مانا بۈگۈن بلوگنىڭ تۇنجى يازمىسى نۇرقۇت بلوگى سىزنى قارشى ئالىدۇ يوللانغىنىغا نەق بىر يىل بوپتۇ. بۇ بىر يىل جەريانىدا تۇرمۇش رېتىمىمدا كۆپ ئۆزگىرىش بولدى، شۇ سەۋەبلىك بلوگ يازمىسىنىڭ ئىزچىللىقىدىمۇ زور پەرقلەر بولدى. ئالدىراش مەزگىللەردە بلوگ يېزىشقا ۋاقت چىقمىدى، بەزىدە ۋاقت چىقسا يازغۇدەك ئىلھام تېپىلمىدى. مۇنداقلا بىر نەرسە يوللاشقا كۆڭۈل تېخى ئۇنىمىدى. شۇنداقتىمۇ ئازنى كۆپكە تاۋاپ قىلىپ بلوگ ھاياتىمنى داۋاملاشتۇردۇم.
بلوگىمنىڭ يېقىنقى يېڭى قە...
تولۇق مەزمۇنى
تور بېكەتنىڭ كۆرۈنمە يۈزى ئوپئوخشاش بولۇپ قالسا تور بېكەت ئىگىسىنىڭ كۆڭلى سەل بىئارام بولىدىكەن. مەن كەسپى بلوگېر بولمىساممۇ بەزى-بەزىدە بلوگ يېزىپ قويىمەن. شەخسىي بلوگىمنىمۇ WordPress تە قۇرۇۋالغان ئىدىم. باشتىلا ئۇسلۇب ئىزدەپ يۈرۈپ WPSummer ئۇسلۇبىنى ياقتۇرۇپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرچىغا ماسلاشتۇرۇپ بلوگنىمۇ ئېچىۋالدىم. شۇ ئىشلارغا يېرىم يىلدىن ئاشتى.
دەسلەپتە بۇ WPSummer ئۇسلۇبنى ئىشلەتكەنلەر يوق ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئىلقۇت ئەپەندىم بۇ ئۇسلۇبن...
تولۇق مەزمۇنى
بلوگىم قۇرۇلغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە مۇشۇ بىرلا ئۇسلۇبنى ئىشلىتىپ كەلدىم. ئۇسلۇب يېڭىلاشقا ۋاقت چىقمىغانلىقتىن ئەمەس، بەلكى بۇ ئۇسلۇبنى بەكلا ياقتۇرۇپ قالغىنىم ئۈچۈن ئىدى. بولۇپمۇ رەڭلەر كۈزۈمگە بەك ئىللىق كۆرۈنەتتى.
مانا يېرىم بوپتۇ، ئەمدى بىر كىيىم ئالماشتۇرۇپ باقايمۇ-يا دەپ تورنى مىڭ ئىزدىسەممۇ تۈزۈكرەك بىرەر ئۇسلۇب ئۇچرىمىدى. قانداق قىلىش كېرەك؟ ئاخىرى مۇشۇ ئۇسلۇبقا ئازدۇر كۆپتۇر بولسىمۇ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ بېقىشنى ئويلىدىم. ھەرخىل ئۆزگەرتىش ئا...
تولۇق مەزمۇنى
جاپا-مۇشەققەتلىك بىر كۈنلۈك تەڭشەش، رەتلەش ئۆزگەرتىشلەر ئارقىلىق بلوگىمنىڭ تۇنجى ئۇسلۇبىنى ھەر-ھالدا يامان ئەمەس قىلىپ تەڭشىۋالدىم. رەسىم لايىھەلەشكە قۇربىم يەتمىگەچكە تورداشلارنىڭ ياردىمىدە بۇ ئىشمۇ ھەل بولدى. يەلكەمدىن بىر يۈكنى ئېلىۋەتكەندەك يىنىكلەپ قالدىم.
ھازىر بىر-ئىككى پارچە رەسىم ۋە ئەڭ يېڭى قايتۇرۇلغان ئىنكاسنى كۆرسىتىدىغان ئىشلا قېلىپ قالدى. ئۇزۇنغا قالماي بۇلارمۇ ھەل بولغۇسى.
شۇنداق قىلىپ مەنمۇ مۇېتەقىل بلوگ سۇپىسى ئاچتىم. بۇ يېڭى دۇن...
تولۇق مەزمۇنى
نۇرقۇت بلوگى سىزنى قارشى ئالىدۇ. بۈگۈن ئازراق ۋاقت چىقىرىپ، دەسلەپكى قەدەمدە WordPress نىڭ ئەڭ يېڭى ئۇيغۇرچە نۇسخىىسى ئۇتۇقلۇق ئورنىتىلدى. بۇ نۇسخىنى تەييارلىغان تۆھپىكارلارغا ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. بۇنىڭدىن كىيىن نۇرقۇت بلوگى داۋاملىق يېڭىلىنىدۇ.
بلوگ مېنىڭ مۇستەقىل دۇنيايىم، ئۇ پەقەت شەخسىي تۇرمۇشۇمنىڭ بىر قىسىمى. نۇرقۇت دۇنياسى بىلەن ئالاقىسى يوق. شۇڭا بلوگدىكى پاراڭلار بىلەن نۇرقۇت دۇنياسىنىڭ چوقۇم ئالاقىسى بولۇشى ناتايىن.
...
تولۇق مەزمۇنى