك . قىسقا ھەم مەنىلىك تۈرلەر بەك جىقكەن ، ماڭا بەك يارىدى !
2011/12/11 01:54:40
ساقلىۋالدىم،ھەقىقەتەن بىر كۆرۈشكە ئەرزىگۈدەككەن.
2011/12/29 17:25:09
دېمەك، قىلىشقا تىرىشساڭ قىيىنغا توختىغان ئىشلارنىمۇ قىلغىلى بولىدۇ.
2011/12/31 21:11:20
قىلىشقا ئۇرۇنۇپ بېقىش كېرەك، بولمىسا كېيىن ئەپسۇسلىنىدىغان ئىش چىقىدۇ
2011/12/31 14:38:14
تۇرمۇشتا ئادەملەرنى ئىككى خىل تىپقا ئايرىش مۇمكىن مىكىن دەيمەن، 1-تۇرمۇشنى باشقۇردىغان كىشىلەر: بۇنداق ئادەملەر تۇرمۇشنى ئۆزىنىڭ نىشانىغا يىتەكلەپ ماڭىدۇ ھەم قىلىمەن دىگىننى قىلىپ نىشانىدىن ئاداشمايدۇ. 2- تۇرمۇشقا باشقۇرلۇپ كەتكەن كىشىلەر: بۇنداق ئادەملەر ھەمىشە ئارزۇ-ئارمانلىرىنىڭ كۆپلىگىنى ئۇلارنىڭ بىرىگىمۇ يىتەلمەيۋاتقىنىدىن قاقشاپ، تەقدىردىن زارلىنىپلا ئۆتىدىغان كىشىلەر. ئادملەر ھاياتىدا ئىككىلا تىپقا ئالمىشىپ تۇردىغان چاغلىرىمۇ بۇلىشى مۇمكىن.
2011/12/31 21:13:18
مېنىڭچە ئادەمنىڭ ھاياتى سىز دېگەن بۇ ئىككى تىپنىڭ گىرەلىشىپ كېتىشىمىكىن، بەزىدە مەلۇم تىپ روشەن ئىپادىلىنىپ چىقىپ قالىدۇ.
2012/01/01 22:31:02
ھەقىقەتەن ھەربىر ئادەم ئويلىنىشقا تىگىىشلىك ئىشلاركەن ،ئادەم ئىزدەنگۈچى بۇلۇش سۇپىتى بىلەن ،نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئىنتىلدىكەن،مەنچە شۇ ئىنتىلىشقا سۇنماس ئىرادە ،ئەمەلىي ھەركەت قۇشۇلسا بىزنىڭ بەخىت تۇيغۇمىز ھەسسىلەپ ئاشقۇسى!