بلوگىم بىر ياشقا كىرىپ قاپتۇ
مانا بۈگۈن بلوگنىڭ تۇنجى يازمىسى نۇرقۇت بلوگى سىزنى قارشى ئالىدۇ يوللانغىنىغا نەق بىر يىل بوپتۇ. بۇ بىر يىل جەريانىدا تۇرمۇش رېتىمىمدا كۆپ ئۆزگىرىش بولدى، شۇ سەۋەبلىك بلوگ يازمىسىنىڭ ئىزچىللىقىدىمۇ زور پەرقلەر بولدى. ئالدىراش مەزگىللەردە بلوگ يېزىشقا ۋاقت چىقمىدى، بەزىدە ۋاقت چىقسا يازغۇدەك ئىلھام تېپىلمىدى. مۇنداقلا بىر نەرسە يوللاشقا كۆڭۈل تېخى ئۇنىمىدى. شۇنداقتىمۇ ئازنى كۆپكە تاۋاپ قىلىپ بلوگ ھاياتىمنى داۋاملاشتۇردۇم.
بلوگىمنىڭ يېقىنقى يېڭى قەدىمى «كىشى يۇرتلىرىدا» __ قەدەم مۇشۇ يەردىن باشلانسۇن! دا بېلەن يېڭى باسقۇچقا كىردى. 30 سائەتلىك كۈن ۋە نەس باسقان سەپەر(30 سائەت كېچىككەن ئايرۇپىلان) تېمىسىدىكى سەپەر تەسىراتى، بۈگۈن يەنە كۈن چىقمىدى تېمىسىدىكى كىشى يۇرتىدىكى مۇساپىرلىق تەسىراتى ۋە مەن QQ دىن قانداق قول ئۈزدۈم تېمىسىدىكى بلوگ يازمىلىرىم كىشى يۇرتىدىكى ئۇيقۇسىز كېچىلەرنىڭ ئەسلىمىسى بولۇپ قالدى. بۇنىڭدىنمۇ كىيىنمۇ بلوگىمنىڭ ۋە بلوگداشلىرىمنىڭ مەن بېلەن سىرداشلاردىن بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئاخىرىدا ئۆزەمنىڭ، شۇنداقلا باشقا ھەممەيلەننىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق، تۇرمۇشىغا خاتىرجەملىك تىلەيمەن. بلوگىم، بىر يېشىڭغا مۇبارەك بولسۇن.
2011/12/08 19:22:09
ياۋ…بىر دەمدە بىر ياشقا كىرىپتىما؟ مۇبارەك بولسۇن بىر يېشىڭغا !!!
2011/12/10 21:32:53
شۇنى دېمەمسىز، بۇ ۋاقت دېگەن ئۆتىۋىرىدىكەن ئەمەسمۇ
2011/12/08 21:13:57
مۇبارەك. كىشى يۇرتلىرىدا ئۆزۈڭنى ئوبدان ئاسرا بۇرادەر!
2011/12/10 21:28:05
رەھمەت بۇرادەر، سەزمۇ ئۆزۈڭنى ئاسرا
2011/12/08 22:16:13
تىرىشىڭ! ئوقۇشىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن
2011/12/10 21:28:36
رەھمەت، سىزنىڭمۇ ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن
2011/12/08 23:17:21
مۇبارەك بولسۇن
2011/12/08 23:22:50
مۇبارەك بولسۇن~!!!ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن،داۋاملىق تىرىشىڭ.
2011/12/10 21:32:04
رەھمەت، سىزنىڭمۇ ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن~
2011/12/10 20:23:37
ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن توربېكەتنىڭ ئىشلىرىنى دەپ ئۆگىنىشىڭىز تەسىرگە ئۇچرىمىغاي
2011/12/10 21:31:17
رەھمەت، سىزنىڭمۇ ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن ! ~
خاتىرجەم بولۇڭ، توربېكەت پەقەت ئۆگۈنۈشنىڭ بىر قىسمى، ئۇنى دەپ ئۆگۈنۈشۈمنى تەسىرگە ئۇچراتمايمەن.
2011/12/11 01:29:49
مۇبارەك بولسۇن ! ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغاي !
