ئۇيغۇرچە Android يانفۇن ROM تارقىتىلىپتۇ
يانفۇن تۇرمۇشىمىزنىڭ قات-قېتىغا سىڭىپ كېتىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، ئۇيغۇرچە كۈرۈنمە يۈزلۈك يانفۇنلار تېز سۈرئەتتە كۆپىيىۋاتىدۇ. نۆۋەتتە پارىڭى كۆپ بولىۋاتقان iPhone، Android ۋە Windows Phone قاتارلىق ئەقلى يانفۇنلارنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ھەققىدە ئۇزۇندىن بىرى مۇنازىرىلەرمۇ بولۇپ تۇرى. مانا ھازىر بىر قىسىم نەتىجىلەر قولغا كەپتۇ.
مول ھۇسۇللۇق تەجرىبەخانا بولغان uyghurdev تەجرىبەخانىسى ئۇيغۇرچە Android يانفۇن ROM ياساپ تارقىتىپتۇ. قىزىقىدىغانلار مەنبە ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇلىنىشقا كىرىپ سىناپ باققايسىلەر.
چۇشۇرۇش مەنزىلى: ئۇيغۇر يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت تورى تەجرىبىخانىسى
ئەسلى مەنبەدە بىرىلگەن ئالاھىدە ئەسكەرتىش: روم يېڭىلاش خەۋپ- خەتىرى بار مەشغۇلات. كىيىنكى بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزىڭىز مەسئۇل.
ئۇيغۇرچە Android سىستېمىلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇن سېتىۋالماقچى بولسىڭىز دۆڭكۆۋرۈك ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەھسۇلاتلار بازىرىغا قەدەم تەشرىپ قىلىڭ. بۇ توردىكى سودا بازىرىنىڭ ئاندروئىد ئۈسكىنىلىرى تۈرىنى تەجرىبىخانىمىز تېخنىكىلىق قوللايدۇ.
مەنزىلى: دۆڭكۆۋرۈك ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر بازىرى
بۇ نەتىجىنى خاتىرلەش ئۈچۈن ئۇيغۇرچە Android بەلگىسى بېسىلغان مايكا تەييارلىنىپتۇ. خالىغانلار دۆڭكۆۋرۈك ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەھسۇلاتلار بازىرىدىن سېتىۋالغايسىلەر، بۇ خاتىرە بۇيۇمىدىن ئۇيغۇرچە ئاندروئىد ئىشلىرىغا 5 سوم كىرىم بۇلىدىكەن.
ئەگەر خالىسىڭىز تۈۋەندىكى ئۇلانمىنى چىكىپ، بۇ خىزمەت ئۈچۈن 5 سوم ئىئانە قىلىڭ.
مەنبە: بىلىك كۇلۇبى http://bbs.bilik.biz/thread-24227-1-1.html
(ھەرقانداق مۇنازىرە خاراكتىرلىك پىكرىڭىز بولسا ئەسلى مەنبەگە كىرىپ قالدۇرڭ.)
كىيىنكى: ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن ئەلكۈيىدە سۆھبەت
2012/03/29 17:45:04
بۇ ئىشنىڭ غەلبىلىك بۇلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.