2011/12/11 19:31:45
رەھمەت، سىزنىڭمۇ ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولغاي
2011/12/11 04:36:11
مېنىڭ قانچە ياش بولغاندۇ…ئەمما بلوگ بولغان ياخشى زادى
2011/12/11 19:34:32
سىز قېرى بلوگچى بولغاندىكىن يېشىنى سانىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. راستىنى دېسەم ئەڭ باشتا بۇ بلوگنى داۋاملاشتۇرۇپ يېزىش خىيالىم يوق ئىدى، ھەم كۆزۈممۇ يەتمەيتتى. مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئەھۋال ئۆزگەردى، شۇنىڭ بېلەن بۇ بلوگنىڭ تەقدىرى ئۆزگەردى. ئادەم يوق چاغلاردا بلوگ بېلەن سىردىشىۋاتىمەن شۇ
2011/12/12 20:42:27
قۇتلۇق بىر يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن نۇرقۇتنى قوللايمىز
2011/12/13 22:45:41
ئوھھوي ئىككىمىزنىڭ يېشىمىز تەڭلىشىپ قاپتىغۇ. مابلوگ يېزىش يېشىدا…
قېنى ئەمىسە قۇردىشىم پارلاق مەنزىلگە قاراپ ھۇررا..!
2011/12/29 17:21:13
نۇرقۇت ئىنىمنىڭ بلوگىنىڭ بىر ياشقا كىرگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن!
نۇرقۇت بلوگىدا بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى تېمىلارنىڭ روياپقا چىقىشىغا تىلەكداشمەن!
كېچىكىپ تەبرىكلەپتىمەن.
2011/12/30 01:38:46
تەبرىك دېگەن مەڭگۈ كېچىكمەيدۇ، ھاھاھ
2011/12/31 14:40:18
مۇبارەك بولغاي
2011/12/31 14:41:31
بلوگلىرىغا بۇرۇن دىققەت قىلماپتىكەنمەن. يازمىللىرىنى ياقتۇرۇپ قالدىم. بۇندىن كىيىن ئەھۋاللىشىپ تۇرايلى. بلوگنى ئۇلىۋالدىم، خالىسىڭىز مۇنىڭكىنىمۇ ئۇلاپ قۇيارسىز
2011/12/31 21:17:06
رەھمەت. بلوگىڭىزدا بلوگ مەنزىلىمنى ئۇچراتمىدىم. تەكشۈرۈپ باققايسىز. بلوگىڭىزنى ئۇلىۋالدىم.
2012/01/01 05:28:11
بۇ بلوگنىڭ لوگوسىنى تاپالماي nurqut.com نى ئۇلىغانتىم
2012/01/01 05:29:41
كەچۈرۈڭ بايا دىققەت قىلماپتىمەن ! بۇنىمۇ ئۇلاپ قويدۇم
2012/01/01 20:34:30
بلوگ تۇغى ئۇلانغان ئادرېس توغرا ئەمەستەك قىلىدۇ، تەكشۈرۈپ بېقىڭ. رەھمەت.
2012/01/03 12:26:23
بۇ بلوگنىڭ يېشى مىنىڭكىدىن كىچىككەن، بىراق قاراشقا مىنىڭكىدىن قېرى كۆرىنىدىكەن
2012/01/23 00:31:11
نۇرقۇت ئەپەندىم بىلوگنىڭ بېشىدىكى لوگو رەسىمنى قانداق قىلىپ پۈتۈن چىقارغىلى بولىدۇ . مىنىڭ بىر بۇرجىكى ئاق تاشلىنىپ قالدى .
2012/01/23 08:34:34
بلوگىمدا تېخنىكىغا ئائىت مەزمۇنلار بولمايدۇ، تېخنىكىغا ئائىت ھەرقانداق سۇئالىڭىز بولسا نۇرقۇت دۇنياسىغا كىرىپ يوللىسىڭىز دەل ۋاقتىدا جاۋاب تېپىشىڭىزغا كاپالەت بىرىمەن. ئەسلى بۇ سۇئالىڭىزغا جاۋاب قايتۇرسام بولاتتى، لېكىن بۇ يەردىكى تېخنىكىلىق پاراڭلارنى قىلساق باش بەك ئاغرىپ كېتىدىكەن، ھەم بۇ بلوگ ئۇسلۇبىمۇ كود يوللاشقا ماس كەلمەيدۇ، تېخنىكىلىق پاراڭغا مېنىڭچە نۇرقۇت دۇنياسى يىتەرلىك سورۇن بولالايدۇ.
(سىز تەگلىك رەسىمنى قايتىلىنىپ چىقىدىغان قىلسىڭىزلا مەسىلىڭىز ھەل بولىدۇ.)
2012/01/24 01:52:39
بولىدۇ ، مەن نۇرقۇت مۇنبىرىگە كىرىپ ئىنكاس قالدۇراي .
يۇقۇرىدىكى ئىنكاسىمنى ئۆچۈرىۋەتسىڭىز بولىدۇ .